تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاغلىق كەنت ھاياتىي كۈچكە تولدى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىشەنچى ئاشتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن   ئىختىيارىي مۇخبىر جۇ ۋېنبىن

«مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، سىلەرنىڭ يازلىق تەتىلدە ئۆيىمىزگە كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز...». 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچقۇرۇن، ماناس ناھىيەسىنىڭ سۇساتقان قازاق يېزىسى مىنما ئېكولوگىيە كەنتىدىكى چارۋىچى ئايتجامال سەمەي يان تېلېفوندا سىنلىق كۆرۈشۈپ، بېيجىڭدا داشۆدە ئوقۇۋاتقان قىزىدىن كۆز قەلىمى سىزىشنى ئۆگەندى. قىزىنىڭ ياتاقداشلىرىنىڭ ماختىغىنىنى ئاڭلاپ، ئايتجامال ناھايىتى خۇشال بولۇپ، قىزغىنلىق بىلەن قىزىنىڭ ساۋاقداشلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ يازلىق تەتىلنى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.

مىنما ئېكولوگىيە كەنتى ئىلگىرى نامرات چارۋىچىلىق كەنتى ئىدى. بۇ يىللاردا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، شۇنداقلا فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە بۇ كەنت چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش يېڭى كەنتى قىلىپ قۇرۇلۇپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق ۋە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز روناق تاپتى، كەنت قىياپىتى يېڭىلاندى، چارۋىچىلار خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتى ھەم بىراقلا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مەدەنىي كەنتكە ئايلاندى.

باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق يېڭى تۇرمۇش باشلاندى

قاتناش قولايسىز بولغان چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى قىشلىق تۇرالغۇدىن ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش يېڭى كەنتىگە كۆچۈشكىچە؛ كونا، پاكار كېسەك ئۆيلەردىن كەڭرى، ئازادە، يورۇق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكىچە؛ ئىلگىرىكى نامرات، جاپالىق كۈنلەردىن ھازىرقى باياشات، كۆڭۈللۈك ياخشى كۈن كەچۈرۈشكىچە... بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئايتجامال نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىگە ئوخشاش، تۇرمۇشتا «ئۈچ تاقلاپ سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇردى».

يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئايتجامال ئائىلىسى سۇ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن ئۈزۈل - كېسىل خوشلاشتى، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ ھەممىسى بار بولدى. نەپىس گىرىم قىلىدىغان، مودا كىيىملەرنى كىيىدىغان بولدى، ئايتجامالنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈش تۇيغۇسى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن قوزغالدى. ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ تازىلىق قىلىدۇ، يەنە ئاڭلىق ھالدا كەنتنىڭ پاكىز يۇرت - ماكان ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، پاكىز، گۈزەل يېزا - كەنت مۇھىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغدىدى.

مىنما ئېكولوگىيە كەنتى فۇجيەن ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئاسقار ئاۋبەكىر مۇنداق دېدى: 2010 - يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 509 يۈرۈش چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيى، 114 يۈرۈش مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش بىناسى، 328 يۈرۈش ئىسسىق چارۋا قوتىنى، 100 چوڭ پارنىك سېلىندى، 100 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكىلدى، يەنە يول، توك بىلەن تەمىنلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش - سۇ چىقىرىش، يول چىرىغى، مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەسى، رەقەملىك تېلېۋىزور، تېلېگراف كەڭ بەلبېغى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلدى، 553 ئائىلىدىكى 1722 قازاق چارۋىچى يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كىردى.

مۇخبىرلار ئاسقارغا ئەگىشىپ كەنتنىڭ يېنىدىكى بىر كىچىك تاغ باغرىغا كېلىپ، چۆللۈكتە قەد كۆتۈرگەن بۇ كىچىك تاغلىق كەنتكە يىراقتىن نەزەر سالدى، رەت - رەت كەتكەن قىزىل ئۆگزىلىك، سېرىق تاملىق ئەمىن ئۆيلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يىراق تاغ ۋە يېشىل ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق كۆرۈنەتتى.

ئاسقار مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتى، چىراغلىق ۋاسكېتبول مەيدانى، مەدەنىيەت مەيدانى، شىپاخانا، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تەل بولدى. مۇقىم ئولتۇراقلاشقان كەنت ئاھالىلىرى چارۋىچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە چارۋىچىلىق قىلىپ، ساياھەتچىلىككە ماس كەلسە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق ۋە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى.

ئىلمىي باقمىچىلىق «ھەميان»نى تومپايتتى

«ھۆكۈمەت بىز ھەربىر ئائىلىگە 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىسسىق چارۋا قوتىنى سېلىپ بەردى. ئىسسىق قوتان بولغاندىن كېيىن، تۆللەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ئۆستى.» چارۋىچى دارقان چاكىرقاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى 60 نەچچە تۆگە باققان بولۇپ، كۈندىلىك سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 30 نەچچە كىلوگىرام كېلىدىكەن، ئۇ تۆگە سۈتىنى كەنتتىكى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن، ھەر كۈندىكى تۆگە سۈتى سېتىشتىن قىلىدىغان كىرىمى 1000 يۈەندىن ئاشىدىكەن، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، بىر ئايلىق ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدىكەن.

