تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ «1 - ماي»نى ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈش

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ نا، ليۇ شياڭ

«1 - ماي»لىق دەم ئېلىش باشلاندى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرى «قىزىپ» كەتتى، شەھەر ئاھالىلىرى بەس - بەستە قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئىنقىلابىي تارىخنى قايتا ئەسلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلىنىپ، دەم ئېلىش كۈنىنى ئۆزگىچە ئۆتكۈزدى.

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا باردى، بارغانلىكى جايدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى، ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى ئالدىن كېلىشىش، چەك قويۇش، ۋاقىتقا بۆلۈپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولۇپ، نەق مەيدان تەرتىپلىك ئىدى، خىزمەتچىلەر ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە قىزغىن مۇلازىمەت قىلىۋاتاتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىڭدې يولىغا جايلاشقان ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىغا كىرگىنىمىزدە، ھويلىدىكى ئېگىز قەد كۆتۈرگەن، بۈك - باراقسان ئۆسكەن بىرنەچچە تۈپ قەدىمىي دەرەخنىڭ شاخلىرى ئۆگزىدىن ئېگىز ئۆسكەن بولۇپ، كىچىك ھويلا جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى.

«ئۇ كىرسىن ئوچاقتىن بىرنى تېپىپ كېلىپ، ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئۆزى ئېتىپ يېگەن، ھەر كۈنى ئېشىپ قالغان سەيلەرنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، خۇنەنلىكلەرنىڭ سەي چىلاش ئۇسۇلى بويىچە ئىدىشقا چىلاپ، ئازراقمۇ ئىسراپ قىلمىغان.» كۆرگەزمىخانىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى بىر كىرسىن ئوچاقنىڭ ئالدىدا، چۈشەندۈرگۈچى خالىنا نۇسقا ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئىنقىلابچى ماۋ زېمىننىڭ پاك، تەلەپچانلىقىغا ئائىت كىچىك ئىشلارنىمۇ سۆزلەپ بەردى.

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 14 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشى ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى ئالدىن كېلىشىپ قويىدىكەن.

جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن، يەردىكى مىس قۇيما بەلگىنى بويلاپ، قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش يولىدا «ماڭدى». كۆرگەزمە زالىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئەمەلىي بۇيۇم، سۈرەت، كۆرۈنۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۆپ ۋاسىتە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ گەنسۇدىن قومۇل شىڭشىڭشياغىچە بولغان جاپالىق مۇساپىسى ھەمدە ئۈرۈمچىدە ئۆگەنگەن، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرگەن، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ھېكايىلىرى بىلەن تونۇشتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مياۋ شىنديې ئاپىسى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئوق - دورا، ئوزۇق - تۈلۈك ئۈزۈلۈپ قالغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا تىز پۈكمەي، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى بىلگەندە، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىنقىلابىي ئەجدادلار بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىق بېرىپتۇ، مەن ياخشى ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا ئۇلارغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىمەن».

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇلتۇر جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، دائىم كۆرىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، سۈرەتلەر، ھەيكەللەر، مەنزىرىلەردىن باشقا، يەنە ئاۋاز، نۇر، ئېلېكتىر، VR قاتارلىق زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ خاتىرە سارايغا كېلىدىغان كىشىلەر سىجىل كۆپىيىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى ئالدىن كېلىشىش ۋاقتى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تىزىلىپ بولغان. خاتىرە ساراي مۇلازىمەتنى يەنىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىكتىن كىرىدىغان يېرىگە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈش تەشۋىقات تاختىسىنى قويغان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ۋىيشىن ئارقىلىق كودنى سىكاننېرلاپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىيالايدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى يېشىل قارىغاي - ئارچىلار ئوراپ تۇرغان بولۇپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالدى بىلەن ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئاندىن ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى ۋە كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى.

«ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئالىيجاناب روھى مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قوزغىدى.» «تىيانشان ئابىدىسى» باش تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىسى لى مىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ۋە تەپسىلىي يېزىلغان يازما تونۇشتۇرۇشلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە يۈزبەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر ھەمدە ھەر مىللەت قەھرىمانلار، نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىنى سىستېمىلىق چۈشەندىم، بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندىم ۋە ئىلھاملاندىم».

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىيشىن سۇپىسى يەنە «تور كۆرگەزمە سارىيى» «توردا كۆرگەزمە قىلىش» «ھېس قىلىش دەرسخانىسى» قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاممىنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا «بارماق ئۇچى» ئارقىلىق كۆرگەزمە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

سەپەر خاتىرىسى

گۈزەل بىر مەنزىرە

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شەنبە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ

بۈگۈن ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، نۇرغۇن ئاتا - ئانا بالىلىرىنى ئېلىپ ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا كەلگەن بولۇپ، بىر گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرگەنىدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاۋاتلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، ئىنتايىن پەخىرلەندىم. بۇ ئاۋاتلىقنىڭ ئېشىپ بېرىشى قىزىل مەدەنىيەتنىڭ ئاممىنىڭ ھازىرقى قەلب ئارزۇسى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىغا ماس كەلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەتتى.

جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىدا ئۇچرىغان قىزچاق مياۋ شىنديې مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم قىزىل مەنزىرە نۇقتىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشى ئىكەن، ئۇ ماڭا: سۈرەتتىكى ھەربىيلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان بۇ خىل روھىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئىش ئىزلىرى مياۋ شىنديېنى تەسىرلەندۈردى، شۇنداقلا ھەربىر ئېكسكۇرسىيەچىنى تەسىرلەندۈردى، بۇ، قىزىل مەدەنىيەتنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ رىتىمى ناھايىتى تېز، كىشىلەرنىڭ توختاپ ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاشنى خالىشى كۆپچىلىكنىڭ ئاشۇ غايىلىك، ئېتىقادلىق ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا باي كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، ئىنقىلابچىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى ۋە چىن مەنىسىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. مېنىڭچە، بۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. (ۋاڭ نا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.