تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىغا ئايلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ مېڭيۈ

قىزىل كوس مەزگىلىدە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما جىمىسار ناھىيەسىنىڭ شىندى يېزىسى شياۋفېنزى كەنتى بولسا باشقىچە بىر مەنزىرىگە تولغانىدى.

«بۇ قېتىم قەھۋە پۇرچىقىنىڭ چۈچۈمەل تەمى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، تېخىمۇ پۇراقلىق بوپتۇ، مېھمانلار چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ.» 53 ياشلىق ما خەيلياڭ سىفونلۇق قەھۋە چەينىكىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىپ، بىر چەينەك لەنشەن قەھۋەسىنى دەملەپ، خوتۇنى بىلەن تېتىپ كۆرگەچ، يېڭىدىن سېتىۋالغان قەھۋە پۇرچىقىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇلار شياۋفېنزى كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەنت ئاھالىلىرى، شۇنداقلا توردا جەزمەن بارىدىغان جاي، دەپ ئالقىشلانغان «ياڭجۈەن قاۋاقخانىسى»نىڭ دۇكان ئىگىسى.

شياۋفېنزى كەنتى جىمىسار ناھىيە بازىرىغا 30 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. جىمجىت قارلىق تاغلار، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاق تېرەكلەر، ھەممىلا يەرنى قاپلىغان ياۋا گۈللەر، كەنتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەنئەتكارلارنى بۇ يەرگە كېلىپ رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن شياۋفېنزى كەنتىمۇ يىراق - يېقىنغا داڭلىق «رەسساملار كەنتى»گە ئايلاندى.

نامرات تاغلىق كەنتنى مەنزىرە ئارقىلىق روناق تاپقۇزۇش

شياۋفېنزى كەنتىنىڭ تاغ قاپتىلىدا ياغاچتىن ياسالغان بىر ھويلا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئالاھىدە تارتىپ تۇراتتى، قەدىمىي، نەپىس ياغاچ دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە «لۇڭتەي سارىيى» دېگەن چوڭ خەتلەر يېزىلغانىدى.

ھويلا ئىچىدە ئون ئېغىز پاكىز، يورۇق ياتاق بار بولۇپ، 51 ياشلىق ئايال ساھىبخان لى يۈپىڭ ماي بوياق رەسىملەرنى مېھمانخانىغا ئېسىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. 1996 - يىلىنىڭ بېشىدا شياۋفېنزى كەنتىگە ياتلىق بولغان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە ئۇ تارتىنىپقىنە كۈلۈپ تۇرۇپ: «قېيىنئاناملارنىڭ پەقەت ئىككى ئېغىز كونا ئۆيىلا بار ئىدى، ئاتا - ئانام ئەينى چاغدا بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن بولسا، مېنى ھەرگىزمۇ بۇ يەرگە ياتلىق قىلمىغان بولاتتى!» دېدى.

تاغلىق رايونغا جايلاشقان شياۋفېنزى كەنتىدە تېرىلغۇ يەر ئاز بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىزچىل ئاشماي كەلگەنىدى. 2016 - يىلىدىن باشلاپ، شياۋفېنزى كەنتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پۇقراۋى قونالغۇ ۋە دېھقانلار ئارامگاھلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن رەسىم سىزىش ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە يىغىلىشقا جەلپ قىلدى.

2016 - يىلى 6 - ئايدا، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان لى يۈپىڭ ئېرى بىلەن كەنتكە قايتىپ كېلىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز ئېلىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. «ئويلىمىغان يەردىن سودىمىز بىراقلا روناق تېپىپ كەتتى. ئىشىكىمىز ئالدىدىكى مەنزىرە رەسساملارنىڭ نەزەرىدە ماي بوياق رەسىمگە ئايلىنىپ، ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.» لى يۈپىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر نۇرغۇن رەسسام مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ رەسىملىرى ئۆيۈمنىڭ مېھمانخانىسىغا ئېسىلغان، ساياھەتچىلەر كەلسە ھۇزۇرلىنالايدۇ ھەم سېتىۋالالايدۇ. 2019 - يىلى پايدىمىز يامان ئەمەس بولدى، ئوغلىمىزغا بىر پىكاپ ئېلىپ بەردۇق».

قامچىنى تاشلاپ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىش

ما خەيلياڭ ئىلگىرى مالچى بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر 800دىن ئارتۇق قوي باقاتتى.

