تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى

پارتىيە تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

شۈ خەيرۇڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش» «پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش» «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش» قاتارلىق جەھەتلەردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىللىق تارىخىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى.

شۈ خەيرۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىش كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋلى، ئىلمىي پىرىنسىپ، پەلسەپەۋى قائىدىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇ ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش؛ تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان ئىشەنچ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىش؛ تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېسىل ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش؛ تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئىقتىدار، ساپانى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.