قىزىل ئىزنالار ⑧
باش تارماق ئەترەتنىڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىدە ئۆگەنگەن كۇرسانتلىرى. □ ماتېرىيال سۈرەت
ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە مەلۇم قىسمى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى خاتىرە سارىيىدا باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە مەلۇم قىسمى تەمىنلىگەن.
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ
ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي ئارقا كوچا 37 - نومۇر، ئاۋات شەھەردىكى جىمجىت سېرىق تاملىق، قىزىل لەمپىلىك چاسا قورۇ، بۇ جاي دەل جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى.
قورۇنى ياپيېشىل قارىغاي - ئارچىلار ئوراپ تۇراتتى. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن بۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ مەدەنىيەت ۋە زامانىۋى ھەربىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەينى چاغدىكى ئالاھىدە سىياسىي مۇھىتى ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ، ئارمىيەمىز جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان بىر تۈركۈم ئالاھىدە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ كۆپ خىل ئارمىيە تۈرىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلانغان.
ئالاھىدە ئەسكەرلەر مەشىق مەكتىپى
خاتىرە سارايغا كىرگەندە، مەيدان ئالدىدىكى «ئارمىيە بايرىقىنى چىڭ تۇتۇش، قىزىل قەلب پارتىيەگە تەلپۈنۈش» باش تېمىسىدىكى ھەيكەل ۋە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش يول خەرىتىسى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى خۇددى ئاشۇ ئۇرۇش ئوتى يامرىغان يىللارغا قايتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.
1937 - يىلى 5 - ئايدا، قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ سول تارماق ئەترىتى دىخۇا(ئۈرۈمچىنىڭ ئىلگىرىكى نامى)غا يېتىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن شىداچياۋ ئەتراپىدىكى فۇمىن يىپ زاۋۇتىغا ئورۇنلاشقان، كېيىن دىخۇانىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى بىر گازارمىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئەينى چاغدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان چېن يۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراپ، ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، سول تارماق ئەترەت دېگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باش تارماق ئەترەتنى قۇرغان، سىرتقا قارىتا «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» دەپ ئاتىغان.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئەسلىدە بېكىتىلگەن باش تارماق ئەترەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئۆگىنىشى توغرىسىدىكى قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆز جايىدا مەدەنىيەت ئۆگىنىشىنى تەشكىللەشكە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.
خاتىرە ساراينىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى نادىرە ئەكبەر مۇنداق تونۇشتۇردى: 1937 - يىلى كۈزدىن باشلاپ، باش تارماق ئەترەت دىخۇادا سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ياردەم قىلغان ھەربىي تېخنىكا جابدۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش قورالى قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شېڭ شىسەينىڭ ھەربىي يېتەكچىلىرىنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ، يەنئەندىن تاللاپ كېلىنگەن يولداشلار بىلەن بىللە بىرونېۋىك، ئاۋىياتسىيە، ئاپتوموبىل، خەۋەرلىشىش، ھەربىي دوختۇرلۇق قاتارلىق ھەربىي ئىشلار دەرسلىكىنى ئۆگىنىپ، داغدۇغىلىق ئۆگىنىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. باش تارماق ئەترەت تۇرۇشلۇق «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرىدىغان تېخنىك كادىرلار مەكتىپى ئىدى.
تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا 67 ئادەم ئاپتوموبىل ئۆگىنىشكە، 87 ئادەم زەمبىرەك ئۆگىنىشكە، 50 ئادەم بىرونېۋىك ئۆگىنىشكە، 34 ئادەم سىمسىز تېلېگراف ئۆگىنىشكە، 13 ئادەم دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىشكە، 43 ئادەم ئاۋىياتسىيە ئۆگىنىشكە، 20 نەچچە ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىلىپ ئاخبارات خىزمىتىنى ئۆگىنىشكە تاللانغان. پارتىيە ۋەكىللىرىدىن چېن يۈن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سىياسىي ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيەسىدىن ئۆزلىرى دەرس ئۆتۈپ، باش تارماق ئەترەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان.
