تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىككىنى ھىمايە قىلىش ھېكايىسىنى ئۇزاققىچە كەڭ تارقىتىش

لەنگەر كەنتىدىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش كۆرگەزمە زالى:

ئىككىنى ھىمايە قىلىش ھېكايىسىنى ئۇزاققىچە كەڭ تارقىتىش

قىزىل بازىلارغا زىيارەت ⑾

لەنگەر كەنتى ئىككىنى ھىمايە قىلىش كۆرگەزمە زالى □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جامبۇلات ماناربېك فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

شىمالىي تىيانشاننىڭ تارماق تىزمىسى بولغان چۆلتاغ باغرىنى بويلاپ، ئۇدۇل ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا، كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشخلا بازىرى لەنگەر كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسىنىڭ سول تەرىپىدە بىر يىراق - يېقىنغا نامى تارالغان ئىككىنى ھىمايە قىلىش كۆرگەزمە زالى بار، «مەملىكەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى» قادىر باقى بوۋاي بىلەن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان ھېكايىلەر خۇددى تۈنۈگۈن بولغان ئىشتەك بۇ يەردە كەڭ تارقالدى.

قادىر باقى بوۋاي لەنگەر كەنتىدىكى بىر ئاددىي كەنت ئاھالىسى. ئۇ 40 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئاددىي، سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن 1000 پارچىدىن ئارتۇق كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىم بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش ھېكايىلىرىنى خاتىرىلىدى، بۇلارنىڭ باش تېمىسى پەقەت بىرلا: كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى، ئازادلىق ئارمىيە سۆيۈملۈك. بوۋاينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى «ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش كۈندىلىك خاتىرىسى» دەپ ئاتىلىپ سانسىزلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى، بوۋاينىڭ ئىش ئىزلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەربىي گازارمىنىڭ ئىچى - سىرتىدا كەڭ تارقىلىپ مەدھىيە ئوقۇلدى، ئۇ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.

2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى قادىر باقى بوۋاي كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، ئەمما ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى توختاپ قالماستىن داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇردى. لەنگەر كەنتىنىڭ ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى، ئازادلىق ئارمىيە سۆيۈملۈك» دەيدىغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىككىنى ھىمايە قىلىش كۆرگەزمە زالى 2006 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 100كىۋادرات مېتىر، 2008 - يىلى 5 - ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. كۆرگەزمە زالى «سەمىمىي غەمخورلۇق» «ئارمىيە - خەلق مۇناسىۋىتىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىگە 44 يىل گۇۋاھ بولۇش» «ئوخشاش بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىمىز، ئارمىيە - خەلقنىڭ مۇھەببىتى دېڭىزدەك چوڭقۇر» «ئاممىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ، يۇرت - ماكاننى ئورتاق گۈللەندۈرىمىز» «ئىلغار تىپلارنى زىيارەت قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىمىز» «ئارمىيە - خەلق قول تۇتۇشۇپ ھەقىقىي ھېسسىياتنى نامايان قىلدى، لەنگەر كەنتىنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى»دىن ئىبارەت ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، 16 كۆرگەزمە تاختىسىدىكى 71 پارچە سۈرەتتە قادىر باقى بىلەن ئازادلىق ئارمىيە ئارىسىدىكى كىچىك ھېكايىلەر ئاساسلىق تەسۋىرلىنىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى جانلىق نامايان قىلغان.

«كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتتى، ياشلىقىدىن تارتىپ چاچلىرى ئاقارغىچە، بوۋاي ئۆزىنىڭ ئاددىي سەمىمىي تىلى بىلەن 40 يىلدىن بۇيان ئازادلىق ئارمىيە شۇ جايدىكى ئاممىغا قىلىپ بەرگەن سانسىزلىغان ياخشى ئىشلارنى خاتىرىلىدى. بوۋاينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى خۇددى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھۆججەتلىك فىلىمدەك ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشلەرنى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ.» 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىككىنى ھىمايە قىلىش كۆرگەزمە زالىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى ۋۇ جيانىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى. ئۇلار كەينى - كەينىدىن يانفونلىرىنى چىقىرىپ كۆرگەزمە تاختىسىدىكى مەزمۇنلارنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

«كەنتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئارمىيە بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ناھايىتى كۆپلىگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى كۆردۈم، ئاڭلىدىم.» لەنگەر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى شىسۇڭ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم «1 - ئاۋغۇست» «1 - ئۆكتەبىر» ۋە يېڭى ئەسكەرلەر قىسىمغا كەلگەن، كونا ئەسكەرلەر قىسىمدىن قايتىدىغان ھالقىلىق چاغلاردا كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ مەززىلىك تاماقلارنى ئېتىپ، قىسىمدىن ھال سوراپ كېلىدۇ، «بولۇپمۇ ئاق كىشمىش، ئۈزۈم، ياڭاق، ئانارلار پىشقان پەسىلدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىك سېۋەتلەرنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭغانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ، سورىمىساقمۇ ئۇلارنىڭ قىسىمدىن ھال سورىغىلى ماڭغانلىقى ئېنىق».

شۇ كۈنى، كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى قادىر ھامۇت ۋە بىرقانچە كەنت ئاھالىسى كۆرگەزمە زالىغا كەلگەن ئىكەن، «مەن دائىم كېلىپ كۆرۈپ كېتىمەن، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن دوستلارغا بىزنىڭ ئازادلىق ئارمىيە بىلەن بولغان ھېكايىمىزنى سۆزلەپ بېرىمەن.» قادىر ھامۇت ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىر يىلى جەڭچىلەر كەنتنىڭ ئەتراپىدا ئەمگەك قىلغاندا ئىشلەتكەن گۈرجەك، جوتۇلارنىڭ سېپى قوپال بولغاچقا قوللىرى چوڭ - كىچىك قاپارتمىلار بىلەن تولۇپ كەتتى. بىر كەنت ئاھالىسى بۇنى كۆرۈپ دەرھال ئۆيىدىن رەندە ئېلىپ كېلىپ جەڭچىلەرنىڭ ئەمگەك قوراللىرىنىڭ سېپىنى رەندىلەپ سىلىقلىغاندىن كېيىن، ئۆزى سىناپ بېقىپ ئاندىن جەڭچىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى.

خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش توغرىسىدىكى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىللىقلىققا تولغان ھېكايىلەر لەنگەر كەنتىدە يەنە ئىنتايىن كۆپ. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق قىسىم ۋە كۆپ تەرەپتىكى كۈچلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۈگۈنكى كۈندىكى لەنگەر كەنتىدە مىللىيچە خاس قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىكى ئاھالە ئۆيلىرى رەتلىك سېلىندى، قەدىمىي دەرەخلەر يولنىڭ ئىككى ئەتراپىدا قەد كۆتۈردى، ئاسفالت يوللار كەنت ئىچىدە تورلاشتى، قىزىل بايراقلار ئۆگزىلەردە جەۋلان قىلدى... نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ كەنتتىكى مېۋىلىك باغلارنى ئارىلاپ ئىككىنى ھىمايە قىلىش كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، قادىر باقى بوۋاينىڭ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئىش ئىزلىرى بىلەن تونۇشتى.

«بىزنىڭ كەنتىمىز شۇنداق ياخشى، بىز، ياش كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ بوۋاينىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمىز، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئارمىيە خەلقنى سۆيۈشكە ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل تەربىيەنى كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن كۆپلەپ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمىز. كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزىنىڭ بېيىش يولىنى تېپىپ چىقىشقا يېتەكلەيمىز» دېدى لى شىسۇڭ.

ئېكىسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى:

كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشخلا بازىرى لەنگەر كەنتى كۇچا شەھىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسى. ئىككىنى ھىمايە قىلىش كۆرگەزمە زالى لەنگەر كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى ئىچىدە بولۇپ، كۇچا شەھىرى رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 مىنۇت كېلىدۇ. كۆرگەزمە زالىدىكى نۇرغۇن سۈرەتلەردە «مەملىكەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى» قادىر باقى بوۋاينىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىم ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئارمىيە - خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى نامايان قىلىنغان. ئىككىنى ھىمايە قىلىش كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكورسىيە قىلىش ۋاقتى سائەت 11دىن سائەت 30:19غىچە بولۇپ، دۈشەنبىدىن شەنبە كۈنىگىچە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.