تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈزۈم ئىگىلىكى» داغدام يول ئاچتى

تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى بۇيلۇق مەنزىرىسىگە ئېگىزدىن نەزەر(4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

كەچ باھاردىكى تۇرپان، ئۈزۈمنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى باراڭنى بويلاپ ئىختىيارىي ئۆسمەكتە ئىدى، «ئۈزۈم ئىگىلىكى» يول تورىغا تايىنىپ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

«سول تەرەپكە قاراپ 10 كىلومېتىر ماڭسام تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بار، ئوڭ تەرەپكە قاراپ ئىككى كىلومېتىر ماڭسام ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بار. ھازىر قاتناش ئەشيا ئوبوروتى شۇنچە قولايلىق تۇرسا، بىز ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ قانداقمۇ بېيىماي تۇرالايمىز!» 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسىدىكى بىر ئۈزۈمزارلىقتا، تۇرپان شەھىرى خۇيمىن مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئوسمان ئابلا «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىغا خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

قاتمۇقات ئۈزۈم بارىڭى ئارىسىدىن يېقىنلا يەردىكى يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى تاشيولدا ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ «چوڭ تومۇرى» تۇرپان شەھىرىدە تۇتاشقاندىن كېيىن، ئۆلكە يولى غول لىنىيەسى، ناھىيە - يېزا تاشيولى، يېزا تاشيولى خۇددى قىل قان تومۇرلارغا ئوخشاش چوڭ - كىچىك ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىلىرى، ئۆزگىچە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۈزۈم باش تېما قىلىنغان باغچىلار، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مېۋە - چېۋە سودا بازارلىرى، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ئۈزۈم ھارىقى كارخانىلىرىغىچە سوزۇلغانىدى.

كارىز ئەتراپىدا، يالقۇنتاغ باغرىدا، بۇيلۇقتا ساپاق - ساپاق ئۈزۈملەردىن نۇرغۇن كەسىپلەر «كەسىپ سېپى»گە ئايلىنىپ، بارغانسېرى كۆپ ئامما ساپاق - ساپاق ئۈزۈملەردىن بېيىش يولىنى تاپتى. كىچىكىدىن باشلاپ ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ كەلگەن ئوسمان نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى. 2019 - يىلى باش باھاردا، ئۇ تۇرپان شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۈزۈمچىلىك بازىرى يېڭىسار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلامچى بولۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، كوپىراتىپنىڭ شۇ يىللىق كىرىمى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كوپىراتىپقا كىرگەن ئەزالارنىڭ ھەممىسى پايدا ئالدى.

ئوسمان دائىم كوپىراتىپنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى ئابلەت يۇنۇس بىلەن قانداق قىلغاندا كەڭ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلاتتى. 60 ياشتىن ئاشقان ئابلەت ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «پەرۋىش مۇلازىمىتى يېتىشىپ ماڭسىلا، بىر مو يەردىكى ئۈزۈمنى 20 مىڭ يۈەنگە سېتىشتا گەپ يوق».

ئابلەتنىڭ ئىشەنچىسى قاتناشنىڭ قولايلىقلىقىدىن كەلگەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولمىغان يىللاردا، ئۈزۈمنى ئىچكىرى رايونلارغا سېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تىراكتور بىلەن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۈنچىگە ئاپىرىش جەريانىدىلا، نۇرغۇن ئۈزۈم چايقىلىپ مىجىلىپ كېتەتتى، بۇنداق ئۈزۈمدىن قۇرۇتۇلغان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ رەڭگى كۆرۈمسىز بولۇپ، باھاسىمۇ تۆۋەن بولاتتى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى تۇرپانغا يىغىلدى، شۇ جايدىكى ھۆل ئۈزۈمنىڭ سېتىلىش مىقدارى يىلدىن - يىلغا ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زامانىۋى تېخنىكا، ئىدىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ تۇرپانغا كىردى، ئۈزۈمنىڭ ھوسۇلى ۋە تاۋار نىسبىتى ئاشتى، ئۈزۈم ئۆستۈرىدىغان ئائىلىلەرنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىدى. ئابلەت ئىلگىرى بىر كىلوگىرام ھۆل ئۈزۈمنى ئون يۈەن ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدىغانلىقىنى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېۋە - چېۋە سودىگەرلىرىنىڭ تۇرپانغا كېلىپ ئۈزۈم سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.

«ھۆل ئۈزۈم سېتىشتىن قىلىنغان كىرىم قۇرۇق ئۈزۈم سېتىشتىن قىلىنغان كىرىمگە قارىغاندا يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇتۇش جەريانىدىكى تۈرلۈك خىراجەتلەر تېجىلىپ قالىدۇ» دېدى ئىدىقۇت رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى باغ - ئورمان مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئايشەم خالىق. 2016 - يىلى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ھۆل ئۈزۈم سېتىش مىقدارى تەخمىنەن 150 مىڭ توننا ئىدى، 2019 - يىلى ئېشىپ 200 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى.

تۇرپان شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ كادىرى لى يىڭجيېنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ يەنە بىر نامى «يۇقىرى ئۈنۈم» ئىكەن. تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈزۈم، قۇرۇق ئۈزۈملىرىنى شىئەنگە يۆتكەشكە پەقەت بىر يېرىم كۈنلا كېتىدۇ. تۇرپانغا ماكانلاشقان نۇرغۇن ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى شىئەندە ئالدىنقى ئامبار تەسىس قىلىپ، شىئەندىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا مال تارقىتىدۇ، مال 24 سائەتتىلا يېتىپ بارىدۇ.

قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورت مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىنجاڭ جىندىيەن ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سەككىز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە سائىتىگە 60 - 50 توننا قۇرۇق ئۈزۈم پىششىقلاشقا بولىدۇ. بۇ يىلدىن باشلاپ، بۇ شىركەت نەچچە مىڭ مو كىشمىش ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى بەرپا قىلىپ، «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى» شەكلىنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ئۈزۈم ئىگىلىكى» تۇرپان دېھقانلىرىغا داغدام يول ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرىدىغان نۇرغۇن ئائىلىگە بەخت ياراتتى. تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلىرى بۇ يەرگە يىغىۋېلىنىپ تارقىتىلىدۇ، بىر قىسىم ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەيدۇ.

بۇ «ئۈزۈم دۇنياسى»دا، مۇخبىر «دۇنيا ئۈزۈمى» ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى، شۇنداقلا ئۈزۈمنىڭ 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا قويۇپ بەرگەن چەكسىز سېھرىي كۈچىنى كۆردى. تۇرپان شەھەرلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ كادىرى مۇقەددەس ئابدۇراخمان پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت ئاپتوموبىل يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ ماڭغىنىڭلاردا، ئازادىلىك ۋە تېز سۈرئەتنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە جابدۇق ياسىمىچىلىقى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىق يېڭىچە كەسىپ ھالىتىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ھېس قىلالايسىلەر».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.