تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مالىيە نازارىتىگە «جوۋ نازىر» كەلدى

ھېكايىلەر توپلىمى ⑾

1938 - يىلى 5 - ئايدا، ماۋ زېمىن دىخۇدا مالىيە مەخسۇس مەكتىپى قۇردى، قوشۇمچە مەكتەپ مۇدىرى بولدى ھەم كۇرسانتلارغا ئۆزى دەرس ئۆتتى. □ لى دۇڭ سىزغان

سىكاننېرلاپ ئۈننى ئاڭلاڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چۇنخۇا

«يولداش ماۋ زېمىن ئېغىر كانايچە ياللۇغى، ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان، لېكىن ئۇ كېسەل تۇرۇپمۇ دائىم يېرىم كېچىگىچە خىزمەت قىلاتتى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپمۇ دائىم ئىشىكنى تاقىۋېلىپ داۋاملىق خىزمەت قىلاتتى، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلمىسام، ئۇ ئارام ئېلىشنى بىلمەيتتى. بەزىدە مەن يېرىم كېچىدە ئويغانسام، ئۇنىڭ يەنىلا باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم» ماۋ زېمىننىڭ خوتۇنى جۇ دەنخۇانىڭ بۇ ئەسلىمىسى بىزگە ماۋ زېمىننىڭ شىنجاڭدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلغانلىقىدەك ئەھۋالنى قايتا نامايان قىلىپ بەردى.

1938 - يىلى 2 - ئايدا، ماۋ زېمىن دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى) ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ كېسەل داۋالاتماقچى بولغان. شېڭ شىسەينىڭ ئېلىپ قېلىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ماۋ زېمىن شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىپ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن يەنە مۇۋەققەت نازىرلىققا ئۆزگەرتىپ تەيىنلەنگەن، شىنجاڭنىڭ مالىيە - ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا مەسئۇل بولغان. ماۋ زېمىن ئىسمىنى جوۋ بىنغا ئۆزگەرتىپ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىگە بىر «جوۋ نازىر» كەلگەن.

ئەينى چاغدىكى شىنجاڭدا، مالىيە ئاپپاراتلىرى تازا تاكامۇللاشمىغان، مالىيە - ئىقتىساد تۈزۈمى ئىنتايىن قالايمىقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلمۇيىل مالىمانچىلىق كۆپ يۈزبەرگەچكە، قەغەز پۇل پاخاللىشىپ، ئېغىر قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانىدى، شېڭ شىسەي توختىماي پۇل بېسىپ تارقىتىشقا تايىنىپ ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان، نەتىجىدە ئېغىر پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىققان. پۇقرالار توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىدا ئات ھارۋىسى بىلەن پۇل توشىغان.

بۇنداق كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، ماۋ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا: «ئامال قىلىپ ماڭا ئون پارتىيە كادىرى(لەي زۇليې، گاۋ دېڭباڭ، جېڭ يىشېڭدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى جەزمەن يۆتكەپ كېلىنىشى كېرەك) بېرىڭلار، چۈنكى بانكا، ئالتۇن كان، تاموژنىدا جەزمەن كۈچلۈك رەھبەر بولغاندىلا، ئاندىن تېز بۇرۇلۇش ياساپ، رول ئوينىغىلى بولىدۇ» دەپ خەت يازغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئارقىدىنلا گاۋ دېڭباڭ، جياڭ ليەنمۇ، جېڭ يىشېڭ، چيەن پىڭ قاتارلىق ئون كىشىنى شىنجاڭغا خىزمەتكە ئەۋەتكەن. 1939 - يىلىنىڭ بېشىدا، يەنئەندىن كەلگەن بۇ بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى يەرلىك باج ئىدارىلىرىگە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ئىزلىرى قالغان. ئۇلار ماۋ زېمىن بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ مالىيەسىنى تەرتىپكە سالغان، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا تىرىشىپ، ئەستايىدىل خىزمەت قىلغان.

ماۋ زېمىن شىنجاڭدا مالىيە خىزمىتىگە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت رىياسەتچىلىك قىلغان، ئەگەر بىز بۇ ئۈچ يىلدا ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن قانچىلىك خىزمەت قىلغانلىقىنى، بۇ ئۈچ يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى چۈشەنگىنىمىزدە، بىز جۇ دەنخۇانىڭ ئاشۇ ئەسلىمىسىنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز.

ماۋ زېمىن پارتىيەمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مالىيە - ئىقتىساد كادىرى بولۇپ، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى دۆلەت بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى، مەركىزىي خەزىنىنىڭ مۇدىرى، خەلق ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، «ئەپكەش بانكىسى»نى باشلاپ 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ ئۆتكەن. شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان پارتىيە خىزمىتى ئۈچۈن توپلىغان مول مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى شىنجاڭنىڭ مالىيە - ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا تولۇق ئىشلەتكەن.

«كۆپ ساندىكى كۆچمە كاپىتالنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 4 مىليون خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ھەرقايسى قۇرۇلۇش تارماقلىرىغا تەڭ سېلىش ئۈچۈن»، ماۋ زېمىن بانكىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى قارار قىلغان. 1939 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ سودا بانكىسى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىغا ئاساس سېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ شىنجاڭ دائىرىلىرىنى پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا قايىل قىلىپ، «سەر» بىرلىك قىلىنغان كونا ئۆلكە پۇلىنى بىكار قىلىپ، «يۈەن» بىرلىككە كەلگەن يېڭى پۇلنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ مالىيە، پۇل مۇئامىلىسىدىكى قالايمىقان ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا ئوڭشاپ، پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەپ، بازاردىكى مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغان. 1938 - يىلى 5 - ئايدا، ماۋ زېمىن دىخۇادا مالىيە مەخسۇس مەكتىپى قۇرۇپ، قوشۇمچە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ھەم ئۆزى كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتۈپ، شىنجاڭغا بىر تۈركۈم مالىيە، پۇل مۇئامىلە مەخسۇس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن.

ماۋ زېمىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ مالىيە - ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، مالىيە، باج ئىشلىرى ئاپپاراتلىرىنى تاكامۇللاشتۇرغان، مالىيە خامچوت، نەق چوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، باج ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالغان، قۇرۇلۇش زايومى تارقاتقان، 2 - قارارلىق ئۈچ يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزگەن... قىسقىغىنا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىنجاڭنىڭ قىياپىتى يېڭىلانغان. ئۇزاقتىن بۇيان ناھايىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن شىنجاڭنىڭ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى توغرا يولغا كىرگەن، كىرىمى چىقىمغا يەتمەيدىغان شىنجاڭ مالىيەسى ئاساسەن كىرىم - چىقىم تەڭپۇڭ بولۇشقا ئۆزگىرىپ، ئېلىنغان نۇرغۇن تاشقى قەرز تولۇق قايتۇرۇلۇپلا قالماي، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا - سانائەت كەسپى ۋە مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرى راۋاجلاندۇرۇلغان، مال باھاسى مۇقىملاشقان، بازار ئاۋاتلاشقان، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشى ياخشىلانغان، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە كۈچلۈك ياردەم بېرىلگەن. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئېتىقادى ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىشى ئارقىلىق ياراتقان مۆجىزە.

بۈگۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى مىڭدې يولى 29 - نومۇرغا جايلاشقان ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى كىشىلەرگە بۇ مۇنەۋۋەر كوممۇنىستنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلماقتا، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسىنى بايان قىلماقتا، ئۇنىڭ تۆھپىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.