تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى ھارارەتكە تولغان

□ خوۋ خۇي

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇب تەرىپى ۋە غەرب تەرىپىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر پويىز، بولۇپمۇ پويىزدا تەسىس قىلىنغان لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىدىغان «كىچىك بازار» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «ياڭاقچى ئاكا»، «ئانارچى قېرىنداش»نىڭ قىزغىنلىق بىلەن خېرىدار چاقىرغان ئاۋازى، كىچىك چالغۇ - ئەسۋاب سودىگەرلىرى چالغان مۇزىكا ئاۋازىغا پويىزنىڭ «تاراق - تاراق» قىلىپ ماڭغان ئاۋازى قوشۇلۇپ، قۇملۇقنىڭ چېتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ شادىيانە «سىمفونىيەسى»نى ياڭراتتى.

لىنىيە بويىدىكى ئاممىغا ھەمراھ بولۇپ بەختكە قاراپ ماڭغان بۇ «كۆچمە بازار پويىزى» يېزا - كەنت ۋە شەھەرلەرنى تۇتاشتۇردى، چەت - يىراق جايلار بىلەن ئاۋات جايلارنى باغلىدى، يەنە لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ بەختى ۋە ئارزۇسىنى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش، ئورتاق بېيىش يۆگىمە رەسىمىگە توقۇپ كىرگۈزدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئىقتىسادىي ھېسابات قىلماي، پەقەت ئۈن - تىنسىز ھالدا قەتئىيلىك بىلەن لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، بۇنىڭدىن ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىغا يەتكۈزۈلگەن ئىللىقلىق نامايان بولدى.

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا، كىشىلەرگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغىنى يالغۇز ئاستا پويىز بولۇپلا قالماي، يەنە تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە قۇرۇلغان خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا سەپلەپ بېرىلگەن تۈرلۈك ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەتلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جانلانغان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەييارە داۋالاش ئەترىتى قاتارلىقلارمۇ بار... بۇ بىر قاتار ئىشلار، ھەربىر كىچىك تەپسىلاتلاردىن بىز شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەمىشە بىر ئىللىقلىققا تولغان «مېھىر - شەپقەت پويىز يولى» بار بولۇپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇشقا ئاتلىنىشىغا ياردەم بەرمەكتە، مانا بۇ دەل پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى: ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ!

«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: (xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.