تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قومۇل يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى ئېگىزلىكىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل يەندۇن شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ VRنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ نا، ليۇ شياڭ

4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيىدە، ئىشچىلار بىر تۈركۈم 3.4 مېگاۋاتلىق شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جىددىي ئىشلەپچىقارماقتا ئىدى. يېقىندا ئىشلەپچىقىرىلغان توققۇز گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تەرەققىيات رايونىغا يېقىن يەردىكى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30) ئارقىلىق گەنسۇ تەۋەلىكىدىكى شامال ئېلېكتىر مەيدانلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، قۇراشتۇرۇش تاماملاندى ھەم سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

شۇ كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسى، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ زىيارەت قىلدى.

قومۇل − قىزىل ئەسلىمىلەرگە تولغان بىر جاي. 1937 - يىلى 4 - ئايدا، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ سول تارماق ئەترىتى مىڭ چاقىرىم ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، خېشىدا قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ساناقسىز جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى شىڭشىڭشياغا يېتىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسىدىكى كۆرگەزمە سارىيىدا ئەينى يىللاردىكى ھەيۋەتلىك ۋە تەسىرلىك ھېكايىلەر بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۈرمەكتە.

غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگىنىگە ھازىر 84 يىل بولدى، قومۇل تۇپرىقىدا قىزىل گېنغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىندى، ئەۋلادمۇئەۋلاد قومۇللۇقلار ئىنقىلاب روھى، كۈرەش روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتماقتا.

قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسىغا ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىكى ھېكايىلەر قومۇل شەھىرىنىڭ قىزىل كۈچنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە ياراتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ۋە كارتىنىسى.

شىنجاڭ خەيجۇاڭ شىركىتى 2010 - يىلى قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان، بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شىركەتنىڭ مەھسۇلات - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا مەھسۇلاتنى ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ئاچتى، ئىشلەپچىقارغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئەڭ دەسلەپكى 2 مېگاۋاتتىن 2.2 مېگاۋاتقا، 2.5 مېگاۋاتقا، يەنە 3.4 مېگاۋاتقا يېتىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىق ئىقتىدارى سىجىل ئۆستى.

«بۇ تۈركۈم 3.4 مېگاۋاتلىق شامال كۈچى ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ گېنېراتور بۆلمىسى ئادەتتىكىدىن چوڭ، چاقپەلەك قانىتى تېخىمۇ ئۇزۇن، مۇنار سىلىندىرى تېخىمۇ ئېگىز بولۇپ، ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.» شىنجاڭ خەيجۇاڭ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چىن لىڭ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركەت ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى قوش ئوقلۇق قۇرۇلمىنى تاق ئوقلۇق قۇرۇلمىغا ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، كېيىنكى مەزگىللىك ئاسراش تەننەرخىنىمۇ تۆۋەنلەتتى.

شىنجاڭ خەيجۇاڭ شىركىتىنىڭ قاينام تاشقىنلىققا تولغان ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى قومۇل جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتور چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى بىرقەدەر جىمجىت بىلىنەتتى، ئىشچىلار سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىۋاتاتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بۇ شىركەت 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلەتتى.

«چوڭ سىغىملىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى.» قومۇل جۇڭچې شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شياۋشياڭ مۇنداق دېدى: شىركەت شامال كۈچى گېنېراتورى ھەم ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئېچىش - ياساش، سېتىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. بازار ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يادرولۇق تېخنىكا جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش قىلغاندىلا شىركەت ئاندىن ئۇزاققىچە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ.

نۆۋەتتە، قومۇل جۇڭچې شىركىتى 28 گېنېراتور زاكازىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 200 مىليون يۈەن بولۇشى مۆلچەرلەندى. «شىركەت دەسلەپ قومۇلدا ماكانلىشىشتا بۇ جاينىڭ بايلىق، رايون ئورنى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىنى كۆزلىگەن» دېدى ۋاڭ شياۋشياڭ. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلغا بىۋاسىتە قاچىلىنىپ، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30) ئارقىلىق شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى خېرىدارلارغا يەتكۈزۈلىدىكەن، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت تەننەرخىدىنلا يىلدا نۇرغۇن مەبلەغنى تېجەپ قالالايدىكەن.

