يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى">
تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى

− «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن

□ خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ ئارزۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. «1 - ماي»دىن ئىبارەت ئەمگەكنى مەدھىيەلەيدىغان، ئەمگەكچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان بۇ كۈندە بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا سەمىمىي بەخت تىلەيمىز، ھەرقايسى سەپلەردىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

خەلق تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمگەك كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىگە قايتا نەزەر سالساق، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان سانسىز جاھان مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، تاغنى تالقان قىلغۇدەك ھەيۋەتلىك تارىخىي داستانلارنى پۈتۈپ چىقتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يەڭنى تۈرۈپ ئىشلەپ، قان - تەر تۆكۈپ جان تىكىپ ئىشلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىدە، جان تىكىپ ئېلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، بىرىنچى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا تىرىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم يۈكسەك، ئىختىساسلىقلار قىممەتلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىپ، «جۇڭگو ئارزۇسى. ئەمگەك گۈزەل» دېگەن يېڭى سەھىپىنى پۈتۈپ چىقتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئەمگەك قىممەت يارىتىدىغان بىردىنبىر مەنبە، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ كۈچ. دەل ئەمگەك - ئىجاد قىلىش بولغاچقا بىز شانلىق تارىخقا ئىگە بولدۇق؛ شۇنداقلا ئەمگەك - ئىجاد قىلىش بولغاچقا بىز بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۇق.

ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش، خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ يەنە ئاتلىنىش. «14 - بەش يىل» مەزگىلى ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان تۇنجى بەش يىل. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، جەزمەن ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا زىچ تايىنىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنىش كېرەك. ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمگەك قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجاد قىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىغاندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، ئىرادىسىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشى، ياخشى باش قەھرىمان بولۇپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.

يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا، بىز ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەش، پەن - تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش... يېڭى دەۋردىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى بولۇشقا مۇناسىپ. يېڭى مۇساپىدە، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، بىرىنچى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا تىرىشىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى، ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىشتەك ئەمگەك روھىنى، پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىش، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىق، قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىنتىلىشتەك ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندا، مۇقەررەر ھالدا كەڭ خەلق ئاممىسىنى جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ھاسىلاتقا ئېرىشىشكە، ئەمەلىي ئىشلەپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە، يېڭى دەۋردىكى ئەمگەكچىلەر ناخشىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرغىلى بولىدۇ.

يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا، بىز تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشتىن ماھارەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى يۆنىلىش قىلغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىغىچە، كەڭ كۆلەمدىكى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىن زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ماھارەت يېتىلدۈرۈپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بىلىم تىپىدىكى، تېخنىكا تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى زور كۆلەملىك ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق. يېڭى مۇساپىدە، پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى بىلىم ئۆگىنىشى، يېڭى ماھارەت ئىگىلىشى، يېڭى قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىساق، بىز چوقۇم يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنىنى ياخشى قۇرۇپ، يېڭىدىن دەۋر شانلىق نەتىجىسى يارىتىشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلالايمىز.

يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا، بىز ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئەمگەكچىلەرنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، شەرەپتىن بەھرىمەن قىلىش ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغاشتىكى مۇقەررەر يول. كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەر ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى ۋە راۋاجلاندۇردى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىدى. يېڭى مۇساپىدە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى قانۇن ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدىر - قىممىتى بىلەن ئەمگەك قىلىشى، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش مۇقەررەر ھالدا ئىجتىھات بىلەن ئىش قىلىش، ئىجتىھاتلىق ئادەم بولۇش، ئىجتىھات بىلەن ئەمگەك قىلىپ بېيىشنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتىدۇ.

شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ. بىز ياشاۋاتقان دەۋر كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغ دەۋر، بىز قىلىۋاتقان ئىشلار ئىلگىرى كىشىلەر قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشلار، بىز شۇغۇللىنىۋاتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مەۋقەنى ئىككى چوڭ ۋەزىيەتكە قويۇپ، كۆڭلىمىزگە «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى پۈكۈپ، ئىجتىھات بىلەن ئىجاد قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە يېڭى كۈرەشنىڭ تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ، يېڭى جاھان مۆجىزىلىرىنى يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.