تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ باشلامچىسى

تۇ جى:

شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ باشلامچىسى

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە ③

تۇ جى (ئوتتۇرىدا) ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن دالىدا تەكشۈرۈشتە. □ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

شەخس ئارخىپى

تۇ جى، شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى ياراتقۇچىلارنىڭ بىرى. 1939 - يىلى، تۇ جى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ شۆيۈەنى(بۈگۈنكى شىنجاڭ داشۆ)نىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇ جى شىنجاڭ دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى، 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى(بۈگۈنكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى)نىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن؛ 1950 - يىلى، تۇ جى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن؛ 1955 - يىلى، تۇ جى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىيو جۇغراپىيە بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1976 - يىلى 3 - ئايدا، تۇ جى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، شۇ يىلى 75 ياشتا ئىدى.

«بىز ھەممىمىز پارتىيەنىڭ ئوغلى، خەلقنىڭ ئوغلى. ھازىر سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى، خىزمىتىمنى يەنە داۋاملاشتۇرالايمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە ئون نەچچە يىل خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» − تۇ جى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە، تۇ جىنىڭ ھەيكىلى تىپتىنچ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ يىل چىڭمىڭ مەزگىلىدە، بۇ يەرگە ئۆزلۈكىدىن كېلىپ گۈل تەقدىم قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئىشلىرىغا ھاياتىنى بېغىشلىغان بۇ ئۇستازغا بولغان سېغىنىشىنى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى تىلغا ئېلىنسا، تۇ جى دېگەن بىر ئىسىمنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. گەرچە ۋاپات بولغىنىغا 45 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەنى سۆيۈش، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئىش ئىزلىرى يەنىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى.

تۇ جىنىڭ پۈتۈن زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىپ شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈزگەن ئۇلۇغۋار پىلانى بۈگۈنكى كۈندە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا رېئاللىققا ئايلاندى.

دۆلەتنى ئىلىم - پەن ئارقىلىق قۇتقۇزۇش يولىنى ئېچىش

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، تۇ جىنىڭ قەبرىسى ئالدىدىكى تەزىيەنامىگە ئۇنىڭ قالتىس ھاياتى يىغىنچاقلانغان.

1901 - يىلى، تۇ جى خۇبېي خۇاڭپى ناھىيەسىدىكى بىر ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولۇپ، 1924 - يىلى ئامېرىكىنىڭ مىننېسۇتا داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنىپ، ئۆسۈملۈك پاتولوگىيەسى ۋە زىرائەت سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىلمىنى مەخسۇس ئۆگەنگەن. بەش يىلدىن كېيىن، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇ جى ۋەتەننى ئىلىم - پەن ئارقىلىق قۇتقۇزۇش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لىڭنەن داشۆسى، جۇڭشەن داشۆسى، ۋۇخەن داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان. بۇ مەزگىلدە، كوممۇنىستىك پارتىيەنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىپ، پەقەت كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭلا خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئازادلىقنى كۆزلەيدىغانلىقى، پەقەت سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن ھەم ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە باغلىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ۋەتەننى ئىلىم - پەن ئارقىلىق قۇتقۇزۇشنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان، ئەگرى - توقايلىققا تولغان يولىنى باشلىغان.

1939 - يىلى، شىنجاڭ شۆيۈەنى(بۈگۈنكى شىنجاڭ داشۆ)نىڭ مۇدىرى دۇ جۇڭيۈەننىڭ تەكلىپى بىلەن، تۇ جى ئىچكىرى رايوندىكى ئەۋزەل خىزمەت شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتداشلىرى ۋە شاگىرتلىرى بىلەن خوشلىشىپ، لىققىدە كىتاب قاچىلانغان ئۈچ - تۆت چوڭ ساندۇقنى سۆرىگىنىچە، ئىككى ئايدىن كۆپرەك يول يۈرۈپ شىنجاڭغا كەلگەن.

1942 - يىلى، ئەكسىيەتچىل مىلىتارىست شېڭ شىسەي تۇ جىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. تۈرمىدە، تۇ جى دەھشەتلىك قىيىن - قىستاقلارغا ئۇچراپ، سول پۇتى ئېغىر زەخىملىنىپ، ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالغان، لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر قەتئىي تىز پۈكمىگەن. تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، تۇ جى يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلات − «جەڭگىۋارلار تەشكىلاتى»نىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆيىدىكى بىر كونا رادىيودىن پايدىلىنىپ، ھەر كۈنى يەنئەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ رادىيو تېلېگراممىسىنى مەخپىي ھالدا ئاڭلاپ ۋە كۆچۈرۈپ يېزىپ، «كۈرەش» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرغان، ياكى تەشۋىق ۋەرەقىسى بېسىپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتقان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنقىلاب ئېڭىنى ئويغىتىشتا پائال رول ئوينىغان.

1950 - يىلى 1 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاڭ جېن تۇ جىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشكە تونۇشتۇرغان.

ھاياتىنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە بېغىشلاش

«مۇدىر تۇ جى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە بېغىشلىدى، ئۇنىڭ جىسمىدىن مەن كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، كەسىپ ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان روھى ئىزچىل بىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى جاۋ جېنيۈ تەسىرلەنگەن ھالدا.

