□ جاڭ بېي
4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ باركۆل بازىرى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسى تەشكىللەپ قۇرغان قىزىل پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى، يېشىل پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى، ئاق داۋالاش مۇلازىمەت ئەترىتى، كۆك قانۇن ياردىمى مۇلازىمەت ئەترىتى «تۆت خىل رەڭلىك مۇلازىمەت ئەترىتى» دەپ ئاتىلىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى يەتكۈزۈش، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش، مۇھىت قوغداش، ساغلاملىق يەتكۈزۈش، قانۇن يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق، تەۋەلىكتىكى ئامما ئۈچۈن جەمئىي 800دىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتە، ئۇنىڭدىن پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمەلىي ياردەم بېرىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ بېرىش - بېرەلمەسلىك ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىنايدىغان «ئىمتىھان قەغىزى». ئەمەلىي ئىش قىلىشتا ھەم مەۋقەنى كۆز ئالدىمىزغا قويۇپ، ئامما «جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ھەم يىراقنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئىجتىھات بىلەن ئۆگەنسە، ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتسە، جەزمەن يىراققا يۈرگىلى بولىدۇ. «تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» ۋە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تەلىپى بويىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، خەلققە ئۆزىنى بېغىشلاپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلقنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، بەخت - سائادىتىنى كۆزلىگەندە، جەزمەن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىن ئۆتكەل، خەتەرلىك ئۆتكەللەرنى يېڭىپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: (xjrbplb@126.com)