تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ تاۋلىنىش خاتىرىسى

ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نىڭ قومۇل شەھىرى شىمالىي چىقىش ئېغىزىغا ئېگىزدىن نەزەر (4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ۋاڭ نا

شامال ئۇپۇق بىلەن زېمىن ئارىسىدا ھۇشقۇرتىپ تۇراتتى، تۆت ئەتراپتا تاغ تىزمىلىرى چوقچىيىپ تۇراتتى، ليەنيۈنگاڭدىن قورغاسقىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول (G30) تاغ ئارىسىدا سوزۇلۇپ، ئۇدۇل بىر تاغ ئېغىزىدىن ئۆتەتتى. قارشى تەرەپتىكىسى «شىنجاڭغا كىرىشتىكى بىرىنچى بازار» − قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شىڭشىڭشيا بازىرى ئىدى.

شىڭشىڭشيا بازىرى ئىسمى - جىسمىغا لايىق «كىچىك» بولۇپ، بىر قاراشتىلا بازارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئاساسەن بىلگىلى بولاتتى، لېكىن ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۇنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغانىدى: شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولغان قومۇل شەھىرىنىڭ «دەرۋازىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ «بىرىنچى مۇھىم بازار» دەپ ئاتالغان. ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30) مۇشۇ يەردىن شىنجاڭغا كىرىپ يول بويى غەربكە قاراپ سوزۇلۇپ، قومۇل، تۇرپان، ئۈرۈمچى، كۈيتۈن قاتارلىق كۆپلىگەن ناھىيە، شەھەردىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا 1400 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى قورغاسقا تۇتىشىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ بويىغا جايلاشقان بۇ كىچىك بازارغا سەپسالغاندا، يول بويىدىكى تاغ چوققىسىدا بىر ھەيكەل كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ − ھەيكەلدىكى ئىككى ئەر، بىر ئايال جەڭچىنىڭ يۈزى ئوخشاش بولمىغان تەرەپكە قارىتىلغان بولۇپ، كۆزلىرى ئالدى تەرەپكە تىكىلىپ تۇراتتى، قولىدا تۇتقان پولات مىلتىق ئاسمانغا قارىتىلغانىدى. يىراقتا يەنە ئېغىزنى ساقلاش ئۈچۈن ياسالغان ئاكوپلارنىڭ ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغانىدى.

تارىخ يىراقلاپ كەتمىدى، بەلكى بۇ يەردە قەدىمىنى توختىتىپ تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كۈتۈپ تۇرماقتا. «بۇ <غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى روھى> ناملىق ھەيكەل بولۇپ، 2010 - يىلى ياسالغان.» 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىڭشىڭشيا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى قاھار ئىسمايىل ھەيكەل ئالدىدا تۇرۇپ، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم بۇ مىسلىسىز جاپالىق، باتۇرانە، تەسىرلىك تارىخنى سۆزلەپ بەردى.

1937 - يىلى 4 - ئايدا، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىلىرى بۇ «شىنجاڭغا كىرگەندىكى بىرىنچى بازار»غا كەلگەن. يول بويى يەرنى سېلىنچا، ئاسماننى يېپىنچا قىلىپ كەلدى. ئۇلار قارلىق تاغلاردىن ھالقىپ، ياڭگۇەن قوۋۇقىدىن چىقىپ، يۈمېن قوۋۇقىدىن ئۆتۈپ، گومىنداڭ باندىتلىرىنىڭ قاتمۇقات مۇھاسىرىسى ۋە توسۇشلىرىدىن قان كېچىپ بۆسۈپ ئۆتكەن، ئاخىر خېشى كارىدورىدىن ئۆتۈپ، شىڭشىڭشياغا يېتىپ كەلگەندە، ئەسلىدىكى 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇندىن ئاران 400نەچچە ئادەملا قالغان. 1937 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى چېن يۈن، تېڭ دەييۈەنلەر ئالايىتەن شىڭشىڭشياغا بېرىپ، لى شيەننيەن باشچىلىقىدىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ سول تارماق ئەترىتىنى كۈتۈۋالغان.

«غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى مەڭگۈ بىزنىڭ خاتىرىلىشىمىزگە ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ» دېدى قاھار ئىسمايىل ھاياجانلانغان ھالدا.

جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىلىرى ئىلگىرى قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ ئۆتكەن بۇ جاينىڭ ئىقتىدارى كېيىنكى يىللاردا تەدرىجىي ھالدا ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم ئېغىزدىن شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان قۇرۇقلۇق يولى قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندى. بۇ قىزىل يول قومۇل شەھىرى ھەتتا پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىقتىساد يولى بولۇپ قالدى.

«گۈزەل شىنجاڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ.» شىڭشىڭشيا ئېغىزىغا كىرگەن ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر پارچە تاش ئابىدە يول بويىغا تىكلەنگەن بولۇپ، ئۈستىدىكى قىزىل چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. «2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)دا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شىڭشىڭشيا بۆلىكىدىكى ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئادەم ئېقىمى كۈنسېرى كۆپەيدى. نۆۋەتتە، قوش يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 10 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىم ئەتراپىدا بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مۇھىم قاتناش تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قومۇل شۆبە شىركىتىنىڭ ھەق ئېلىش تىجارىتىگە مەسئۇل خادىمى ۋۇ گاڭ.

تېخى بۇلتۇرلا قايتىدىن بېزەلگەن شىڭشىڭشيا مۇلازىمەت رايونىنىڭ سىرتقى لايىھەسىدىن ئىچكى مۇھىتىغىچە زامانىۋى پۇراق چىقىپ تۇراتتى، يېمەك - ئىچمەك، ئىستىراھەت، تور، ياتاق، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى تەل بولۇپ، سەپەردىن ھېرىپ - ئېچىپ كەلگەن كىشىلەرنى ئازادە ئارام ئالىدىغان جايغا ئىگە قىلغانىدى.

«ھەر ئايدا مۇلازىمەت رايونىغا كىرگەن ئادەم ئېقىمى مىقدارى 40 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ.» شىڭشىڭشيا مۇلازىمەت رايونىدىكى سودىگەر جاڭ چېڭبىن پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىنى تولىمۇ ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋېتىپتۇ، «تىجارەت سوممىمىز يەنە نەچچە قاتلىنىدۇ».

باشتىن - ئاخىر «يول» بىلەن بىللە بارلىققا كېلىپ، بىللە مەۋجۇت بولۇۋاتقان شىڭشىڭشيا بازىرىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى. قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىنغان بۇ تۇپراقتا، بازاردىكى كادىرلار چەكلىك ئادەم كۈچىنى تەشكىللەپ يىلمۇيىل كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدى، يول بويىدىكى شېغىل تاشلارنى قېزىپ چىقىرىپ، توپا يۆتكەپ كېلىپ كۆچەت تىكتى، كۆكەرتىلگەن كۆلەم 3000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى، ھاياتلىقنىڭ يېشىل رەڭگى شىڭشىڭشيادا ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

بازار رايونىدىكى يول بويلىرىغا نۇرغۇن بەلگە تاشلار قويۇلغان بولۇپ، «شىنجاڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ» «شىنجاڭغا كىرگەندىكى بىرىنچى بازار» قاتارلىق خەتلەر ئويۇلغانىدى. بۇ بەلگە تاشلارنى بازاردىكى كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر يېقىن ئەتراپتىكى تاغ تاشلىرى ئارىسىدىن تاللاپ ئەكەلگەن بولۇپ، ئۆزلىرى قول سېلىپ ئويغانىدى.

«رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بىز شىڭشىڭشيا بازىرىنى قىزىل ساياھەت بازىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدۇق.» قاھار ئىسمايىل مۇنداق دېدى: غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە چۈشەندۈرۈپ، شىڭشىڭشيانىڭ نامىنى تېخىمۇ چىقىرىمىز.