جاۋ جېنيۈ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى بولۇپ، ئىلگىرى تۇ جىغا ئەگىشىپ ئون نەچچە يىل ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىرغىچە، ئۇ تۇ جى يازغان «تۇرپان ۋىلايىتىدىكى دەل - دەرەخلەردىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى يەنە ساقلاپ كەلمەكتە. تۇ جىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل 93 ياشقا كىرگەن جاۋ جېنيۈ يەنىلا پەن تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى، شىنجاڭدا ھەممە كەسىپ گۈللىنىشكە يۈزلەنگەندە، نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى كادىرلىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان. 1952 - يىلى، شىنجاڭ 1 -ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى قۇرۇلۇپ، تۇ جى مۇدىر بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۇ جى تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ، ۋاڭ جېنغا ئەگىشىپ بېيجىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، 16 مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورنى شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. تۇ جى «نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇتۇش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنئەندىكى «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەربىي - سىياسىي داشۆسى»نىڭ روھى بىلەن مەكتەپ باشقۇرغان. پۈتۈن شۆيۈەندىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن سىرت، يەنە دائىم قىسىملارغا ۋە ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىلغار تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. بۇ ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن، قىسىمنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياخشى ئاساس سالغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، زور بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى تايانچلىرىنى يېتىشتۈرگەن.

تۇ جىنىڭ تەشەببۇسى ۋە پىلانلىشى بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىدە دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى قۇرۇلغان. ئالدىراش خىزمەت قىلغاندىن سىرت، تۇ جى يەنە دائىم قېتىرقىنىپ ئىلىم تەتقىق قىلىپ، چەت ئەلنىڭ يېزا ئىگىلىك پەنلىرىگە دائىر نەچچە يۈز مىڭ خەتلىك ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان.

باغراش كۆلىدىكى چېكەتكە رايونى، ئارال بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى، ئۈرۈمچى - غۇلجا تاشيولى لىنىيەسى، تەكلىماكان قۇملۇقى... مېڭىشى قولايسىز بولسىمۇ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تۇ جىنىڭ مەزمۇت ئىزى قالغان.

ئىلغار تېرىقچىلىق، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇش، پۈركۈپ سۇغىرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش تەجرىبىسى ئىشلەش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىش، ئوت - چۆپلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تۈزۈمىنى كېڭەيتىش... بۇلارنىڭ ھەممىسىگە تۇ جىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن.

ئائىلە دۆلەت روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش

«بىز ھەممىمىز پارتىيەنىڭ ئوغلى، خەلقنىڭ ئوغلى. ھازىر سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى، خىزمىتىمنى يەنە داۋاملاشتۇرالايمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە ئون نەچچە يىل خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيىغا تۇ جىنىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرزەنتلىرىگە يازغان ئىككى پارچە خېتى قويۇلغان بولۇپ، ئاددىي سۆزلىرىدىن بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتى ئەكس ئېتىپ، تۇ جىنىڭ قويۇق ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

«خەتتە ئېيتىلغىنىدەك، بوۋام ئىزچىل تىرىشىپ خىزمەت قىلدى، كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپمۇ خىزمەتتىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى» دېدى تۇ جىنىڭ نەۋرىسى تۇ جېندۇڭ.

1973 - يىلى، ئون يىللىق بالايىئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەن تۇ جى زۇڭلى جوۋ ئېنلەينىڭ غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلگەن، شۇ چاغدا ئۇ 72 ياشقا كىرگەنىدى.

گەرچە ياشىنىپ تېنى ئاجىزلىغان، تېنىنى ئېغىر كېسەل چىرمىغان بولسىمۇ، تۇ جى يەنىلا پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. تۇ جى ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ «شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» دېگەن ماقالىنى يېزىپ چىققان، بۇ ماقالىدە ئۇ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر بىرنەچچە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەتقىق قىلغانلىقىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بولغان. 1979 - يىلى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇ يېزىپ قالدۇرغان بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ئەسەرنى چوڭ ھەجىمدە ئېلان قىلغان.

ئەتراپىدىكى دوستلىرى تۇ جىنىڭ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دائىم ئۇنىڭغا: «سىز ئىنگلىزچە، رۇسچە، نېمىسچە، فىرانسۇزچىدىن ئىبارەت تۆت خىل تىلنى پىششىق بىلىسىز، يېشىڭىزمۇ چوڭىيىپ قالدى، ئۇنىڭدىن كۆرە تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ياخشى بولاتتى، ياكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىتاب يازسىڭىزمۇ بولاتتى» دەپ نەسىھەت قىلغان. ئەمما ئۇ: «مەن پارتىيە ئۈچۈن يەنە ئون يىل ئىشلەيمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يازساممۇ كېچىكمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

«بوۋام دائىم بىزگە خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ قېتىرقىنىپ ئىشلەش، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. مەن ئۇنىڭ جىسمىدىن جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش پەزىلىتىنى ئۆگەندىم، بۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك بايلىقىم» دېدى تۇ جېندۇڭ.

تۇ جىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان تۇ جېندۇڭ بوۋىسىنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسىگە ئايلاندى، ئۇمۇ پۈتۈن ھاياتىنى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، تۇ جىنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 45 يىل بولغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان تۇ جى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. تۇ جىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپ ئىدىيەسى، شانلىق كۈرەش نەتىجىلىرى، ئالىيجاناب كىشىلىك پەزىلىتى، خىسلىتى ھەمدە ئۇنىڭ كەسكىن قىياپىتى، يېقىملىق ئاۋازى، تەبەسسۇم جىلۋە قىلغان چىرايى... ھېلىھەم شىنجاڭ تۇپرىقىدا ياشنىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.