تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 29 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 7 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 1 - پەسىلدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %25ىنى ئىگىلىگەن.

بۇ يىل 3 - ئايدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 3 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان.

شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىدا بىر تەرەپتىن، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى تېز ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، خۇادۇڭ رايونىغا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان. يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانىلار پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جانلىق بولغان ئۆلكە ئارا سىرتقا يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە قىسقا مۇددەتلىك كۆپ كۈنلۈك سودىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ۋاقىتلىق سىرتقا يەتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنىڭ تۆۋەن مەزگىلدىكى توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تولۇقلاپ، يولدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى جاڭ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بۇ يىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش توختامى ۋە ئىككى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنىڭ يانداش توك مەنبەسىدىن توك يەتكۈزۈش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى كېڭەيتىشكە پۇختا ئاساس سالدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىككى بازار ھەمدە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رايون ھالقىپ توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەڭشەپ تەقسىملەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.