تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايون مالىيە چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مەبلەغ چىقىمىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر - يېزىلاردىكى مەھەللىلەر، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە ئىشلىتىلگەن چىقىمنىڭ مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %76.7كە يەتكەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى 29 مىليارد 450 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %25.5 بولغان؛ ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ مالىيە چىقىمى 85 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %74.5 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى چىقىمى %42.1 ئاشقان، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش چىقىمى %40.2 ئاشقان، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى %18.8 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش» چىقىمىنى مالىيە چىقىمىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» چىقىمى مەبلىغىگە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىگەن. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، سىجىل تۈردە مەبلەغنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىم، تەكشى يۈرۈشۈشىنى مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەبلىغى چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مۇقىملىق پايدىسى، تەرەققىيات نەتىجە - ئۈنۈمىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.