تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاراڭلىق سادا تىيانشاندا ياڭرىدى

مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيى:

جاراڭلىق سادا تىيانشاندا ياڭرىدى

قىزىل بازىلارغا زىيارەت ⑩

مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي)سارىيىنىڭ 3 - كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي ماتېرىياللار. □ نى لۇ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن   ئىختىيارىي مۇخبىر نى لۇ

تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇب گىرۋىكىگە جايلاشقان مايتاغ نېفىت كان بايلىقى بايقالغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو نېفىت سانائىتى مەيدانغا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى.

پۈتۈن مەملىكەتتىكى بۇ مۇھىم نېفىت خىمىيە شەھىرىدە، رۇسچە ئۇسلۇبتىكى بىر ئىمارەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ جاي دەل مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيى.

مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيىنىڭ ئەسلىي گەۋدىسى مايتاغ نېفىت ئىشچىلىرى كۇلۇبى ئىدى. دەۋر تۇيغۇسىغا باي بۇ قۇرۇلۇش 1955 - يىلى سېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن 2016 - يىلى يېڭى يىلدا رەسمىي ئېچىلغان، مايتاغنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىسى ئۇنىڭ ئىچىگە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مايتاغ رايونى ھەتتا قاراماي شەھىرىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت، مەيدان - سارايلىرى ۋە قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىيات تارىخىغا رەڭدار تۈس قوشقان.

«ئىلگىرىكى بۇ كونا بۇيۇملارغا قاراپ، يەنە ھازىرقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، قۇدرەت تاپقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، مۇشۇ دەۋردە ياشىغانلىقىمدىن ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن.» بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن مايتاغ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان سابىق خىزمەتچىسى شېن گوشى ھەر قېتىم كۆرگەزمە سارىيىغا كىرگەندە، ئۆزىنى تۇتالماي ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ھاياجېنىنى ئىپادىلەيدۇ.

مايتاغنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدا، تىللاردا داستان بولغان يەنە نۇرغۇن قەھرىمان شەخسلەر ۋە نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بارلىققا كەلدى. «ۋاڭ جىئې ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك پېشقەدەم بىر ئەۋلاد زىيالىيلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئۇنىڭ نام - مەنپەئەت قوغلاشماي، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھىي پەزىلىتى بىزنى مەڭگۈ تەربىيەلەيدۇ، ئىلھاملاندۇرىدۇ.» «سانائەت كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئۆگىنىش كېرەك»... كۆپ يىللاردىن بۇيان، تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچى مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيىدىكى ۋاڭ جىئېنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى مەخسۇس كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، ۋاڭ جىئې قاتارلىق قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەش داۋامىدا، ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتى ۋە ئويلىنىشىنى قالدۇردى.

كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيىدا «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» چۈشەندۈرگۈچى چېن ياڭ ساياھەتچىلەرگە تىللاردا داستان بولغان بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى: «يېڭى جۇڭگونى قۇرۇشتا بايلىق ۋە گېئولوگىيە ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇشتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، جياڭجۈن قىزى ياڭ جېڭلۇ قورقماس روھى ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقىغا بېرىپ، نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاخىرىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، مايتاغ نېفىت گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش تارىخىدا مەردانىلىك ناخشىسىنى پۈتتى...» چېن ياڭ مۇنداق دېدى: «ياڭ جېڭلۇنىڭ ھېكايىسى مايتاغدا كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد مايتاغلىقلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا».

مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلىش، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدىغان بىر خىل روھنى قايتا ئەسلەش. مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيىغا نەچچە ئەۋلاد مايتاغلىقلارنىڭ ئەسلىمىسى ۋە ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مايتاغلىقلارنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى ھېسابلىنىدۇ.

تيەنيۈن نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى خۇ چۈنمېي مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيىدىكى بىر پىدائىي. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد مايتاغلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىش قىلىدۇ، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئىشچى - خىزمەتچى ياكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ پىدائىي بولۇپ، كۆرگەزمە سارىيىغا ۋاكالىتەن سۆزلەيدۇ».

«ھەر قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەندە، يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولىمەن. پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلار جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى قوشىمىز» دېدى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى 1 - بىرلەشمە سېخىنىڭ ئىشچىسى جاۋ مېڭتاۋ.