قومۇل شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەسىپلەر باغچە رايونىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قومۇل شەھىرى مول شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا تايىنىپ يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 11 شامال ئېلېكتىر جابدۇق كارخانىسى قومۇلدا ماكانلىشىپ، شامال ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش يانداش شامال گېنېراتورى، مۇنار سىلىندىرى، چاقپەلەك قانىتى، گېنېراتور بۆلمىسى قېپى قاتارلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.

كەلگۈسىدە، قومۇلنىڭ كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى جابدۇق ياسىمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارمۇ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، شىنجاڭ لەنشى ئېغىر جابدۇق ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ 20 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان سېخىدا، ئىشچىلار ھىدروگېن قوشۇش رېئاكتورىدىن ئالتىنى جىددىي ياساۋاتاتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا خېرىدارلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلىدىكەن.

شىنجاڭ لەنشى ئېغىر جابدۇق ئېنىرگىيە قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى 2014 - يىلى قومۇلغا ماكانلاشقان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈسكۈنىلىرى، نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى ئۈسكۈنىلىرى، كۆچمە زاۋۇت يۈرۈشلۈكلىرى ھەم ئېكسپورت ئۈسكۈنىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ شىركەت پۈتۈن شىنجاڭغا تونۇلغان ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىسى بولۇپ قالدى، يېڭى ماتېرىيال مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، تۈرلەر بويىچە زاكاز تالونلىرىمۇ كەينى - كەينىدىن كەلدى.

شىنجاڭ لەنشى ئېغىر جابدۇق ئېنىرگىيە قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ شېڭيۈەن ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ قومۇلدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى سەۋەبلەرنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قومۇل يىپەك يولىنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي يولىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە جايلاشقان، ھەم شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكىرى رايونلىرى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان دەرۋازا ھەم دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى ئاساسلىق قۇرۇقلۇق يولى بولۇپ، بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇق.

قۇياش نۇرى قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىغىچە چۈشۈپ تۇرماقتا، تۈرلۈك ئېغىر تىپتىكى ئەشيا ئوبوروت يۈك ئاپتوموبىللىرى بۇ يەرگە توختىماي كىرىپ چىقماقتا، ئاپتوموبىللاردىكى ماتېرىياللار، جابدۇقلار ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30) ئارقىلىق شىنجاڭ ئىچى - سىرتىغا توشۇلماقتا. ئىلگىرىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش يولى ئەگرى - توقاي يولدىن راۋان يولغا ئايلىنىپ، ئۈزلۈكسىز پۇرسەت ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلمەكتە.

قومۇلنىڭ كىشىنى بۇنداق ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن

4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى پەيشەنبە ھاۋا ئوچۇق

بۈگۈنكى زىيارەتنىڭ مەزمۇنى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئالدى بىلەن قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسىغا باردىم، ئارقىدىن يەنە ئۈچ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قومۇلنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى زىيارەت قىلدىم، ھەربىر جاي كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. قومۇلنىڭ كىشىنى بۇنداق ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن!

قومۇلنىڭ قىزىل بايلىقىنىڭ بۇنداق موللۇقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بۇ يەردە قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسى، قومۇل ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ئاراتۈرۈكنى 40 كۈن قوغداش جېڭى خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئون نەچچە ئىنقىلابىي ئەسلىي جاي بار ئىكەن. تارىخنى ئۆرنەك قىلغاندا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىنىڭ ئالمىشىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ. غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسىدا، بىز نۇرغۇن ئورۇننىڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ تارىخىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاشقا تەشكىللىگەنلىكىنى كۆردۇق. بۇنداق مۇراسىم تۇيغۇسى بۇرچ تۇيغۇسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىگەنىدى.

قومۇلنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ بۇنچە ئىلغارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. تەخمىنەن ئون يىلنىڭ ئالدىدا، قومۇلنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى، قومۇل مول شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ، كەسىپ زەنجىرى ئەڭ تولۇق يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسىنى قۇرۇپ چىققان.

قومۇلنىڭ شەھەر كۆكەرتىشىنىڭ بۇنچە ياخشىلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. مۇخبىر ئېۋىرغول رايونىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىنى كېسىپ ئۆتكىنىدە، مەيلى قەيەرگە بارسۇن، بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەرنى كۆردى، پۈتكۈل شەھەر خۇددى بىر باغچىغا ئوخشاش تەبىئىي، ساغلام، تىنچ، ئازادە ئىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، قومۇل شەھىرى يېشىل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەر قۇرۇش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلغان.

قومۇل قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلغان جاي، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاي. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، قومۇلنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. (ۋاڭ نا)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.