تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پاختىچىلىق كەنتىدىكى يېڭى كەيپىيات

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيقۇغا كەتكەن يەر - جاھان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، دېھقانلارمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى شارىلجىن كەنتىدە باشقىچە بىر مەنزىرە بارلىققا كەلدى: كۆز يەتكۈسىز كېۋەزلىكتە دېھقانلارنىڭ ئەمگەك قىلىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، پەقەت بىرنەچچە سېيالكىلا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شارىلجىن كەنتى يەرلەرنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، تېرىلغۇ يەرلەرنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ھەممىسىدە ماشىنىلاشقان شەكىلنى قوللىنىپ كېۋەز تېرىدى. كەنتتە يەنە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى يولغا قويۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك يېڭى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

«ئائىلىمىز ھازىر كېۋەز تېرىمايدۇ، ۋاقىت چىقىرىپ پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن دېھقانلار ئارامگاھىنى باشقۇرۇۋاتىمىز، ئۈنۈمى خېلىلا ياخشى. يەردىن قىلىدىغان كىرىمنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئائىلىمىزنىڭ بىر يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.» 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شارىلجىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جۇ يۈتىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ 100 مودىن ئارتۇق يېرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردۇق. بىز غەم قىلمىساقمۇ، كۈچ سەرپ قىلمىساقمۇ بولىدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرنى بىزدىنمۇ بەك تۈجۈپىلەپ تېرىيدۇ».

شارىلجىن كەنتى كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت تارقاق باشقۇرۇلغاچقا، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى تۆۋەن، تېرىلىدىغان سورتلار قالايمىقان، بىردەك بولمىغاچقا، پاختا ھوسۇلى ۋە سۈپىتى يۇقىرى ئەمەس ئىدى.

«تۈجۈپىلەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش يولىدا ماڭغاندىلا، ئاندىن چىقىش يولى بولىدۇ.» شارىلجىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى «كەنت ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتىمىزدە شۈنمىن تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەنت يەنە يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى: يەرلەر پارچە - پۇرات شۇنداقلا تارقاق ئىدى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار كىرىپ چىقالمايتتى، يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، باشقۇرۇشقا ۋاقىت كۆپ كېتەتتى، بىرتۇتاش سۇغىرىش، ئوغۇتلاش قىيىن بولۇپ، ئەمگەك كۈچى تەننەرخى يۇقىرى ئىدى. شارىلجىن كەنتى ئېتىز قىرلىرىنى ئېلىۋېتىش، بىكار قالغان ئېرىق - ئۆستەڭ ۋە چەت، بۇلۇڭدىكى يەرلەرنى تىندۇرۇش ئارقىلىق، كەنتتىكى تارقاق يەرلەرنى بىرىكتۈردى. «پۈتۈن كەنتتىكى يەرلەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىلىپ، سورتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرتۇتاش تېرىش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش سېتىش يولغا قويۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشى تارقاق، چېچىلاڭغۇ بولۇش ۋە تېرىش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش، پايدىسى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى» دېدى لۇ جيەنجۈن.

شارىلجىن كەنتىدىكى پاكىز، رەتلىك كىيىنگەن، خۇرۇم ئايىغى پارقىراپ تۇرغان تېرىقچىلىق چوڭ ئاھالىسى كۇڭ ياخۇي پىكاپىنى ھەيدەپ ئېتىز بېشىغا كەلدى. 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دەل كېۋەز تېرىش مەزگىلى بولسىمۇ، لېكىن كۇڭ ياخۇي تەمكىن، خاتىرجەم ئىدى.

بۇ يىل، كۇڭ ياخۇي 2000 مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىدى. كۆز يەتكۈسىز كېۋەزلىككە رەت - رەت سولياۋ يوپۇقلار رەتلىك يېپىلغان بولۇپ، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان شوپۇرسىز تىراكتور كۆپ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان سېيالكىنى سۆرەپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

«مەن بىر ئۆمۈر كېۋەز تېرىدىم، ھازىر بارغانسېرى <ھۇرۇن>لىشىپ كەتتىم. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى بارغانسېرى تېزلىشىپ، ھەممە ئىشنى ماشىنا قىلىدىغان بولدى، دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى، ئۈچ كۈندىلا كېۋەز تېرىشنى تاماملىدىم» دېدى كۇڭ ياخۇي كېۋەزلىكنىڭ يېنىدا كۈلۈپ تۇرۇپ.

«كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بېيدوۋ يول باشلاپ تېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىدۇ، تېرىش تېخىمۇ دەل جايىدا، مايسىنىڭ ئۈنۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى، ئوغۇتلاش، تېرىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش بىر يولىلا پۈتۈپ، ئەمگەك كۈچى تەننەرخى زور دەرىجىدە تېجەلدى.» لۇ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ماشىنىلىشىش ئالدىنقى شەرتىدە، بۇلتۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپى پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلىنى 420 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.