تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ⑩

1954 - يىلى

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىپ ھەم مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشىگە يوللاپ تەستىقلىتىپ، «تارىختىن قېپقالغان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ياكى ھاقارەتلەش مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇم يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى رەسمىي ئېلان قىلدى.

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بىر يېرىم يىل داۋاملاشقان يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى غەلىبىلىك تاماملاندى.

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 120 - قېتىملىق مەمۇرىي يىغىنىنىڭ ماقۇللىشى ھەم مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى سولۇن مىللىتىنىڭ نامى «داغۇر مىللىتى»گە ئۆزگەرتىلدى.

6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم رايونى (ئەينى چاغدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاپتونوم رايون دەپ ئاتالغان، كېيىن ئاپتونوم ئوبلاستقا ئۆزگەرتىلدى) رەسمىي قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئارقا - ئارقىدىن ۋالىي مەھكىمىسى دەرىجىلىك بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلدى.

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

7 - ئايدا شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى 2 - قېتىملىق چارۋىچىلىق رايونى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا «ئېھتىياتچان بولۇش، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش» فاڭجېنى ۋە «چارۋا ئىگىلىرى ئىقتىىسادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چارۋىچىلىق ئىقتىسادىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» سىياسىتىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشنى قارار قىلدى.

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلدى. ئاپتونوم ئوبلاست قارىمىقىدا تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت ھەم ئەسلىدە ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراشلىق توققۇز ناھىيە، بىر شەھەر بار، ھەم بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى ۋاكالىتەن باشقۇردى.

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى 1955 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، شۆبە بىيۇروغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان پارتىيە كومىتېتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگان پارتىيە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە داغدۇغىلىق قۇرۇلۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى 1954 - يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى. شىنجاڭنىڭ مالىيە، پۇل مۇئامىلىسىدە تۇنجى قېتىم كىرىم - چىقىم تەڭپۇڭلىشىش ھەم ئېشىنچا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

□ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى\لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېيبۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.