تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆكتوقايدىكى «تۆھپىكار كان»نىڭ يول باشلىغۇچىسى

ئەن گۇيخۇەي:

كۆكتوقايدىكى «تۆھپىكار كان»نىڭ يول باشلىغۇچىسى

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە ④

1962- يىلى 2 - ئايدا، ئەن گۇيخۇەي (ئوتتۇرىدا) كۆكتوقايدىكى كان ئىشچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. □ سۈرەتنى كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ   ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جىنلياڭ

شەخس ئارخىپى

ئەن گۇيخۇەي (1918 - يىلىدىن 1993 - يىلىغىچە) 1937 - يىلى 5 - ئايدا ئىنقىلابقا قاتناشقان، 1939 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن. 1956 - يىلى كۆكتوقاي كان رايونىغا يۆتكىلىپ ئاساسلىق رەھبەر بولغان، 1958 - يىلىدىن 1964 - يىلىغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆكتوقاي كان ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ كۆكتوقايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، مۈشكۈل خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملىغان.

«بىز ھەممە ئىشتا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە بېرىشىمىز كېرەك...» − ئەن گۇيخۇەي

باھاردىكى قۇياش نۇرى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا چۈشۈپ تۇراتتى، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئەن گۇيخۇەينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تۇرالغۇسىغا بارغىنىمىزدا، ئەن گۇيخۇەينىڭ چوڭ قىزى، بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن ئەن ئەييىڭ ئېڭىشىپ خەت يېزىۋاتقان ئىكەن، يېنىغا دەستە - دەستە تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ۋاراقلىرى سارغىيىپ كەتكەن ئۈچ - تۆت پارچە ئەسلىمە تىزىقلىق تۇراتتى.

ئەتراپقا نەزەر سالدۇق، ئۆيدە پەقەت بىر نەچچە ئاددىي ئۆي جاھازلىرىلا بار ئىدى، كونا پاسوندىكى كىتاب ئىشكاپىغا دەستە - دەستە تارىخىي ماتېرىياللار تىزىلغانىدى. «بۇ كىتاب ئىشكاپى ئۆيدىكى دادام ئىشلەتكەن بىردىنبىر بۇيۇم. باشقا بۇيۇملارنى كۆكتوقاي گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى ۋە كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىگە ئىئانە قىلدىم» دېدى ئەن ئەييىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۆيىدە ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى تامدىكى كۆكتوقاي بازىرىنىڭ بىر پارچە رەسىمى ئىدى. رەسىمدىكى بۇ كىچىك بازار ئىلگىرى قېزىلما بايلىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»ىنى كەم بولسا بولمايدىغان خام ئەشيا بىلەن تەمىنلىگەن، دۆلىتىمىز ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا غايەت زور سوممىلىق تاشقى قەرزنى قايتۇرغان.

«تۆھپىكار كان» «قەھرىمان كان»نىڭ شانلىق نۇرى ئارقىسىدا پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كۆكتوقايلىقلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى ۋە تۆھپىسى بار.

ئەن گۇيخۇەي شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئۇ كۆكتوقايدىكى كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، چېگرا رايوننىڭ قىزىل تارىخىدا ئۆچمەس شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى.

ئەن ئەييىڭنىڭ بايانىغا ئەگىشىپ، يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا جانلىق نامايان بولدى.

دۆلەت ئۈچۈن زور سوممىلىق تاشقى قەرزنى قايتۇرۇش

«بىز ھەممە ئىشتا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە بېرىشىمىز كېرەك...» دادىسىنىڭ سۆزلىرى ھېلىھەم ئۇنىڭ قۇلىقى تۈۋىدە ياڭراپ تۇرىدۇ.

1954 - يىلى 10 - ئايدا، ئەن گۇيخۇەي مەملىكەت بويىچە سانائەت قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭغا ئاتلىنىپ، ئالتايغا كەلدى. قىزى ئەن ئەييىڭنىڭ نەزەرىدە، «ئۆي كۆچۈش» ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغانىدى. «دادام مەيلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە بولسۇن، ياكى كېيىنكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قىلغاندا بولسۇن، مەيلى قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھامان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيە تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملىغانىدى» دېدى ئەن ئەييىڭ.

1958 - يىلىدىن 1964 - يىلىغىچە، ئەن گۇيخۇەي كۆكتوقاي كان ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى، دەل بۇ بىرنەچچە يىلدا، كۆكتوقايلىقلار دۆلەت ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قەرز قايتۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.

«كۆكتوقاي جۇڭگودىكى ئەڭ سوغۇق جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، قىشتىكى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشەتتى. مۇشۇنداق مۇھىتتا، پۈتۈن كاندىكى كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سېۋەت - سېۋەت رۇدىلارنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، دۈمبىسىدە يۈدۈپ توشۇپ، دۆلەت ئۈچۈن غايەت زور تاشقى قەرزنى قايتۇردى.» ئەن گۇيخۇەينىڭ ئەسلىمە خاتىرىسىدىن بۇ بىر ئابزاس سۆزنى كۆردۇق.

