قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى:
پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى
قىزىل بازىلارغا زىيارەت ⑨
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. (2019 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ
كېرىيە ناھىيە بازىرىنى بويلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ غەربكە قاراپ تەخمىنەن 20 مىنۇت ماڭسا، توغراغاز يېزىسىنىڭ دۆلەت يولى ئېغىزىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ئەنئەنىۋى نەقىش ئويۇلغان بىر دەرۋازا بولۇپ، بىر چوڭ قورۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەر دەل ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى.
20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى جۇڭگو زېمىنىدا تىللاردا داستان بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىدا، بوۋاينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ خاتىرە سارىيىدا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.
قورۇغا كىرگەندە، جەنۇب تەرەپتىكى سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن قىزىل رەڭلىك تىراكتور، كىشىلەرنىڭ خىيالىنى ھەش - پەش دېگۈچە 60 نەچچە يىل ئىلگىرىكى چاغقا قايتۇراتتى. بۇ 1958 - يىلى قۇربان تۇلۇم ماۋ جۇشىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ماۋ جۇشى ئالاقىدار تارماقلارغا ھاۋالە قىلىپ توغراغاز خەلق گۇڭشېسىغا سوۋغا قىلغان تىراكتور. بۇ تىراكتور ئەينى چاغدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشقان. تىراكتورنىڭ يېنىدىكىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، شۇنداقلا خاتىرە ساراينىڭ ئاساسى.
«ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەربىر سۆز - جۈملىگە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت سىڭگەن، شۇنداقلا سەمىمىي تاپشۇرۇق مۇجەسسەملەنگەن.
«قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادى رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىككى <ئەڭگۈشتەر> بار بولۇپ، بىرى ماۋ جۇشىنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسىنى قوبۇل قىلغاندىكى سۈرەت، يەنە بىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتى ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىككى <ئەڭگۈشتەر> يەنە خاتىرە سارايدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھەرگە ئايلاندى.» چۈشەندۈرگۈچى ئامانگۈل ئەلى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، كۆزلىرىدىن تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ئەكس ئەتتى. خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، چوڭ زالغا كەلگەندە، ئالدى بىلەن «ماۋ جۇشىنىڭ قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلىشى» دېگەن غايەت زور رەسىم كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. كۆرگەزمە زالىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنگەن ھەيكىلى ناھايىتى ئوخشىتىپ ياسالغان؛ كۆرگەزمە زالىنىڭ تۆت تېمىغا قۇربان تاغا بىلەن كېرىيەدىكى ھەر مىللەت يۇرتداشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى قاپارتما نەقىش شەكلىدە قايتا نامايان قىلىنغانىدى...
«مەن چوقۇم ماۋ جۇشىنى كۆرگىلى بارىمەن، ئۇ بىزنىڭ مول ھوسۇل مېۋىلىرىمىزنى تېتىپ باقسۇن.» كۆڭلىگە مۇشۇنداق ئارزۇلارنى پۈككەن قۇربان تاغا دائىم بېغىدىكى ئەڭ ياخشى مېۋىلەرنى ئۈزۈپ ھەر ۋاقىت ماۋ جۇشىغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلاتتى. خاتىرە ساراينىڭ 2 - قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن ياغاچ ساندۇق دەل قۇربان تۇلۇمنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى − ئەينى يىلى، ئۇ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان گۈلە قاتارلىقلارنى مۇشۇ ساندۇققا قاچىلاپ بېيجىڭغا ئەۋەتكەن. مەركەزنىڭ ئاممىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەن بەلگىلىمىسى بولغاچقا، بۇ ساندۇق يەنە قايتۇرۇۋېتىلگەن.
ئامانگۈل كۆرگەزمە پوكىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر پارچە سارغىيىپ كەتكەن كونۋېرتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. «ئەينى يىلى قۇربان تاغىنىڭ ئىش ئىزلىرى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر چوڭقۇر تەسىرلەنگەن، قۇربان تاغىغا ئەۋەتىلگەن خەتلەر كەينى - كەينىدىن توختىماي كېلىشكە باشلىغان. بۇ ئەينى يىلى شەنشى ئۆلكىسى لىنفېن 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى قۇربان تاغىغا ئەۋەتكەن بىر پارچە خەت.» ئامانگۈل مۇنداق دېدى: 2017 - يىلى، شەنشىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بىر كادىر خاتىرە ساراينى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ھەيرانلىق ھەم خۇشاللىق ئىچىدە بۇ خەتنىڭ ئەينى چاغدا ئانىسى يېزىپ ئەۋەتكەن خەت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بۇ كادىر ھاياجانلانغان ھالدا: «قۇربان تاغا روھىنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، ئۇ پېشقەدەملەرنى رىغبەتلەندۈرمەكتە، شۇنداقلا كېيىنكىلەرگە يول كۆرسەتمەكتە. بىز ۋەتەننى سۆيىدىغان ئۇلۇغ ھېسسىياتنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىش ئورنىدا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك».
خاتىرە ساراينىڭ مەسئۇلى خانقىز مەمتىمىن مۇنداق دېدى: ئادەتتە كۈنىگە 300دىن 500گىچە ئادەم ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كېلىدۇ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كېلىدىغان كوللېكتىپ ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ، كۈنىگە 1000 ئادەمدىن ئېشىپ كەتتى».
ئېكىسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى
قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 14 كىلومېتىر كېلىدۇ، 315 دۆلەت يولىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە 100 مېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، يەر كۆلىمى 1100 كىۋادرات مېتىر. خاتىرە ساراي 2003 - يىلى 4 - ئايدا سېلىنغان بولۇپ، 2014 - يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، كېرىيە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دۆلەت مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، ئەسلىدىكى ئورنىنى كېڭەيتىپ يېڭىدىن خاتىرە ساراي سالغان، 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ساراي ئېچىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى ھېسابلىنىدۇ. خاتىرە ساراي كۆرگەزمىخانا ۋە ئەسلىي تۇرالغۇدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆرگەزمە سارايدا 50 نەچچە پارچە قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت ماتېرىياللىرى، ئون نەچچە پارچە قولدا سىزىلغان رەسىم ۋە قۇربان تۇلۇم ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن 60 نەچچە ماددىي بۇيۇم بار. كۆرگەزمە سارىيىدا يەنە ئۈن - سىن ئۆيى بار بولۇپ، 70تىن ئارتۇق كۆرۈرمەننى سىغدۇرالايدۇ، ھۆججەتلىك فىلىم ۋە سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. خاتىرە سارىيى يىل بويى ئېچىۋېتىلىدۇ، ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن 20گىچە.