ئاسقار مۇنداق تونۇشتۇردى: مىنما ئېكولوگىيە كەنتىنى پىلانلىغاندا، تۇرمۇش رايونى، باقمىچىلىق رايونى، ئىشلەپچىقىرىش رايونى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۇرالغۇ بىلەن قوتان ئايرىۋېتىلدى، مۇھىت تازىلىقى ناچار بولۇش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىندى. مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، چارۋىچىلار ئون ئائىلە بىر گۇرۇپپا بولۇپ مەركەزلىك بېقىش شەكلى بويىچە، يازدا تاغدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىدا مال باقتى، كۈز ۋە قىش پەسلىدە كالا، قويلارنى ھەيدەپ تاغدىن چۈشۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا بوردىدى ھەم ئىسسىق قوتان سېلىش ئارقىلىق تۆل ئېلىش نىسبىتى ۋە قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، چارۋىچى ئادالقان قالى قوتاندىكى تېز ئەت ئالىدىغان، سېتىلىش باھاسى يۇقىرى ساففوك قويىنى كۆرۈۋېتىپ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، مىنما ئېكولوگىيە كەنتى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاشقا كۈچ سەرپ قىلغاچقا، چارۋىچىلىق كەسپى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، چارۋىچىلارنىڭ «ھەميېنى»مۇ تومپىيىشقا باشلىدى.

ئادالقان قالى ئائىلىسى 30كالا، 120 قوي باققان بولۇپ، ھەر يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئالاھىدە ياخشى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىلىرى زامانىۋى چارۋىچىلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى، كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى».

ماناس ناھىيەسى سۇساتقان قازاق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كەنتنى ھۆددىگە ئالغان كادىر ۋاڭ فالىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 2020 - يىلى، مىنما ئېكولوگىيە كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 17 مىڭ 271 يۈەنگە يەتكەن.

ساياھەت ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى

گۈزەل قازاق قىزلىرى شوخ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، كېلىشكەن يىگىتلەر ياڭراق ئاۋازدا ناخشا ئېيتىدۇ، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ساياھەتچىلەر تەنتەنە قىلىدۇ، كۆرۈپ قانمايدۇ... ھەر قېتىم ساياھەت پەسلى يېتىپ كەلگەندە، مىنما ئېكولوگىيە كەنتىدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ «چارۋىچىلار ئارامگاھلىرى»دا دائىم ساياھەتچىلەرنىڭ شوخ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنتنىڭ گۈزەللەشكەنلىكىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرۈپ، كەنتتىكى بىر قىسىم چارۋىچىلار «چارۋىچىلار ئارامگاھى» ئاچتى، ئۇلارنىڭ كىرىمى بارغانسېرى كۆپەيدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتە، چارۋىچى كۇلىم يېركىنغازىنىڭ «چارۋىچىلار ئارامگاھى»غا كىرگىنىمىزدە، تۆمۈر قازاندىكى ئەتكەنچايدىن مەززىلىك پۇراق چىقىپ تۇراتتى، كۇلىم ئائىلىسىدىكىلەر مېھمانلارغا ئالاھىدە تائام ھازىرلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، مەن چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتىم، ئاساسلىقى پىششىق گۆش، داپەنجى، سۈرلەنگەن ئات گۆشى ساتىمەن، بىر يىلدا 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن» دېدى كۇلىم خۇشال ھالدا.

كەنت ئاھالىسى يۈ يىگۇي ئىلگىرىكى يىللاردا سىرتتا ئىشلىگەن ئىدى، مىنما ئېكولوگىيە كەنتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان كالا - قوي گۆشىنى ئاساس قىلغان بىر ئاشخانا ئاچقان بولۇپ، قورۇمىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. «بۇ يىل مەن تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يىل ئاخىرىدا ناھىيە بازىرىدىن ئوغلۇمغا بىر يۈرۈش بىنا ئۆي سېتىۋالماقچى» دېدى يۈ يىگۇي تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

«مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شەكلىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈردى.» ئاسقار مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۈتۈن كەنتتە 15 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى. ناھىيە، يېزا پىلانى بويىچە، مىنما ئېكولوگىيە كەنتى ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە، يېمەك - ئىچمەك، ئارام ئېلىش بىر گەۋدىلەشكەن قازاق ئۆرپ - ئادەت ئېكولوگىيە يېڭى كەنتى بەرپا قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت مىنما ئېكولوگىيە كەنتى ئەتراپىدا 1000 مو قاقاسلىقنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مودەنگۈل باغچىسى، ئەتىرگۈل جىلغىسىدىن ئىبارەت ئىككى ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە يېشىل مەنزىرە بەلبېغى قۇردى ھەم سودىگەرلەرنى قار تېيىلىش مەيدانى ۋە تۆگە جىلغىسى تۈرىنى ئېچىشقا جەلپ قىلدى.

«قارىسىلا تاغنى كۆرگىلى بولىدۇ، نەزەر سالسىلا سۇنى كۆرگىلى بولىدۇ، يۇرت سېغىنىشىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى مىنما ئېكولوگىيە كەنتى ئۆزگىرىپ، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولدى، چارۋىچىلىق رايونى گۈزەللەشكەن، چارۋىچىلىق گۈللەنگەن، چارۋىچىلار بېيىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىم يېيىلدى، بىز چارۋىچىلار تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى گۈزەللىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى ۋاڭ فالى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.