تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدە كۆركەم بۇرۇلۇش بولدى

يەنجى ناھىيەسىدە:

ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدە كۆركەم بۇرۇلۇش بولدى

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، خىزمەتچى خادىم يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تيەنسەي ھاراقچىلىقىنىڭ ھاراق ئىسكىلاتىدا ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، يەنجىدە 100 مىڭ مولۇق يېشىل ئورگانىك ھاراق ئېچىتىش ئۈزۈمچىلىك بازىسى قۇرۇلدى ھەم غەربىي قىسىمدىكى ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، تۇرپاندىن يولغا چىقىپ، تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)نى بويلاپ غەربكە قاراپ ماڭدۇق، يول تۈز ھەم توسالغۇسىز بولغاچقا، ئاپتوموبىل جىلغىلار ئارىسىدا خۇددى تېز قولۋاققا ئوخشاش ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

يەنجىگە يېتىپ كەلگەندە تۈن پەردىسى يېيىلغانىدى، ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىغاندا، رەڭگارەڭ چىراغلار بىلەن توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆزنى چاقنىتاتتى، رەتلىك كەنت-مەھەللىلەر ئاۋات شەھەر رايونى بىلەن تۇتىشىپ تۇراتتى، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى بولغان يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھەممىلا يېرىدىن زامانىۋى تۈس چىقىپ تۇراتتى.

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىدىكىلەر يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىغا كىرىپ، خاس كەسىپلەر بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچراشتى؛ چەت، يىراق كىچىك تاغلىق كەنتلەرگە كىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش دەستۇرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. بۇ يەردە، بىز يەنجى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆركەم بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆردۇق.

«پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە، يەنجىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بىرقەدەر ئاز، لېكىن بىزدە رايون ئورنى قاتنىشى، خاس بولغان سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر بار، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق» دېدى يەنجى سانائەت باغچە رايونى جەمئىيەت تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ ۋېييى.

مۇخبىرلار شۇ جايدىكى بەزى يېشى چوڭراق كادىر، ئاممىدىن 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىلا، يەنجىنىڭ داڭلىق «ئاشلىق ئامبىرى» ئىكەنلىكىنى، 70-يىللاردىن باشلاپ قىزىلچا تېرىشنى كېڭەيتكەنلىكىنى، 80-يىللاردا شۇ جاينىڭ «كۆك تاق» بازىسىغا ئايلانغانلىقىنى، 90-يىللاردا شوخلا، لازىنى ئاساس قىلغان «قىزىل كەسىپ»نى گۈللەندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، 21-ئەسىرگە كىرگەندە، شۇ جاينىڭ ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ زورايغانلىقىنى بىلدى.

ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش دۆلەتنىڭ يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا «يەنجىنىڭ جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقىدەك» بۇ ئەۋزەل بولغان رايون ئورنى ئۈستۈنلۈكىدىنمۇ ئايرىلالمايدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ بۇ بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتكەندە، چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت تور مەركىزىنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا، ئاپتوموبىللار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى؛ غەربىي چۆللۈكتە، سانائەت باغچە رايونىنىڭ كۆلىمى يىلدىن-يىلغا ئاشتى. جاڭ ۋېييى مۇنداق تونۇشتۇردى: يەنجى سانائەت باغچە رايونى 2013-يىلىدىن باشلاپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سانائەت باغچە رايونى بولغاندىن كېيىن، ماكانلاشقان كارخانىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى تېخىمۇ روشەن بولدى، ھازىر تۈرلۈك كارخانىدىن 88ى ماكانلىشىپ، «بىر باغچە، بەش رايون»دىن ئىبارەت كەسىپلەر تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندى.

مۇخبىرلار باغچە رايونى ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جاينىڭ ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈمچىلىك كەسىپلەر باغچىسى ئىكەنلىكىنى كۆردى. كەسىپلەر باغچىسى ئىچىگە ماكانلاشقان 15 كارخانا تىككەن 100 مىڭ مو ئۈزۈم قاقاس چۆللۈكتە بىر پارچە يېشىللىق پەيدا قىلغان، بۇ يەردە يىلىغا 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك تەمدىكى ئۈزۈم ھارىقىدىن 6000 توننا پىششىقلىنىدىكەن.

ئۈزۈم بارىڭى چۆل-جەزىرىنى يېشىللىققا پۈركىدى، ئۈزۈم ھارىقىنىڭ خۇش ھىدى يىراق - يىراقلارغا تارالدى، يەنجىنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىمۇ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. 2800 مو يەرگە ئۈزۈم تىككەن تيەنسەي ھاراق قورۇقى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىدە، ئىلگىرى قاتناش قولايسىز، ئۇچۇر راۋان ئەمەس، تېرىقچىلىقى بىر خىللا بولغاچقا، بىر مەھەل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قولايلىق قاتناش بۇ كەنتنىڭ داڭلىق «مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك مەدەنىي كەنت» «دۆلەت بويىچە گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان ئۈلگىلىك كەنت» بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«بۇلتۇر 5-ئايدا دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، يىل ئاخىرىغىچە 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇ يىل، مەن مېۋە، كۆكتات ئۈزۈش باغچىسىنى تۈزەپ رېمونت قىلدىم، كىگىز ئۆي قۇردۇم، كىرىمىم يەنە كۆپىيىدۇ» دېدى خوراتاغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نازى مەمەت.

خوراتاغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شاۋ گوپىڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىل ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى تېخى ئېشەك ھارۋىسى بىلەن يول يۈرەتتى، بۇلتۇر پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 17 مىڭ يۈەنگە يەتتى، 30 دېھقان ئائىلىسى پىكاپ سېتىۋالدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار تۇتاشتى   ئارزۇ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

4-ئاينىڭ 28-كۈنى  چارشەنبە  ھاۋا ئوچۇق

قەلبتە ئارزۇ بولسا، قەدەم كۈچلۈك بولىدۇ. «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى.

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونىدا، باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى كادىرلار ۋە كارخانىچىلار پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)دىن چۈشۈپلا يېشىللىققا پۈركەنگەن باغچە رايونىغا يېتىپ كەلگىلى بولىدۇ، بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان چۆللۈك ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن.

زىيارەت داۋامىدا بىزدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتى بولدى، پۈتۈن كەنتتىكى 94 دېھقان ئائىلىسى ئىچىدە 30 ئائىلە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان بولۇپ، كەنتتىكى ياڭيۇ، قوي گۆشى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىكەن. كەنت ئاھالىلىرى خوراتاغ كەنتىنىڭ ئىلگىرى ناھىيە بويىچە ئەڭ نامرات كەنت ئىكەنلىكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، نامرات كەنتنىڭ باي كەنتكە ئايلانغانلىقىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردى.

ئارزۇلار تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا ئەگىشىپ كۈچەيمەكتە، يول بويى يەنە تېخىمۇ كۆپ تەسىرلىك ھېكايىلەر بىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىمىزنى كۈتمەكتە. (جاڭ جىلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.