تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ كۆۋرۈك سېلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«كۆۋرۈك بار بولدى، بالىلار ئەمدى مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن تۆگىگە مىنمىسىمۇ، ئاسما يولدا ماڭمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مارياڭ يېزىسى پىل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كۈرەش ئابلىدىكىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كۆۋرۈك بار بولدى، كەنتىمىز تەرەققىياتنىڭ <تېز سۈرئەتلىك يول>ىغا قەدەم قويدى».

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئەزەلدىن «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت» «بۇلۇت ئۈستىدىكى ناھىيە بازىرى» دېگەن گۈزەل نامى بار. پىل كەنتىنىڭ تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، خۇددى قاچىنىڭ تېگىگە ئوخشايدۇ. بۇ كەنت مارياڭ يېزىسىغا 51 كىلومېتىر، تاشقورغان ناھىيە بازىرىغا 186 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئىلگىرى، كەنتتىن چىقىدىغان يولنىڭ بىر تەرىپى تىك قىيالىق، يەنە بىر تەرىپى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يەكەن دەرياسى ئىدى.

«چوڭ تاغ ئايرىپ تۇرىدىغان، يەكەن دەرياسىنىڭ سۈيى شىددەت بىلەن ئاقىدىغان بولغاچقا، ئىلگىرى كەنتتىكى بالىلار ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن يەتتە - سەككىز كۈن ماڭاتتى. ناھىيە بازىرىغا يېتىپ بارغاندا كۆپىنچە ھاللاردا ئاياغلىرى ئۇپراپ تېشىلىپ كېتەتتى، پۇتلىرىمۇ ئىششىپ كېتەتتى.» 21 ياشلىق بۇرابۇل مۇسلەت كىچىكىدىنلا پىل كەنتىدە چوڭ بولغان بولۇپ، بالىلىق چاغلىرىدىكى بىلىم ئېلىش سەرگۈزەشتىسى ئۇنىڭ ئېسىدىن ھەرگىز چىقمايدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ چاغلاردا يول ۋە كۆۋرۈك بولمىغاچقا، ئاپتوموبىل كەنتكە كىرەلمەيتتى، تۆگە ۋە ئات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قاتناش قورالى ئىدى. كەنتتىن چىقىدىغان يولدا ھەربىر قەدەمنى ئېلىشمۇ شۇنچە جاپالىق بولۇپ، كەنتكە ئەڭ يېقىن مارياڭ يېزىسىغا بېرىش ئۈچۈنمۇ ئىككى كۈن مېڭىشقا توغرا كېلەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، پىل كەنتىدىكى بالىلار تۆگىگە مىنىپ، ئاتقا مىنىپ، ئاسما يولدا مېڭىپ مەكتەپكە بارىدىغان مەنزىرە تارىخقا ئايلاندى: 2013 - يىلى مارياڭ يېزىسىدىن پىل كەنتىگە 51 كىلومېتىر كېلىدىغان 4 - دەرىجىلىك تاشيول ياسالدى؛ 2014 - يىلى پىل كەنتى چوڭ كۆۋرۈكى پۈتۈپ تۇتاشتۇرۇلدى؛ 2019 - يىلى، تۈپتۈز ئاسفالت يول پىل كەنتىگىچە تۇتاشتۇرۇلدى.

«كۆۋرۈك جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلۇپ، تەبىئىي توسۇق راۋان يولغا ئايلاندى.» قاتناش شارائىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پىل كەنتىدىن ناھىيە بازىرىغا بېرىشقا پەقەت تۆت سائەتتىن كۆپرەكلا ۋاقىت كېتىدىغان بولدى؛ قۇرۇلۇش ماددىي ئەشيالىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا كەنتكە توشۇلۇپ، پىل كەنتىنىڭ قىياپىتى كۈنسايىن يېڭىلاندى.

ئەينى يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسەتكەن «تۆگىگە مىنىپ مەكتەپكە بېرىش خاتىرىسى»دە، تۆگىگە مىنىپ، ئاتقا مىنىپ، ئاسما يولدا مېڭىپ مەكتەپكە بارىدىغان بۇرابۇل ھازىر كەنت يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى. «مەن دائىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا بولىمەن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ھەر ۋاقىت رەھمەت ئېيتىمەن.» بۇرابۇل مۇنداق دېدى: بۇ كىچىك تاغلىق كەنتتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلار ئۆزلىرىنىڭ داشۆ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

قالتىس مۇساپە، غايەت زور ئۆزگىرىش. كۆپ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پىل كەنتىنى سۇ، توك، يول، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئالاقىلىشىش كەڭ بەلبېغى قاتارلىق «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش» ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى، كەنتتە يېڭىدىن يەسلى، داۋالاش ئۆيى، پۇقرالار چوڭ سەھنىسى قۇرۇلدى...

بۈگۈنكى كۈندە، پىل كەنتىگە كىرسىڭىز، كەڭ، تۈپتۈز ئاسفالت يولنىڭ ئۆي - ئۆيلەرگە تۇتاشقانلىقىنى، تاتلىق، سۈزۈك تۇرۇبا سۈيىنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئەمىن ئۆيلەرنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز. بۈگۈنكى پىل كەنتىدە ھەممە ئائىلە گاز ئوچاق ئىشلىتىدىغان بولدى، «ئۈچ تاش، بىر قازان» دەۋرى ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى.

«كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال.» سۆزلەۋېتىپ، 69 ياشلىق ياشانغان كىشى سەيدۇق ئابدۇللاخاننىڭ كۆزلىرى كۈلكىدىن يۇمۇلۇپ كەتتى، «يول چىراغلىرى يورۇپ، كۆڭلۈمنىمۇ يورۇتۇۋەتتى!» سەيدۇقنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئاشخانىنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتلەر ئۇنى «كەنتتىمۇ ئۆزىنى شەھەر ئاھالىسىدەك ھېس قىلىدىغان تۇيغۇغا ئېرىشتۈردى».

پىل كەنتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، «دۇنيادىن ئايرىلىپ ياشايدىغان تۇرمۇش» پىل كەنتىدە تارىخقا ئايلاندى، پىل كەنتىگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، كاللىسى ئوچۇق كەنت ئاھالىلىرى دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىپ، «ساياھەت تامىقى» يېدى.

«ئائىلىمىز يېقىندا نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، نەچچە مىڭ يۈەن پۇل تاپتۇق» دېدى ئۆزىنىڭ تۆت كىگىز ئۆيى، 20دىن ئارتۇق كارىۋىتىدىن پايدىلىنىپ چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچقان نۇربېگى كۈلۈپ تۇرۇپ.

مۇخبىر زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، سەيدۇق بوۋاي ئىختىيارسىز ھالدا ناخشا ئېيتىپ كەتتى: «كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ياخشى، يېڭى ئۆيلەردە تۇرۇپ شادلاندۇق، پىل كەنتىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئۆزگەردى...»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.