«ساراي ئىچىدىكى كۆرگەزمە قىلىنغان مەنزىرە مايتاغدىكى نەچچە ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ھېكايىلەرنى چۈشەنگەندىن كېيىن، بۇ كوممۇنىستلارغا تېخىمۇ قايىل بولدۇم. تارىخقا خاتىرىلەش بىلەن بىللە، بىز ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىشنى تېخىمۇ ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.» بۇ ساراينىڭ ساراي باشلىقى شۈ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت (مۇزېي) خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيىنىڭ ھۆججەت ئارخىپىنى تۈزۈش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى توپلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىپ، نېفىت ئىشچىلىرى كۇلۇبى فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدۇم، مەن كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيىنىڭ تېخىمۇ يىراققا، تېخىمۇ ئۇزاققىچە مېڭىشىغا ھەمراھ بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، تومۇرنى بويلاپ ئىلگىرىلەش. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد مايتاغدىكى نېفىتچىلار قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئىلغارلىقنى كۆزلەپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىپ، تەدرىجىي ھالدا مايتاغنى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، زامانىۋى، نەپىس، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك نېفىت شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

شۈ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيى يىغىپ ساقلانغان 1000 پارچىدىن ئارتۇق قىزىل بۇيۇمغا تايىنىپ، مايتاغ رايونى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، قىزىل تەربىيە بازىسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو نېفىت سانائىتى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زامانىۋى نېفىت خىمىيە بازىسى − مايتاغنىڭ 100 يىللىق تارىخىي مۇساپىسىنى ھەر تەرەپلىمە قايتا نامايان قىلىپ، زامانىۋى نېفىت خىمىيە يېڭى شەھىرىنىڭ چۆل - باياۋاندا قەد كۆتۈرگەنلىكى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدەك مەزمۇت قەدىمىنى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلماقتا.

ئېكىسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى:

مايتاغ كۆرگەزمە (مۇزېي) سارىيى 2012 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 2016 - يىلى يېڭى يىلدا پۈتۈپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. كۆرگەزمە سارىيى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى − مايتاغ نېفىت ئىشچىلىرى كۇلۇبى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى 4400 كىۋادرات مېتىر، كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆلەم 2700 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كۆرگەزمە قىلىش، يىغىن ئېچىش، ئىش بېجىرىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىقتىدارى تولۇق.

كۆرگەزمە سارىيى مۇقەددىمە زالى، ئاساسىي كۆرگەزمە رايونى، ئاخىرقى زال، ئىككى مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە زالى ۋە بىر ۋاقىتلىق كۆرگەزمە زالى ھەمدە زال سىرتى كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت يەتتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي كۆرگەزمە رايونىدا ئايرىم - ئايرىم نېفىت دېڭىزى قولۋىقى، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن تاڭ قۇياشى، قايناق ھېسسىياتقا تولغان يىللار، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ ئىشنى ياخشى قىلىش، ھالقىما تەرەققىيات باش تېما قىلىنغان ئالتە تارماق كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىنغان. 800 پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت، 300 پارچىدىن ئارتۇق ھەقىقىي ھۆججەت - ماتېرىيال، 400 دىن ئارتۇق (يۈرۈش) تارىخىي قىممەتكە ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماددىي بۇيۇمى ھەمدە 30دىن ئارتۇق باش تېمىلىق ھەيكەل، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مەنزىرە، يېرىم مەنزىرە رەسىمى، قۇم مودېلى، كۆپ ۋاسىتىلىك تەسۋىرىي سۈرەت، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق كۆرگەزمە تۈرى ئارقىلىق، مايتاغدا نېفىت كان زاپىسى بايقالغاندىن بۇيانقى 100 نەچچە يىللىق نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئىزلىرى نامايان قىلىنغان.

2017 - يىلى 10 - ئايدا، بۇ سارايغا «ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى» دەپ نام بېرىلگەن؛ 2019 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى «نېفىت روھى تەربىيە بازىسى» دەپ نام بېرىلگەن؛ 2021 - يىلى 1 - ئايدا، نېفىت ئىشچىلىرى كۇلۇبى مايتاغ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى سانائەت مىراسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 4 - تۈركۈمدىكى دۆلەت سانائەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.