«ئون يىل بۇرۇن چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش يولغا قويۇلدى، قويلارنى سېتىپ، باشقا ئىش قىلىپ سىناپ باقماقچى بولدۇم.» ما خەيلياڭ مۇنداق دېدى: «بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ <دېھقانلار ئارامگاھى> ئاچقانلىقىنى كۆرۈپ، مەنمۇ قوشۇلدۇم.» دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، لاۋ مانىڭ دوستلىرىمۇ كۆپەيدى. 2016 - يىلى، بىرنەچچە رەسسام دوستىنىڭ تەكلىپى بىلەن، لاۋ ما 290 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھويلىسىنىڭ ئالدىدىكى ئون نەچچە يىل تاشلىۋېتىلگەن قوي قوتىنىنىڭ ئورنىغا «يەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەت» تۈسىنى ئالغان بىر قاۋاقخانا سالدى. ئۆگزىسىگە شۇ جاينىڭ ئۆزىدىكى كونا ياغاچ ماتېرىياللارنى، ئىچىنى بېزەشكە كۆپ مىقداردا چىگە ئارغامچا، شېغىل قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئىشلەتتى. قاۋاقخانىغا كىرسىڭىز، قاۋاقخانا يەر ئاستىدىن ئىسسىيدىغان پار بىلەن ئىسسىتىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇ ۋە ناخشا تاللاپ قويۇش سۇپىسى سەپلەنگەنىدى، پوكەيدە قەھۋە، گۈلچاي، ھاراق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل بولۇپ، WiFiبىلەن تولۇق قاپلانغانىدى. قاۋاقخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا يەنە مەخسۇس رەسساملار ئىجادىيەتكە ئىشلىتىدىغان رەسىم سىزىدىغان رەخت، رەسىم رامكىسى قاتارلىقلار قويۇلغانىدى.

«قاۋاقخانىنىڭ سودىسى ياخشى بولغاندا، بىر كۈندە 50 - 40 ئادەمنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ. 2019 - يىلى دېھقانلار ئارامگاھى ۋە قاۋاقخانىغا تايىنىپ، ئائىلىمىزنىڭ ساپ كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيىمىزگە كېلىپ تەجرىبە ئۆگەندى» دېدى ما خەيلياڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە تۆت ئېكولوگىيەلىك قورۇق، 26 دېھقانلار ئارامگاھى ۋە 15 پۇقراۋى قونالغۇ بار بولۇپ، ھەر كۈنى 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ياتاق، تاماق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

«سەنئەت مەركىزى» بەرپا قىلىش

4 - ئايدىكى شياۋفېنزى كەنتى تېخى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىگە كىرمەي تۇرۇپلا، ما خەيلياڭنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى ۋە قاۋاقخانىسى يىل بېشىدىن ھازىرغىچە ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كەلدى، ما خەيلياڭ شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋى بايلىققا ئېرىشتى: «ھەر كۈنى قاۋاقخانىدا رەسساملار بىلەن بىللە رەسىمدىن ھۇزۇرلىنىپ، كۈلكە - چاقچاق قىلىشىپ، ئۆزۈمنى ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم».

لى يۈپىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بېيىش بىلەن بىللە، ئىدىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. «ئۆيىمىزگە دائىم رەسساملار كېلىپ تۇرغاچقا، ئۆيدىكىلەرمۇ سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى. سىڭلىم ئۆي ئىچى لايىھەلەشنى ئۆگەندى، قونالغۇنىڭ بېزىلىشىنى ئۇ لايىھەلىگەن. نەۋرە سىڭلىممۇ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولدى، قونالغۇنىڭ تېمىغا سىزىلغان رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ سىزغان» دېدى لى يۈپىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت خاس يېزا - كەنت مەدەنىيەت كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاش قوراللار گۈزەل سەنئەت سارىيى، رەسىم كارىدورى پىيادىلەر يولى، قۇياش قەبىلىسى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك خاراكتېر ۋە ھۇزۇرلىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان مەنزىرىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى. «2020 - يىلىغىچە، بۇ يەرگە كېلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان رەسساملار ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىي 8000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەردىن 25 مىڭ ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىندى. 2021 - يىلى، شياۋفېنزى كەنتى يېڭىدىن رەسساملار ئىشخانىسى قۇرۇپ، دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ھەيكەلتىراشلىق ئىجادىيىتى لاگېرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك تاغلىق كەنتنى يىراق - يېقىنغا داڭلىق <سەنئەت مەركىزى> قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ» دېدى شىندى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى يەنفېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.