تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇمتاغ ئالتۇن تاغقا ئايلاندى تۇرمۇش تېخىمۇ بەختلىك ئۆتمەكتە

4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

قۇمتاغ قۇملۇقىدا دولقۇنسىمان قۇم بارخانلىرى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، بارخان گەۋدىسى خۇددى تاۋاردەك سىلىق ئىدى. قۇم بارخانلىرى ئېتىكىدە سۈزۈك بۇلاقلار، زۇمرەتتەك كۆللەر بولۇپ، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى. خاسىيەت ئابدۇل ھەر كۈنى ئەتىگەن دەرۋازىنى ئاچقاندا، قۇملۇق بىلەن بوستانلىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە مەنزىرە كۆز ئالدىدا نامايان بولاتتى.

خاسىيەت تۇرۇۋاتقان پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى بازار كەنتى قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونى بىلەن بىر يول بىلەنلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ كەلگەن چوڭ ئاپتوبۇس، پىكاپلارنىڭ مەنزىرە رايونى ئالدىدا لىققىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ خاسىيەت ھاياجېنىنى باسالمىدى، «ساياھەت قىزىپ كەتتى، مەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولدۇم».

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ بېشىدا، خاسىيەت باشقا يېزىدىن بازار كەنتىگە ياتلىق بولۇپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلانغان. خاسىيەت ئىشىكتىن چىقسىلا باغچىنى كۆرەلىگەنلىكىدىن بەخت ھېس قىلغان، ئەمما يەنە، قۇملۇق بىلەن بوستانلىق گىرەلىشىپ كەتكەن جايدىكى بۇ مەنزىرە رايونىغا ھېچكىمنىڭ كەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنىدى.

ناھايىتى تېزلا، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر خاسىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. تاشيول ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، قۇمتاغ باغچىسى بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرگە تونۇلدى. قۇملۇق بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماقچى بولغان ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە قۇمغا كۆمۈلۈپ فىزىكىلىق داۋالاشنى ياخشى كۆرىدىغان شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پىچان كۆڭۈلدىكىدەك مەنزىل ئىدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول شىنجاڭدا ئۈزلۈكسىز ئۇزاردى، قۇمتاغنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ساياھەتچىلەر ئېگىز قۇم ئۈستىگە چىقىپ، ئۇپۇقتىن ئەگرى - بۈگرى سوزۇلۇپ كەلگەن تاشيول چوڭ تومۇرىغا يىراقتىن نەزەر سالغاندا، قۇمتاغ قۇملۇقى بىلەن قوشنا بولغان بازار كەنتى ھەمدە پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرىدىكى بىر قىسىم كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى نامايان بولىدۇ.

كىچىك باغچىنىڭ چوڭ مەنزىرە رايونىغا ئايلانغانلىقى، كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئەمىن ئۆيلەرگە ئايلانغانلىقى، قۇملۇقتىكى كەنتلەرنىڭ ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن دېھقانلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى، پۇقراۋى قونالغۇ ئائىلە زىيارىتى نۇقتىلىرى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مۇزېيى، مىللىي چالغۇلارنى ياساش نۇقتىسى، قېتىق دۇكانلىرى ۋە ناۋايخانىلار، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پارنىكلىرى، خاس باقمىچىلىق رايونلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك قۇملۇقنىڭ چېتىدە بارلىققا كەلدى.

«ئېرىم ناھىيە بازىرىدا ئىككى دۇكان ئېچىپ، ساپال، فارفۇر بۇيۇم ۋە كىيىم - كېچەك ساتىدۇ. مەن ئۆيدە پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە قوشنىلارنى ياردەمگە چاقىرىمەن» دېدى خاسىيەت. ياردەمگە كەلگەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ قىزىمۇ بار بولۇپ، قىزى يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى تېخىمۇ جانلانغان پىچان بازىرىنىڭ كېچىك كەنتىگە ياتلىق بولغانىدى.