بۈگۈنكى كۈندە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى جايلاشقان چاسا قورۇ دەل ئەينى يىللاردىكى باش تارماق ئەترەت گازارمىسى كونا ئورنىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىگە ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتا سېلىنغان. قورۇنىڭ ئوڭ - سول تەرىپىدىكى ئىككى رەت ئۆي ئەينى يىلى باش تارماق ئەترەتنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى تۇرغان جاي ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە خاتىرە ساراينىڭ كۆرگەزمە زالى بولۇپ، كوماندىر - جەڭچىلەر ئۆگىنىشتە ئىشلەتكەن سىياھ قۇتىسى، سىياھ قەلەم، كىتاب قاتارلىق بۇيۇملار تىزىلدى. كۆرگەزمە زالىغا ئەينى يىللاردىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ئەستايىدىل ئۆگەنگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر ئېسىلغانىدى: ئاشخانىغا خەت تونۇش كارتىسى توشقۇزۇلۇپ چاپلانغان بولۇپ، ئاشپەزلەر بىر تەرەپتىن تاماق ئەتكەچ بىر تەرەپتىن ئۆگىنەتتى؛ ئۇخلاپ يېرىم كېچە بولغاندا ئوقۇتقۇچىنى ئويغىتىپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەپ بىلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن بولدى قىلاتتى؛ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى كۇرسانتلار مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن كۇرسانتلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرەتتى...
باش تارماق ئەترەتتىكى كوماندىر - جەڭچىلەر بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تولۇقلاپ ئۆگەنسە، بىر تەرەپتىن ھەربىي تېخنىكا ئۆگىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەللەرنى يېڭىپ، پارتىيەنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. ئىككى يىلغا يېقىن ئۆگىنىش ئارقىلىق، 1939 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تېخنىكىلىق تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بېرىلغاندا، «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىكى كۇرسانتلار شوپۇرلۇق، رېمونتچىلىق، تاكتىكا، قارىغا ئېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى ئۇچقۇچىلىرى شىنجاڭدا ئوڭۇشلۇق ھالدا كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلدى، بۇلار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق كۈچلەر ئىچىدىكى 1 - تۈركۈمدىكى ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىلىرى ۋە مېخانىكلار ئىدى.
ئارمىيەمىزنىڭ تايانچلىرى ۋە غوللۇق خادىملىرى
بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل ئارمىيە ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۇچۇش مەشىقى قىلغان ئايرودۇرۇمنىڭ كونا ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بەخت يولىدا بولۇپ، ھاۋا ئارمىيەسى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى خاتىرە سارىيى بۇ يەردە جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. خاتىرە سارايغا كىرگەندە، 1200 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 37 نۇسخا (پارچە) كىتاب - ماتېرىيال ۋە بىر نەچچە ئەمەلىي بۇيۇمنىڭ كۆپەيتىلمىسىدە باش تارماق ئەترەتتىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىدە ئۆگەنگەن، جەڭ قىلغان قاينام - تاشقىنلىق يىللىرى خاتىرىلەنگەن ۋە نامايان قىلىنغان.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۆگىنىشىدىن زور ئۈمىد كۈتتى، 1939 - يىلى 9 - ئايدا، جوۋ ئېنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ - كېلىشتە دىخۇادىن ئۆتكەندە، ئىككى قېتىم مەخسۇس باش تارماق ئەترەتتىكى يولداشلارنى يوقلىدى ھەم ئۇلارنى: «سىلەر ئارمىيەمىزنىڭ بىر قەدەر بالدۇر، ئەڭ ئالدىدا ماڭغان ھەربىي تېخنىك خادىملىرى، غوللۇق خادىملىرى، تايانچلىرى» «كەلگۈسىدە ئۆزىمىزنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنى قۇرغاندا، تايانچ خادىملار، غوللۇق خادىملار بار بولىدۇ.» دەپ ئىلھاملاندۇرغان.
1939 - يىلى قىشتا، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى كۇرسانتلىرىنىڭ يەنئەنگە قايتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، باش سىلىڭ جۇ دې ئىنتايىن خۇشال بولدى: «ئارمىيەمىز شەرقىي شىمالدا نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ئولجا ئالدى، ئايروپىلان بار، ئايرودۇرۇم بار، ئۇچقۇچى ۋە ئاسراش خادىملىرىلا كەمچىل.» شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدىن ئىبارەت بۇ خەلق ھاۋا ئارمىيەسى بۆشۈكىدە، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ كۇرسانتلىرى ئۆگەنگەن قابىلىيىتىنى پارتىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىغا سەمىمىي بېغىشلىدى.
«شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى پارتىيەمىز ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ چوغى بولۇپ، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىش ۋەزىيىتىگە تۈرتكە بولدى.» شىنجاڭ پارتىيە تارىخى تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى ليۇ شياڭخۇي مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاۋىياتسىيە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى كۇرسانتلىرى خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى جەريانىدا غايەت زور تۆھپە قوشتى.
