تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل قاتناش لىنىيەسىدىكى يادىكارلىق

داۋانچىڭ ياغاچ ئەگمە كۆۋرۈكى:

قىزىل قاتناش لىنىيەسىدىكى يادىكارلىق

ھېكايىلەر توپلىمى ⑩

□ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا

ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىغا جايلاشقان بەيياڭخې دەرياسىدا، بىر ياغاچ ئەگمە كۆۋرۈك توغرىسىغا سېلىنغان بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى «خۇاچياۋ كۆۋرۈكى» دەپ ئاتىشىدۇ، بۇ ئىسىم ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا «جۇڭگوغا ياردەم بېرىش» دېگەن مەنىدىن كەلگەن. بۇ كۆۋرۈك 1940 - يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان، يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى ئون توننا بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ قىزىل قاتناش لىنىيەسىدىكى مۇھىم يادىكارلىق.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۇنى خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان مۇھىم قاتناش لىنىيەسىگە ئايلاندۇرغان. ئەينى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى تاشيول تىرانسپورت لىنىيەسى ئارقىلىق توشۇلاتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئالمائاتا ئۆتەڭ بېكىتى قىلىنىپ، ماددىي ئەشيالار شىنجاڭ قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈلۈپ، ئىلى، دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلار ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىرىلىپ، ئاندىن خېشى كارىدورى ئارقىلىق لەنجوۋغا يەتكۈزۈلەتتى. شىنجاڭ دائىرىسىدىكى تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1500 كىلومېتىردىن كۆپرەك بولۇپ، داۋانچىڭ ياغاچ ئەگمە كۆۋرۈكى ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان ئارىسىدىكى چوقۇم ئۆتىدىغان جاي ئىدى.

1937 - يىلى 10 - ئايدا، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇلدى، ئۇنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىنى قوغداش ئىدى. 1938 - يىلى 2 - ئايدا، شېڭ شىسەينىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىن بىر تۈركۈم كادىر ئاجرىتىپ، خەلق ئاممىسىنى يول ياساش، يول ئاسراشقا تەشكىللەپ، خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى تىرانسپورت قاتناش لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن تەنچيۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندىمۇ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ قاتناش لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى».

1500 كىلومېتىردىن كۆپرەك يول بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر ئۇزۇن يول ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت مۇنقەرز بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك چوققىلار ئارىسىدا، چوڭقۇر، خەتەرلىك جىلغىلار ئارىسىدا تاش - توپىلارنى يۈدۈپ توشۇپ يول ياساپ، قورغاستىن شىڭشىڭشياغا بارىدىغان يولنى ئاچتى.

«تاغنىڭ ئېگىز بولۇشىدىن قورقمايمىز، چەكسىز چۆل - باياۋاندىن قورقمايمىز، ئىسسىق - سوغۇق، قار - يامغۇردىن قورقمايمىز، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپچىلىك بىرلىكتە كۈچ چىقىرىمىز.» 1939 - يىلى 5 - ئايدا نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ گېزىتى»گە مۇشۇنداق بىر «يول ياساش ناخشىسى» بېسىلغان. ئاپتور كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى شېن يەنبىڭ، يەنى ماۋ دۇن ئەپەندى ئىدى. بۇ ناخشا تېكىستلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئەينى چاغدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ناخشا ئېيتىپ، غەيرەتكە كېلىپ، بىرلىكتە بۇ قىزىل قاتناش لىنىيەسىنى قۇرغانلىقى، قوغدىغانلىقىدەك مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بۇ خەلقئارا قاتناش لىنىيەسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشنى ساقلاپ، جۇڭگوغا ياردەم بېرىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈپ تۇردى. ئاشۇ ئالاھىدە يىللاردا، داۋانچىڭ ياغاچ ئەگمە كۆۋرۈكىدىن قانچىلىك ھەربىي لاۋازىمەتنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ناھايىتى تەس. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كۆۋرۈكتە ئاللىقاچان ئاپتوموبىللار ئۆتۈشمەيدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، مۇشۇ سەۋەبلىك ئاشۇ بىر بۆلەك تارىخنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ قالمىدى. داۋانچىڭ ياغاچ ئەگمە كۆۋرۈكى قىزىل قاتناش لىنىيەسىدىكى ھەربىر يادىكارلىق بىلەن بىرلىشىپ، خۇددى تارىخنى تۇتاشتۇرىدىغان ھەربىر كۆۋرۈككە ئوخشاش، بىزنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تىز پۈكمەس ئۇرۇشى تارىخىنى قايتىدىن چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بىزگە تارىخنى ئۇنتۇماي، ھازىرقىنى قەدىرلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.