تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بامبۇك قولۋاق سۇدا ئۈزىدۇ، گۈزەل سۇلۇق يەر يېنىڭىزدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

زۇمرەتتەك سۇدا بامبۇك قولۋاقلار ئۈزۈپ يۈرەتتى، ئىككى قىرغاقتىكى قومۇشلار قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، سۇ قۇشلىرى كۆل يۈزىدە ئوزۇق ئىزدەپ يۈرەتتى، بەزىدە بېلىقلار سۇ يۈزىگە ئوخچۇپ چىقىپ قالاتتى. 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى ياۋا يېزىسى شاللىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ساۋۇت بامبۇك خادا بىلەن قولۋاقنى ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى، ساياھەتچىلەر بامبۇك قولۋاقتا ئولتۇرۇپ مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىۋاتاتتى، گۈزەل سۇلۇق يەر مەنزىرىسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن ئاستا - ئاستا ئۆتۈپ تۇراتتى.

لالىيكۆل دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قاراقاش ناھىيەسىدە بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، سۇلۇق يەر، قۇملۇق قاتارلىق كۆپ خىل ئېكولوگىيە سىستېمىسى بار، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى مول، ئۇ قاراقاش ناھىيەسى ھەتتا خوتەن ۋىلايىتىدىكى قۇملۇق ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش توسۇقى بولۇپ، يەرلىك پۇقرالار ئۇنى «كۈركۈمگۈل كۆلى» دەپ ئاتىشىدۇ.

ئىلگىرى كېچىكتىن كەنت ئاھالىلىرى ئۆتەتتى، ھازىر ساياھەتچىلەر ئۆتىدۇ

قاراقاش دەرياسى شاللىق كەنتىنىڭ كەنت ئېغىزىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.

ئىلگىرى دەريادا كۆۋرۈك بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى بامبۇك سال ياكى ياغاچ قولۋاققا ئولتۇرۇپ ئۆتەتتى. دەرياغا «كۆۋرۈك» بولغىنى نۇرمەمەتنىڭ دادىسىدەك كېچىكچىلەر ئىدى.

«ئىلگىرى ناھىيە بازىرىغا بارماقچى بولساق دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، كۆۋرۈك بولمىغاچقا بىز ئۆزىمىز قولۋاق ھەيدەپ ئۆتەتتۇق.» 48 ياشلىق نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: دادام يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يېرىم ئۆمۈر ئىشلەتكەن پالاقنى ماڭا تاپشۇردى، شۇ چاغدا مەن ئون نەچچە ياشتا ئىدىم.

كېيىن دەريادا تۆمۈر زەنجىرلىك ئاسما كۆۋرۈك سېلىندى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قاراقاش دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى سېلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى، شۇنداقلا نۇرمەمەتنىڭ كېچىكتىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتىگە خاتىمە بېرىلدى.

2012 - يىلى، لالىيكۆل سۇلۇق يېرى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك قوغداش خاراكتېرلىك ئېچىش قۇرۇلۇشى باشلاندى. ئەتراپتىكى ياۋا يېزىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ساياھەتچىلەرنى سۇلۇق يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇرۇش نۇرمەمەت ۋە يۇرتداشلارنىڭ يېڭى كەسپىگە ئايلاندى.

«مەن مەنزىرە رايونىدا بامبۇك قولۋاقنى ھەيدەپ ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ سۇلۇق يەر قوغداش رايونى سىرتىدا سەيلە قىلدۇرىمەن، چۈشەندۈرىمەن، بۇ جاي ئۆيۈمگە بىرنەچچە كىلومېتىرلا كېلىدۇ، ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەن.» نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم بۇخاسىيەت ئابلىمەت ئۆيدە بېلىق كۆلچىكىنى باشقۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئائىلىسى ناھىيە بازىرىدىن يېڭى ئۆي سېتىۋالدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

نۇرمەمەتكە ئوخشاش نەپكە ئېرىشكەنلەردىن يەنە ياسىنتۇرسۇن توختىمۇ بار، بۇ، 24 ياشلىق يىگىت بۇلتۇر يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ سەيلە ئاپتوموبىلى شوپۇرى بولدى.

«مەن كىچىكىمدىنلا سۇلۇق يەردە چوڭ بولغان، بۇ يەردىكى مەنزىرىنىڭ بۇنچە كۆپ كىرىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.» ياسىنتۇرسۇن مۇنداق دېدى: ھەر قېتىمقى بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى ھەپتە ئاخىرى يېتىپ كەلگەندە، سۇلۇق يەر باغچىسىدا ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپىيىپ كېتىدۇ، بەزىلىرى تۆگىگە مىنىپ، بەزىلىرى قولۋاققا ئولتۇرۇپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئېكولوگىيەلىك پارنىكتا مېۋە - كۆكتاتلارنى ئۈزگەچ تاماشا قىلىدۇ.

«توردىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق»نى باشقۇرۇش - قوغداش، ئېكولوگىيە گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

مەنزىرە رايونىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قاتار - قاتار تېرەكلەردىن ھاسىل بولغان ئىھاتە ئورمىنى دائىرىسى ئىچىدىكى قويۇق تىكىلگەن چىلان دەرەخلىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر خىزمەتچى خادىم تونۇشتۇرمىسا، ئورمان ئايرىپ تۇرغان تاشيولنىڭ ئۇ قېتى دەل دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق - تەكلىماكان قۇملۇقى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس.

«بىز سۇلۇق يەرنىڭ ئەتراپىغا ئىھاتە ئورمىنى تىكتۇق، 20 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق تېرەك، 30 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق جىگدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 30 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. ئالدى بىلەن قوغداش، ئاندىن ئېچىش پىرىنسىپى بويىچە، بىز سۇلۇق يەرنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق.» لالىيكۆل دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ باشقۇرۇش خادىمى لى شېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇلۇق يەردە ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىرلەشتۈرۈلدى.

لالىيكۆل دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى پەسىل قۇشلىرى كۆچىدىغان مۇھىم يولغا جايلاشقان، ھەر يىلى كۆچۈش پەسلىدە، پەسىل قۇشلىرى توپ - توپ بولۇپ كۆچۈپ كېلىدۇ، سانى كۆپ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە دۆلەت 1 - دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان قارا لەيلەك، قارا بويۇن تۇرنا قاتارلىقلارمۇ بار.

«قىش پەسلىدە سۇ يۈزى مۇز تۇتۇپ، قۇشلارنىڭ يەيدىغان نەرسە تېپىشى تەس بولىدۇ، بىز ھەر يىلى كۆپ مىقداردا كۆممىقوناق سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىمىز.» سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ دىرېكتورى لياڭ چاۋ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى يەنە چارلاش - قوغداش ئەترىتى تەشكىللەپ، سۇلۇق يەرنى قەرەللىك چارلايدۇ، قوغدايدۇ.

«بىز سۇلۇق يەر باغچىسىنى سۇلۇق يەر قوغداش رايونى، سۇلۇق يەر ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش رايونى، تەشۋىقات - تەربىيە كۆرگەزمە رايونى، مۇۋاپىق پايدىلىنىش رايونى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمەت رايونىدىن ئىبارەت بەش فۇنكسىيەلىك رايون قىلىپ پىلانلىدۇق، كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ مۇۋاپىق پايدىلىنىش رايونىنى مۇۋاپىق ئېچىش بىلەن بىللە، سۇلۇق يەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا كىلىمات تەكشۈرۈش - ئۆلچەش سىستېمىسىنى كۆپەيتتۇق، 2017 - يىلىدىن باشلاپ سۇلۇق يەر ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۆل ئايلانما مۇداپىئە رېشاتكىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ باردۇق.» قاراقاش ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ جۈنجيې مۇنداق دېدى: لالىيكۆل سۇلۇق يېرى مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇم - بوراننىڭ بوستانلىققا قىلىدىغان ھۇجۇمىنى ئازايتتى، پەسەيتتى، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى كەم بولسا بولمايدىغان ۋە باشقا نەرسە ئورنىنى ئالالمايدىغان خاراكتېرگە ئىگە.

ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لالىيكۆل دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ لياڭ چاۋ ۋە خىزمەتداشلىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.

مۇخبىر مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت - كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا نەچچە ئون قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «بۇلتۇر، مەنزىرە رايونىدا يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر لاگېرى، گۈلخان مەيدانى ۋە ئالتە ساياھەت ئاممىۋى ھاجەتخانىسى قاتارلىقلار قۇرۇلدى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە يېڭى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى پائال ئاچتۇق. مەسىلەن، بۇ يىل <1 - ئۆكتەبىر> بايرىمىدا ساياھەت - كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ۋە قۇملۇق سۇ دۇنياسى تۈرى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ» دېدى لياڭ چاۋ.

«بۇ مېنىڭ 3 - قېتىم بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىشىم، ھەر قېتىم كەلگەندىكى ھېسسىياتىم ئوخشىمايدۇ. بۇ قېتىم كەلسەم يەنە خېلى كۆپ ئەسلىھەلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلىپتۇ، قۇملۇق سۇ دۇنياسى پۈتكەندىن كېيىن، مەن يەنە ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ ساياھەتكە كېلىمەن» دېدى خوتەن شەھىرىدىكى ساياھەتچى جاڭ مېڭ.

«بۇ يەردە قۇم بىلەن سۇ، سۇ بىلەن بوستانلىق تۇتىشىپ كەتكەن، مەنزىرىسى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، فوتوگرافلار تەلپۈنىدىغان گۈزەل ماكان.» فوتوگراف گاۋ ۋېيخۇ سۆزلىگەچ فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق گۈزەل مەنزىرىلەرنى خاتىرىلىدى.

توپ - توپ سۇ قۇشلىرى ئۈزۈپ يۈرگەن زۇمرەتتەك سۇ يۈزى مەيىن شامالدا يېنىك دولقۇنلىنىپ تۇراتتى. چېھرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان نۇرمەمەت ساياھەتچىلەرنى قولۋاققا چىقىشقا چاقىرغاچ، بامبۇك قولۋاقنى ھەيدەپ يىراققا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى...

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.