تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ⑨

1953-يىلى

1 - ئاي شىنجاڭنىڭ 1 - بەش يىللىق قۇرۇلۇش پىلانى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى شۆبە بىيۇرو بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ 1953 - يىللىق بىرلىك سەپ خىزمىتى پىلانىنى تەستىقلىدى.

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى شۆبە بىيۇرو تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «يېزىلارنىڭ 1 - قارارلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات»ىنى تەستىقلاپ تارقىتىپ، يېزىلاردا پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى يەتكۈزدى.

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى ئۆلكىلىك سايلام كومىتېتى ھەمدە ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام سايلام كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇمىي سايلام خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىغا جاۋاب تېلېگرامما ئەۋەتىپ، شىنجاڭدىكى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يەر ئىسلاھاتىنى يولغا قويماسلىققا قوشۇلدى.

5 - ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەئىس ماۋ زېدۇڭ ۋە غەربىي شىمال ھەربىي رايونىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، قارىمىقىدىكى قىسىملارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۆلەت مۇداپىئە قىسمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قىسمى قىلىپ قايتىدىن تەشكىللىدى.

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئومۇمىي سايلام خىزمىتى پىلانى» توغرىسىدىكى دوكلاتى، بۇرھان شەھىدىنىڭ «شىنجاڭدا مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىلان» دوكلاتى ھەمدە «شىنجاڭ ئۆلكىسىدە مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش پىلانى(لايىھەسى)»نى ماقۇللىدى.

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىنجاڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك چارۋىچىلىق رايونلىرى خىزمىتى يىغىنى دىخۇادا ئېچىلىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ خىزمىتى خۇلاسىلەندى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى فاڭجېن، ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى 1954 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى كادىرلار مەكتىپىنى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى پارتىيە مەكتىپىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.

12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاپتوماتلاشقان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى − ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا توك تارقىتىشنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شۇ يىلى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسى شاجىڭزىدا ئۇزۇن تالالىق پاختا سورتىنى كىرگۈزۈپ تېرىش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، 0.2 مو يەرگە سىناق تەرىقىسىدە تېرىدى، 1954 - يىلى 1.6 مو يەرگە سىناق تەرىقىسىدە تېرىدى، 1955 - يىلى كەڭ كۆلەمدە سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

شۇ يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش قىسىملىرى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانىدىن 39نى قۇردى.

□ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□ سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى \ لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.