تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىلدى پىدائىيلار مۇلازىمىتى تېخىمۇ ھارارەتكە تولدى

 □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇردى، قەلبلەرگە سىڭدۈردى.

بىر توك قازان، بىر يۈرۈش يوتقان - كۆرپە، بىر سومكا... بۇ كىچىككىنە ئارزۇلار بەلكىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، ئائىلىدە قالغان بالىلارنىڭ ئارزۇ - ئارمىنى بولۇشى مۇمكىن.

دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ دۆربىلجىن بازىرى ئارشات يولى مەھەللىسىدىكى 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئايبار دۈسېنقان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئانىسى بىر ئادەمنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇ پۇتبول ئويناشنى ياخشى كۆرگەچكە، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مەشىق قىلىدىغان پۇتبولى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن ئائىلە شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئارزۇسىنى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدى.

ئارشات يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇەن لېي ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئايبارنىڭ ئارزۇسىنى ئاھالىلەرنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى ھەم بۇ كىچىككىنە ئارزۇنى قوبۇل قىلىپ، ئەتىسىلا پۇتبول، دەرستىن سىرتقى كىتاب، سومكىنى بالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

«تاغامغا رەھمەت، ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم بەردى، مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمەن.» ئامراق سوۋغىتىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئايبار ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئارشات يولى مەھەللىسىدىكى 44 نەپەر خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزاسى تەۋەلىكتىكى يەتتە ئورۇندىكى 122 نەپەر خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە «خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى مەھەللىگە كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئاھالىلەرنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسىدىن 65ى ئىشقا ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 20دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار بالا قىممىتى 2000 يۈەندىن ئارتۇق ئۆگىنىش بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋالدى.

«ئۆيدىكى ئۇن تۈگەي دەپ قالدى، ھەرىكىتىم قولايسىز، سىرتقا چىقىپ سېتىۋالالمايمەن، پارتىيەلىك پىدائىيلارنىڭ ماڭا بىر خالتا ئۇن ئەكېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونى 12 - مەھەللىسىدىكى ياشانغان كىشى يۈ رۇڭشياڭ ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى «قىزىل يۇرت - ماكان»دا بىر كىچىككىنە ئارزۇسىنى چىقاردى. ناھايىتى تېزلا پارتىيەلىك پىدائىيلار يۈ رۇڭشياڭغا ئۇن ئەكېلىپ بەردى.

پارتىيە ئەزالىرىنى ئاممىغا «ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش»كە يېتەكلەش ئۈچۈن، مايتاغ رايونى كىچىككىنە ئېھتىياجنى قاندۇرۇش، كىچىككىنە مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش، كىچىككىنە غەمخورلۇق يەتكۈزۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «پارتىيە ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش − مېھىر - مۇھەببەت، ئىللىقلىققا تولغان كىچىككىنە ئارزۇ» پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

پىدائىيلار پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مايتاغ رايونىدىكى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى، ئىتتىپاق ئەزاسى ياشلار ۋە جەمئىيەتتىكى خەيرىيەت پىدائىيلار ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلار بۇ پائالىيەتكە پائال قاتنىشىپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ھازىرغا قەدەر، مايتاغ رايونىدىكى 5000دىن ئارتۇق خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزاسى پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتناشتى، 24 مىڭ 740 ئادەم قېتىم ئامما توردا ئېلان قىلغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى تاماملاپ، ئاممىنىڭ «كىچىككىنە ئارزۇ»سىدىن جەمئىي 568نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى تۇتاشتۇردى.

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى مېۋىلىك باغ كەنتىدە، بۇ يېزىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت تەشۋىق قىلىش، قىزىل كىنو قويۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، پىدائىيلار ئاشخانىغا كىرىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاشلىق، كۆك - تاقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولدى.

كۈيتۈن شەھىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئامما «جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى.

پىدائىي چەي يىنشيەن كۈيتۈن شەھىرىنىڭ يېلىنتاۋ ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قولۇم - قوشنىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن، يېلىنتاۋ مەھەللىسىدە «چەي ئاكا ئىشخانىسى» قۇرۇلدى.

كۈيتۈن شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەھەللىلەرگە كىرىشىنى دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، «پىدائىيلار مۇلازىمەت ئىش ئورنىنى قوبۇل قىلىش» «پارتىيەنىڭ ياخشى ئاۋازىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» «ئەقىل - چارە كۆرسىتىش» «كىچىككىنە مۇلازىمەت» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى تىكىش - ياماش، پىچاق بىلەش، چاچ ياساش قاتارلىق ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

«قولايلىق ئىكەن، ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن. مەن بىرنەچچە مىنۇتتىلا كىنىشكىنى بېجىرىپ بولدۇم» دېدى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ جۇڭشەن يولى كوچا باشقارمىسى دىڭشياڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى چولپان مۇھەممەت پەرزەنت كۆرۈش كىنىشكىسىنى بېجىرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

دىڭشياڭ مەھەللىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمەلىي ياردەم بېرىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلىپ، مەھەللە قىسقا خەۋەرلىرىنى يولغا قويۇپ، ۋىيشىن توپى، دىڭدىڭ توپى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاھالىلەرگە يوللاپ، ئاھالىلەرنى ئاز قاتراش، يولنى توغرا تېپىش، بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

سانجى شەھىرىنىڭ جۇڭشەن يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش داۋامىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن» باش تېمىسىدىكى «پارتىيە قۇرۇلۇشى+» پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. نۆۋەتتە بېجىرىپ بېرىلگەن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش 60تىن ئاشتى.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقانلار تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ پېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ ۋېنجىڭ، جاڭ ياۋ، لياڭ خۇڭتاۋ، جاڭ خاۋچۇەن، جوۋ يۇڭخۇي، گاۋ چاڭجيې)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.