تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خاس كەسىپلەر ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

تۇرپان شەھىرى يالقۇنتاغ بازىرى:

خاس كەسىپلەر ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ

4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سەھەر سائەت 5تە، ئەخمەت ئەنەيتۇل بازاردىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش بازىسىغا بېرىپ سېرىقئاش ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى؛ ئەتىگەن سائەت 10دا، مەنسۇر ئوسمان يالقۇنتاغدىكى داڭلىق سېرىقئاش - كاۋاپ دۇكىنىغا كېلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

بۇلار تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يالقۇنتاغ بازىرىدىكى كۈندىلىك كۆرۈنۈش. يالقۇنتاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ بازار خاس كەسىپلەرنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سۈرەتلىمەكتە.

يالقۇنتاغ بازىرىدىكى سېرىقئاش ساپسېرىق، مايلىق، پارقىراق، تەمى ئاچچىق - چۈچۈك، يېيىشلىك بولۇپ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇششاق يېمەكلىككە ئايلاندى. ئەمما ئۇزاقتىن بۇيان، بۇ يەردە سېرىقئاش كىچىك ھۈنەرخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلاتتى. كىچىككىنە سېرىقئاشنى قانداق قىلىپ كۆلەملەشتۈرۈش، خاس كەسىپكە ئايلاندۇرۇش بازارلىق ھۆكۈمەت پىلانلىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.

2020 - يىلى سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، شۇ جاي 2 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ كىرگۈزۈپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدا سېرىقئاش ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇردى. پۈتۈن بازاردىكى 20دىن ئارتۇق سېرىقئاش دۇكىنى زاۋۇتقا كىرگۈزۈلۈپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇلدى، سېرىقئاش بىرتۇتاش سېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھسۇلاتلار نەپىس ئوراپ قاچىلاندى. ھازىر يالقۇنتاغ بازىرىدىكى سېرىقئاش ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدىغان بولدى.

«<1 - ماي>غا ئاز قالدى، خېرىدارلارنىڭ سېرىقئاشقا بولغان ئېھتىياجى ئادەتتىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، مەن سەل يېتىشەلمەي قالدىم. سېرىقئاش ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئائىلىمىزدىكى ئۈچ مو ئۈزۈملۈكنىڭ كىرىمىنى قوشساق، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.» 40 ياشتىن ئاشقان ئەخمەت يالقۇنتاغ بازىرىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئەينى چاغدا سېرىقئاش ھۈنىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئەسلىدە سېرىقئاش سېتىپ پۇل تاپالايمەن دەپ ئويلىغانىدى، لېكىن كەسىپداشلارنىڭ باھانى چۈشۈرۈش رىقابىتى ئۇنى غەمگە پاتۇردى. ھازىر ياخشى بولدى، پۈتۈن بازار بويىچە سېرىقئاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش ئۇنى غەمدىن قۇتۇلدۇردى. «يالقۇنتاغ سېرىقئېشى قانچە داڭلىق بولغانسېرى، مېنىڭ كىرىمىم شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ» دېدى ئەخمەت.

چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، يالقۇنتاغدىكى داڭلىق سېرىقئاش - كاۋاپ دۇكىنىدا ئورۇن قالمىغانىدى، 600 كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ زالدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى خېرىدارلار يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدىكى ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىدى.

«15 يىل ئىلگىرى، مەن سېرىقئاش - كاۋاپ دۇكىنى ئاچقاندا، پۈتۈن بازاردا پەقەت ئۈچلا يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى بار ئىدى، ھازىر يېقىن ئەتراپتىلا 22 يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى بار» دېدى دۇكان ئىگىسى مەنسۇر، «ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دىن كەچ سائەت 11گىچە تىجارەت قىلىمەن، ھەپتە ئاخىرى ياكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىر كۈندە ئوتتۇرىچە 2000 قاچا سېرىقئاش ساتالايمەن، يەنە 15 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇم».

«تاماق ۋاقتىدا ئۇنىڭ دۇكىنىدا تاماق يېيىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، سودىسى ناھايىتى ياخشى.» يالقۇنتاغ بازىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بازار باشلىقى پەن فېڭ مۇنداق دېدى: يالقۇنتاغ بازىرىدا ھازىر 4000دىن ئارتۇق كىشى 192 يېمەك - ئىچمەك كارخانىسىدا تىجارەت قىلىدۇ، ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە كۈنىگە 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يالقۇنتاغ بازىرىغا كېلىپ خاس يېمەك - ئىچمەكلەرگە ئېغىز تېگىدۇ، 2020 - يىلى خاس يېمەك - ئىچمەكتىنلا پۈتۈن بازاردىكىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 500 يۈەن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.