شىڭشىڭشيادىن ئۆتۈپ، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نى بويلاپ ئالدىغا ماڭغاندا، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەر رايونىدىن 70 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى چەكسىز چۆللۈكتە، شامال چاقپەلەكلىرى مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ شامالغا ئەگىشىپ ئايلىناتتى؛ قاتار - قاتار قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيە تاختىلىرى قۇياش نۇرىدا يالتىراپ، خۇددى تۇپراققا «قېنىق كۆك رەڭلىك دۇبۇلغا» كىيگۈزۈلگەندەك كۆرۈنەتتى.

بۇ ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30) قومۇل يەندۇن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل يەندۇن شامال - يورۇقلۇق ئېلېكتىرى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شۇنداقلا قومۇلدا پۈتكەن ئەڭ چوڭ شامال - يورۇقلۇق ئېلېكتىرى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە پاكىز ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىللە، يەنە قومۇل ئىچىگە 400 كىلومېتىر سوزۇلغان «قىزىل يول» «ئىقتىساد يولى»نىڭ چوڭ قەدەم بىلەن «يول ئىقتىسادى»غا قاراپ ماڭغانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا.

ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى روھى بىلەن يېڭى دەۋردە داۋاملىق يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلماقتا. ھازىر، قومۇل شەھىرى مەۋقەنى رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، خام ماتېرىيال پىششىقلاش، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى ۋە ساياھەتچىلىكنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى شەھىرىگە ئايلىنىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ ئېسىل سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

يۈرۈش خاتىرىسى

يېقىملىقلىق ئىچىدىن قەيسەرلىك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان شىڭشىڭشيا

4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سەيشەنبە ھاۋا تۇتۇق

بۈگۈن، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نىڭ شىڭشىڭشيادىن شىخەنزىگىچە بولغان بۆلىكىدىكى «قىزىل ئەسلىمە سەپىرى» باش تېمىلىق خەۋەر قىلىشنىڭ تۇنجى بېكىتى باشلاندى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئەتىگەندىلا ئاپتوموبىللىق ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نى بويلاپ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىن يولغا چىقىپ، شىڭشىڭشيا بازىرىغا قاراپ ماڭدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ ماڭغاندا، يول بويى دۆلەت يولى 312 لىنىيەسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى قومۇلغا كىرىپ چىقىدىغان ئاساسلىق يول ئىدى. بىللە بارغان شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى بۇ يول بىلەن قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىن شىڭشىڭشياغا بېرىش ئۈچۈن بەش سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتىكەن، ھازىر، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30) بىلەن ماڭغاندا بولسا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن.

شىڭشىڭشيا، بۇ ناھايىتى رومانتىك تۇيۇلىدىغان ئىسىم، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ھەممە يېرىدىن قەيسەرلىك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

بازار كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر «غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى روھى» ھەيكىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىدۇق، ئۇلارنىڭ خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان تەسىرلىك مۇساپىسى بىزنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، لىن زېشۈمۇ مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغاندا مۇشۇ جايدىن شىنجاڭغا كىرگەنىدى؛ زو زۇڭتاڭ ئەينى يىللىرى لىن زېشۈ سىزغان شىنجاڭ خەرىتىسىنى قوينىغا سېلىپ، 60 مىڭ خۇنەن قوشۇنىنى باشلاپ كىرىپ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغانىدى.

نۇرغۇن ھېكايىلەر مۇشۇ يەردە يۈزبەرگەن، ئۇلار جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا پارتلاپ چىققان غايەت زور ئېنېرگىيەسىگە گۇۋاھ بولدى.

دەۋر ئۆزگەرمەكتە، تاغ ئېغىزىدىكى بۇ يولمۇ ئۆزگەرمەكتە، پەقەت شىڭشىڭشيا گۇۋاھ بولغان ئاشۇ قەيسەر، تىز پۈكمەيدىغان، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ دۆلەتنى قوغدايدىغان مىللەت روھى ئۆزگەرمەيدۇ. (ليۇ شياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.