تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەمىمىي ئۈمىدنى يەردە قويماي، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۇڭفېي، خەن چىنيەن

«يەتتە يىلدىن بۇيان، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى، شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تورى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <ئىككى تور> دېيىلىدۇ)نى ئۈزلۈكسىز زىچ توقۇپ، شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ خۇش ھىدىنى ھەر تەرەپكە تارىتىپ، شىنجاڭدىكى باغۋەنلەرنىڭ يانچۇقىنى تومپايتتۇق» دېدى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ جۈەن.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ خاس بايلىقىنى يەنىمۇ ياخشى ئېچىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» يەتتە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى «شىركەت + دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ۋە «بازا + زاكاز + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىقلارغا تايىنىپ، 752 مىڭ 400 يېزا نوپۇسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە، ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى، بۇ، 2014 - يىلى تۈرتكە بولۇنغان ئادەم سانىدىن %276 ئاشتى؛ 47 مىڭ 300 ئادەم قېتىمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بىۋاسىتە، ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى، بۇ، 2014 - يىلىدىكىدىن ئون ھەسسە قاتلاندى.

قاغىلىق ناھىيەسى چارباغ بازىرى دۆڭچاقا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالىمجان ئوسمان دەل «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئەيمىن شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ئاپتوموبىل مەشىق مەيدانىدا، ئۇ ئاپتوموبىل مەشىق قىلىۋاتاتتى. «مەن تىرىشىپ 10 - ئايدا ئاپتوموبىل سېتىۋالىمەن، يەنە لايىق تاپىمەن، كۈنلىرىم چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ» دېدى.

مېۋىچىلىك گۇرۇھى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئۇنىڭغا ياخشى ئىشلار ئارقا - ئارقىدىن بولدى: ياڭاقنى مېۋىچىلىك گۇرۇھىغا سېتىپ، بىر يىلدا 40 - 30 مىڭ يۈەن كىرىمىنى ئاشۇردى؛ مېۋىچىلىك گۇرۇھىدا ئىشلەپ، بىر يىلدا 30 - 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى؛ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ئۇ يەنە مېۋىچىلىك گۇرۇھى تەرىپىدىن رەسمىي خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلىندى. «بۇلتۇر ئۆيىمىزنى بېزىدۇق، سافا، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇردۇق» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

«بۇ يىل، بىز <ئىككى تور> قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقا قىلىپ، <ئىككى تور> قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېما قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، كارخانا، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەت باغلانما مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز» دېدى جاۋ جۈەن.

يۈسۈپ ئابدۇللا كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، يەتتە يىلدىن بۇيانقى كەنتتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يۈسۈپ ئابدۇللا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ھەقسىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئوزۇقلۇق ياردەم تولۇقلىمىسى بار، ياشانغانلار كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار... پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ».

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، يولنى قاتتىقلاشتۇرۇش، ئۆستەڭ رېمونت قىلىش، يول چىرىغى ئورنىتىش قاتارلىق پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىرادىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

«بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ليۇ خۇڭتاۋ.

كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە، جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز مەكتەپ ئاسمىنىدا ياڭرىماقتا ئىدى، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ تېمىغا يەتتە يىل ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بالىلار بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئېسىلغان بولۇپ، كۆرۈنۈش يېقىملىق، تەسىرلىك ئىدى. 2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ تەشەببۇس قىلغان «بارلىقىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن» دېگەن بۇ ئىدىيەنى ئەمەلىيىتىدە ياخشى كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈرگەنىدى.

يەتتە يىلدىن بۇيان، مەكتەپتە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتى، ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. «بۇ يىللاردا، بالىلار خەتتاتلىق، مۇزىكا، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن قىزىقتى، مەكتەپ ئاچقان قىزىقىش سىنىپلىرىنىڭ ھەممىسى بالىلار بىلەن لىق تولدى» دېدى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياۋ خۇڭيۈ.

بۇلتۇر، توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ «2 - نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي مەكتەپ» «مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا - كەنت مەكتەپلىرى ئىچىدىكى ئىللىق مەكتەپ» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى. بۇ يىل، مەكتەپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، پارتىيە توغرىسىدىكى ھېكايىلەر، ئىنقىلاب توغرىسىدىكى ھېكايىلەر، قەھرىمانلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى كۈچەپ ياخشى سۆزلەپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى.

«بىز باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى ياۋ خۇڭيۈ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.