ساياھەتچىلىك بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلار بىلەن دېھقان ئائىلىلىرى ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇپ، پىچان ناھىيەسىنىڭ «قۇملۇق ئىقتىسادى»نى جانلاندۇردى. ھازىر، قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىلغان كۆلىمى 200 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشتى. مەنزىرە رايونىدىكى ئارىلىق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، 20 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خىش ياتقۇزۇلغان يولدا ماڭغاندا، شادىمان قۇم جىلغىسى، قۇم ھەيكىلى رايونى، گۈلخان لاگېرى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى قاتارلىق سەيلە - تاماشا رايونلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، پەقەت قۇملۇق باغچىسىدا مۇنداقلا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆردۈم، شىنجاڭدا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېدى جېڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇ گۇاڭجۈن. بۇ جايدا، ئۇ مەنزىرە رايونىدىكى كىچىك پويىز ھەيدەش، قۇملۇق دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەش، تۆگە يېتىلەش، سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق تۈرلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن خىزمەتچىلەر بىلەن ئۇچراشتى، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى دېھقانلار ئىدى.

مەنزىرە رايونىدىكى «شادىمان تۆپىلىك» دەپ ئاتىلىدىغان قۇم بارخىنى ئېتىكىدە، جياڭسۇدىن كەلگەن بىر ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەر توختاپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى، ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى ئابدۇللا ئوسمان فوتو ئاپپاراتنىڭ كۇنۇپكىسىنى كەينى - كەينىدىن باستى. ئۇ پىچان بازىرىنىڭ كىچىك ھوڭ كەنتىدە چوڭ بولغان بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا بۇ قۇم دۆۋىسىگە يىراقتىن نەزەر سالغاندا، كاللىسىدا پەقەت «قاقاسلىق» دېگەن سۆزلا ئەكس ئېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئىسمى - جىسمىغا لايىق «شادىمان تۆپىلىك»كە ئايلاندى.

«بۇ جايدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول شىمالىي ۋوگزالىغا ئاپتوموبىل بىلەن پەقەت ئون نەچچە مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ. ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ۋە قولاي قاتناش شارائىتى نۇرغۇن كارخانىلارنى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى. مەنزىرە رايونىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى كېڭىيىۋاتىدۇ، ھەل قىلىنغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى كۆپىيىۋاتىدۇ» دېدى پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونى بازار ماركېتىڭى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خې خەيشيا.

□ سەپەر خاتىرىسى

يوللار راۋانلاشتى ساياھەتچىلىك گۈللەندى

4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سەيشەنبە ھاۋا ئوچۇق

بۈگۈن، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان تۇرپان شەھىرىدىن چىقىپلا، قۇمتاغ قۇملۇقى باغرىغا قاراپ ئاتلاندى. بۇ، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان، شەھەر بىلەن نۆل ئارىلىقتا ئۇچراشقان قۇملۇق.

پىچان ناھىيەسى «قۇم كۆچمەسلىك، بوستانلىق چېكىنمەسلىك، ئادەم كۆچمەسلىك»تىن ئىبارەت بۇ روشەن ئالاھىدىلىككە بىرلەشتۈرۈپ ساياھەت ماركىسىنى ياراتتى، ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر پىچاندا بوستانلىق بىلەن قۇملۇقنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىغا قايىل بولدى. مۇشۇ ئاساستا، پىچان ناھىيەسى بىر سەكرەپلا ساياھەتچىلىك كۈچلۈك ناھىيەسىگە ئايلاندى.

قۇم دېڭىزىنى سەيلە قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ تەسىراتىمىز شۇكى، كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ئۈلگۈرمىدۇق، ۋاقىت يېتىشمىدى. پىچان ناھىيەسى «ساياھەت+» تەرەققىيات پىلانىغا تايىنىپ، خاس تېرىقچىلىق، خاس باقمىچىلىق، ئىستىراھەت سەيلىسى، فىزىكىلىق داۋالاش - ساغلاملىق كۈتۈنۈشى، ئىلمىي تەكشۈرۈش - ئېكسپېدىتسىيە، پائالىيەت - مۇسابىقە، ئادىمىيەت تارىخى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ھەممىسىنى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا چىقىرىپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تۈرتكە بولماقتا.

ساياھەتچىلىكنىڭ كۆزنەك ئىقتىدارىنىڭ روشەن گەۋدىلىنىشى يولنىڭ راۋان بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئالدىنقى شەرتتىن ئايرىلالمايدۇ. كېيىنكى مۇساپىمىزدە تېخىمۇ چوڭ قۇملۇق، قۇملۇق گىرۋىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ كەنتنى كۆرەلەيمىز، يول قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ۋە كۆپلىگەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەربىر كەنت، ھەربىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈلدى، تېخىمۇ كۆپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى چوقۇم كۆرەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.