4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بۈگۈنكى باش خەۋەر تور بېكىتىدە، تور نامى «يېڭى ھۈنەرۋەن 9932» دېگەن تورداش شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، سۈرەت يوللىغان ھەم سۆز قالدۇرغان: «بۈگۈن بىلدىم! جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى شىنجاڭدىن چىققان ئىكەن، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى <بەكلا قالتىس ئىكەن>!»
ئەمەلىيەت دەل شۇنداق، 1949 - يىلى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئالتە ئاۋىياتسىيە مەكتىپى قۇرۇشنى تەستىقلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ مۇدىرلىرى بىردەك شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىدىن بولغان. ھاۋا ئارمىيەسى 1 - تارماق ئاۋىياتسىيە قىسمى نەنجىڭدا قۇرۇلغان، قارىمىقىدىكى تۆت تۇەندىكى ئۈچ تۇەنجاڭ بىردەك شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىدىن بولغان.
غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتىنىڭ شىنجاڭدا تەربىيەلەنگەن ئالاھىدە ئەسكەرلەر تېخنىكا كۈچى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كۆپ خىل ئارمىيە تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلىنىپ، 1 - تۈركۈمدىكى ئاۋىياتسىيە قىسمى، بىرونېۋىك قىسمى، توپچى قىسىم ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. باش تارماق ئەترەتتىكى 400دىن ئارتۇق كوماندىر - جەڭچى ئىچىدە، نۇرغۇنلىرى ئارمىيەمىز ئالاھىدە ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ تېخنىكا تايانچى ۋە رەھبەرلىك كۈچىگە ئايلانغان.
3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 49 - ئوتتۇرا مەكتەپ 6 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى شى جيايى ئاتىسى شى گۇڭچياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، مەخسۇس شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - ئاۋىياتسىيە ئەترىتى بولۇپ، بۇ بۆلەك تارىخنى بالىلار چوقۇم بىلىشى كېرەك» دېدى شى گۇڭچياڭ.
يېڭى دەرۋدىكى ئىزباسارلاردىن بولۇش
بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، كىشىلەر بەس - بەستە قىزىل تەربىيە بازىلىرىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، ئىنقىلاب روھىدىن تەسىرات ئېلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى.
3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى شۇ كۈندىكى 3 - تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەر − ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۈتۈۋالدى. نادىرە ئەكبەر گەرچە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ تارىخى ۋە ھېكايىلىرىنى قايتا - قايتا سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىم يېڭى بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە چۈشەندۈرگەندە، يەنىلا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەيتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۆرگەزمە زالىغا تىزىلغان تارىخىي سۈرەتلەر ۋە ئەمەلىي بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ مەركەزنىڭ مۇدىرى قۇربان تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بىز ھاياجانلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن بۇ بۆلەك شانلىق تارىخنى قايتا ئەسلەپ ۋە ياد ئېتىپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ ئىنقىلابتا چىڭ تۇرۇش، خەۋپ - خەتەردىن قورقماسلىقتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى، قۇربان بېرىشتىن قورقماي پارتىيە ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جان پىدا قىلىشتەك ئالىيجاناب روھىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. بىز غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمىز».
ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە مەلۇم قىسمى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر يىلى يېڭى كادىرلار، يېڭى كۇرسانتلارنى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەيدۇ. قىسىم ئالاھىدە بايراملاردا، مەسىلەن، «4 - ماي»، «1 - ئىيۇل»دا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ ئاۋىياتسىيە خاتىرە سارىيى ئالدىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمى، ھەربىيلەر قەسىمىنى تەكرارلايدۇ. 2017 - يىلى، قىسىم يەنە «تارىخنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن جايغا بېرىپ ئەينى يىللىرىدىكى ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدى.
«تارىخى ئۇزاق قىسىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىز كۆپ قېتىم ئۆگىنىش ۋە ئىش ئىزلاردىن لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى تەشكىللەپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى روھىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەردۇق، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتىمىز» دېدى ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ھاۋا ئامىيەسى مەلۇم قىسمى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن يۇڭگاڭ.
داشۆ پۈتكۈزگەن ئەسكەر رېن گۇكەي مۇنداق دېدى: «ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە بىۋاسىتە تونۇشقا ئىگە بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن جاپالىق مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ھەربىيلەرگە خاس جاسارىتىمنى تاۋلاپ، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىز باسارلىرىدىن بولىمەن».