ئۇ يىللاردا، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يەيدىغىنى قۇم ئارىلىشىپ كەتكەن قارا ئاشلىق ئىدى، كۆكتاتتىن پەقەت ئۆزلىرى تېرىغان ئاز مىقداردىكى ياڭيۇلا بار بولۇپ، نۇرغۇن ئىشچى - خىزمەتچى ئىششىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەن گۇيخۇەينىڭ خوتۇنى شى يۈنخۇامۇ بار ئىدى. بۇنداق جاپالىق مۇھىتتا، ئەن گۇيخۇەي كۆپچىلىكنى باشلاپ ھەر كۈنى 15 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ، «ئېكسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى تاماملىغان.

كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ دەن مۇنداق دېدى: ئەجدادلىرىمىز كوممۇنىزمنى كۆرۈپ باقمىغان، لېكىن ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشنى، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇشنى خالىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۈزلۈكسىز قەد كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگو ئەجدادلارنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ ۋە روھقا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

ئامما بىلەن ئاشلىق تالاشماسلىق، مەنپەئەت تالاشماسلىق

كۆكتوقايدىكى كىچىك بازاردا ئەن گۇيخۇەيگە ئائىت بىرقانچە ھېكايىنى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدىكەن.

«ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئويلاپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئەڭ مۇھىم دەيتتى، ئەزەلدىن ئۆزىنى ئويلىمايتتى.» ئەن گۇيخۇەينى تىلغا ئالغاندا، كۆكتوقاي بازىرىدىكى 80 ياشلىق ئاھالە جۇ جىلىننىڭ كۆزلىرى نەملەشتى.

جۇ جىلىن مۇنداق دېدى: ئەن گۇيخۇەي كۆكتوقايدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنى تۆت قارا ئاشلىق مومىسى ۋە بىر تەخسە سەي يېيىشىگە، ئىششىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە يەسلىدىكى بالىلارنىڭ تويغۇدەك تاماق يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ھەركۈنى پەقەت ئۈچ قاچا ئۇماچ بەرگەنىدى.

1961 - يىلى قىشتا، بىر دوستى ئەن گۇيخۇەينىڭ ئۇ يەردىكى خىزمىتىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىككى خالتا ئۇن ئېلىپ كەلگەن.

«ۋاھ، مومام بىزگە ياخشى تاماق ئېتىپ بېرەلەيدىغان بولدى!» ئەن گۇيخۇەينىڭ ئىككى ئوغلى خۇشاللىقىدىن ئۆي ئىچىدە سەكرەپ كەتكەن.

ئەن گۇيخۇەي بۇنى بىلگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «ئاشلىقنى يەسلىگە ئاپىرىپ بېرىڭلار، بالىلار تويغۇدەك تاماق يېيەلمىسە، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قانداق خاتىرجەم خىزمەت قىلالايدۇ؟»

«ئۇنداقتا نەچچە جىڭ ئېلىپ قالايلى.» نەۋرىلىرىنىڭ چىرايىدىكى ئۈمىدسىزلىك ئىپادىسىنى كۆرۈپ، مومىسى بىر ياقتا ئۆتۈنگەن. «بولمايدۇ، بىر جىڭمۇ قالدۇرۇشقا بولمايدۇ!» دەپلا، ئەن گۇيخۇەي ئىككى خالتا ئۇننى كۆتۈرگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. بۇ ئىشنى بىلىپ، جۇ جىلىن ناھايىتى ھەيران قالغان، ئۇ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئەن گۇيخۇەيگە ئوخشاش كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان. جۇ جىلىن مۇنداق دېدى: بۇ ئىشلار مېنى تەسىرلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ بۇ يەردە قېلىش ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

ئىلگىرىكى كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە، ئەن ئەييىڭنىڭ ھازىرغىچە بىر ئىشتىن كۆڭلى بۇزۇلىدۇ، ئۇ 1959 - يىلى بولۇپ، ئەن ئەييىڭنىڭ 11 ياشقا كىرگەن 2 - ئىنىسى مومىسىغا ئەگىشىپ كۆكتوقايغا كەلگەن. بىر كۈنى، 2 - ئىنىسى كان رايونىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىنىڭ ئارقىسىغا بېرىپ ياۋا كۆكتات تېرىپ يېگەن، نەتىجىدە ئاشقازىنى بىئارام بولۇپ، يېشىل سۇ ياندۇرغان. ئاشخانىدىكى لى ئۇستام بۇنى كۆرۈپ، يۈرىكى ناھايىتى ئېچىشقان، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ ھەم بالىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا بىر موما بەرگەن. بالا مومىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، مومىسىنىڭمۇ قورسىقىنىڭ ئاچ ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە يېمەكچى بولغان.

ئۆيدىكىلەر مومىنى بالا ئوغرىلاپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالغان، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان بالا يىغلاپ تۇرۇپ ئەن گۇيخۇەينى ئاشخانىغا باشلاپ بېرىپ، لى ئۇستامنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇ بەرگەن» دېگەن. شۇ چاغدا لى ئۇستام ئاندىن بۇ بالىنىڭ ئەن گۇيخۇەينىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

ئەن گۇيخۇەي مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بالام ئالاھىدە بولۇۋالسا تېخىمۇ بولمايدۇ!» ئۇ پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ مومىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان.

«بالىنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كېتىپتۇ، بۇنى كۆرۈپ چىدىمىدىم، كۆڭلۈم يېرىم بولدى، بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ كىمنىڭ بالىسى بولۇشى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ موما مېنىڭ نورمام، بالىغا بېرىشنى ئۆزۈم خالىدىم!» دېگەن لى ئۇستام تېرىكىپ.

بۇ كۆرۈنۈش نەق مەيداندىكىلەرنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرگەن.

ئەن گۇيخۇەي دائىم: «بىز پارتىيەلىك كادىرلار ئىشچىلاردىن ئاشلىق تالاشساق، مەنپەئەت تالاشساق بولمايدۇ» دېگەن ھەم شۇنداق قىلغان.

كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش

ئەن ئەييىڭنىڭ ئاددىي ئۆيىدە، بىر «ھەشەمەتلىك» ۋاننا بولۇپ، كىچىككىنە تازىلىق ئۆيىگە تازا ماس كەلمەي قالغانىدى.

ئەن ئەييىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ۋاننىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

«دادامنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلغىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىنا ئۆيدە يەتتە يىلمۇ ئولتۇرمىغان. ئائىلىمىزدىكىلەر ئىلگىرى 30 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە بىر ئولتۇرغانچە 12 يىل ئولتۇرغان» دېدى ئۇ.

1979 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى ئەن گۇيخۇەيگە 100 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆي تەقسىم قىلىپ بەرگەندە، ئۇ ئالمىغان. «ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش ئۆيدە ئولتۇرسام، ئاندىن خاتىرجەم ئولتۇرالايمەن» دېگەن ئەن گۈيخۇەي.

1992 - يىلى قىشتا، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال ئىدارىسى يېڭى بىنا سالغان، ئەن گۇيخۇەي 70 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ۋاننا ئورناتقان. ئۇ دائىم خۇشال ھالدا: «ھازىر شارائىتىمىز ياخشىلاندى، ئۆيدىمۇ يۇيۇنالايدىغان بولدۇق، بەك ھەشەمەتلىك بولۇپ كەتتى» دېگەن.

ھەر قېتىم يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ چۈشۈرگەندە، ئۇ، ئولتۇرغاندا پۇت چىلاشسىلا بولدى دەپ بەلگىلەپ، كۆپرەك بولۇپ كەتسە خاپا بولغان. ئۇ: «سۇ ۋە توكنى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تېجىشىگە توغرا كېلىدۇ!» دېگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، 1964 - يىلى، تەشكىل شى يۈنخۇانى كۆكتوقاي كان ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش - بىناكارلىق ئىدارىسىگە يۆتكەپ ئارخىپ خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىشنى قارار قىلغان، بۇ چاغدا ئەن گۇيخۇەي ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش - بىناكارلىق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە ئىدارە باشلىقى ئىدى، ئۇ خوتۇنىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، ئۇنى بۇ ئىدارىگە قاراشلىق 1 - قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ پاراۋانلىق بۆلۈمىگە يۆتكىۋەتكەن. بىرنەچچە قېتىم مائاش ئۆستۈرگەندە، جەدۋەلدە پەقەت شى يۈنخۇانىڭ ئىسمىنى كۆرسىلا، ئۇ بۇ ئىسىمنى سىزىۋەتكەن ياكى ئىسمىنىڭ ئالدىغا «×» بەلگىسى قويغان. ئەمەلىيەتتە، شى يۈنخۇامۇ جاپالىق مۇھىتتا چېنىققان، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىدى، شۇڭا ئېرى ئەسكەرتمىسىمۇ، كۆپ قېتىم مائاشىنى ئۆستۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ پۇرسەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئەمما بۇنى ئېرىگە ئەزەلدىن دەپ باقمىغان.

«ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا، ھەممىدە ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئويلىشىمىز، يولنى ئۆزىمىز مېڭىشىمىز كېرەك، دادام بىزدىن ئايرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پەيتتىمۇ، بىز ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارغا مۇشۇنداق تەلىم بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ئەنە شۇنداق ئادەم ئىدى. ئۇ دائىم، مۇشۇنداق قىلغاندىلا پارتىيەگە يۈز كېلەلەيمىز، دۆلەتكە يۈز كېلەلەيمىز، پۇقرالارغا يۈز كېلەلەيمىز، ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلەيمىز، دەيتتى» دېدى ئەن ئەييىڭ.

2020 - يىلى، كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى ئەن گۇيخۇەي كۆرگەزمە زالى قۇردى. كۆرگەزمە زالىدا ئەن گۇيخۇەينىڭ پارتىيە ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ھاياتى «ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان يىللار، جەڭ مەيدانىغا قايتا ئاتلىنىش، خەلققە سادىق بولۇش، پاك - دۇرۇس بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنۈپ بايان قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.