قىزىل ئىزنالار ⑦
ماۋ زېمىن. □ماتېرىيال سۈرەت
شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىماقتا (3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
3 - ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى مىڭدې يولى 29 - نومۇردىكى ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى تۈركۈم - تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى. قەدىمىي، چىرايلىق سىخېيۈەن قورۇسىدىكى بىرنەچچە تۈپ چوڭ دەرەخ گەرچە زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. كۆپلىگەن پارتىيە ئەزالىرى ماۋ زېمىننىڭ يېرىم مىس ھەيكىلى ئالدىدا تۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتا تەكرارلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئىزدىدى.
1938 - يىلى 2 - ئايدا، ماۋ زېمىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)دىن ئۆتكەندە، شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئىسمىنى جوۋ بىنغا ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى، خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ماۋ زېمىن شىنجاڭنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغان قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىمى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان، مال باھاسى مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن، ئىشلەپچىقىرىش پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلانغان، خەلق تۇرمۇشى بىرقەدەر ياخشىلانغان.
مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش بانكىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش
تارىخ ئالبومىنى ۋاراقلاپ، 1938 - يىلىدىكى شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، ئىقتىساد بارغانسېرى خارابلىشىپ، مالىيە مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، خەلق ئاممىسى ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتكە بېرىپ قالغان.
«ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ، شېڭ شىسەي توختىماي پۇل بېسىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ساقلاشقا مەجبۇر بولغان. 1933 - يىلىدىن 1938 - يىلىغىچە بولغان قىسقىغىنا بەش يىلدا قالايمىقان تارقىتىلغان قەغەز پۇل 3 مىليون سەرگە يەتكەن(ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ قەغەز پۇلى سەرنى بىرلىك قىلغان)، چەت ئەلگە 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق فابىغا باراۋەر قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان.» شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى مەي يۈخۇا مۇنداق دېدى: قەغەز پۇل قالايمىقان تارقىتىلغاچقا، پۇلنىڭ كۇرسى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ، مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كەتكەن، 50 سەرلىك كۈمۈش چەككە بىر قاپ سەرەڭگە سېتىۋالغىلى بولمايتتى، بىر دانە تۇخۇم سېتىۋېلىشقا 500 سەر كۈمۈش چەك كېتەتتى، ھەرقايسى ئورگانلاردىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەر ئايدا مائاش ئالغاندا، ئات ھارۋىسى ياكى قول ھارۋىسى بىلەن پۇل توشۇغان، جىمى ئەل - يۇرت غەزەپكە كەلگەن، خەلق كۈن كەچۈرەلمەس ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى.
ماۋ زېمىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىنتايىن زور ئىنقىلابىي قىزغىنلىق ۋە مول مالىيە باشقۇرۇش تەجرىبىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ مالىيە، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىشقا كۈچ چىقارغان. «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجەش، چىقىمغا كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، كىرىم - چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش» ماۋ زېمىننىڭ شىنجاڭ مالىيەسىنى دادىللىق بىلەن تەرتىپكە سېلىشتىكى خىزمەت فاڭجېنى ئىدى.
ماۋ زېمىن ئالدى بىلەن ئۆزى قول سېلىپ مالىيە ئاپپاراتى قۇرۇپ، مالىيە - باج كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىنى تەرتىپكە سېلىپ، مالىيە - باج باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قايتىدىن ئورناتقان؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مالىيە ئىدارىسى تەسىس قىلغان، ھەرقايسى ناھىيەلەردە باج ئىدارىسى تەسىس قىلغان؛ ھەر دەرىجىلىك بانكا ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، خەزىنە قۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئۆلكىدىن ناھىيەگىچە بىر يۈرۈش مالىيە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مالىيە خىزمىتى تەدرىجىي ئىزىغا چۈشكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى نەنمېن مېترو بېكىتى يېنىدا بىر بىنا بار، كىشىلەر ئادەتتە 1945 - يىلى سېلىنغان بۇ بىنانى «چوڭ بانكا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ جاي ئىلگىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك سودا بانكىسىنىڭ كونا ئورنى بولۇپ، ئۇ يەردە ماۋ زېمىننىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلغان سىيماسى قېپقالغان.
1939 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ماۋ زېمىن شىنجاڭ 3 - قېتىملىق خەلق ئاممىسى ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ قارار لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۆلكىلىك بانكىنى ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر بىرلىشىپ قۇرغان سودا بانكىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلەتكەن. ماۋ زېمىننىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار پائال قوللاپ، بەس - بەستە پاي قوشقان، بانكا كاپىتالى ناھايىتى تېزلا 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەكتىن 4 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.
«قىزىل جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت بانكىسىنى قۇرۇش، سوۋېت رايونىدا بىرلىككە كەلگەن پۇل تارقىتىشتىن ئۇزۇن سەپەر يولىدا پۇل، ئاشلىق توپلاش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىقتىسادقا كاپالەتلىك قىلىشقىچە، ماۋ زېمىننىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ زور ئىقتىدارى ۋە ئىنقىلابقا قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى ئىشچى - دېھقانلار ئۈچۈن، قىزىل ئارمىيە ئۈچۈن مالىيە باشقۇرۇش بولدى. ماۋ زېمىننىڭ ئەينى چاغدا پارتىيەمىز ئىچىدە <قىزىل ئائىلە باشقۇرغۇچى، مالىيە باشقۇرۇش ماھىرى> دېگەن چىرايلىق نامى بار ئىدى» دېدى مەي يۈخۇا.
پۇل تۈزۈمىنى يېڭىلاش زايوم تارقىتىش
ماۋ زېمىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەينى چاغدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك چارىسى پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەسلىدىكى سەرنى بىرلىك قىلغان كونا كۈمۈش چېكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى بىرتۇتاش يۈەن بىرلىك قىلىنغان يېڭى پۇلغا ئۆزگەرتىش، دەپ قارىغان. 1939 - يىلى ۋە 1940 - يىلى ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ماۋ زېمىن 1 پۇڭدىن 10 يۈەنگىچە بولغان ئون خىل قىممەتتىكى يېڭى ئۆلكە پۇلى تارقاتقان. بۇ ئون خىل قىممەتتىكى پۇل ئاشۇ چاغدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى ۋە قۇرۇلمىسىنى مۇناسىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدىكى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك سودا بانكىسى ئەينى چاغدا تارقاتقان بىر يۈەن ۋە بەش يۈەنلىك قەغەز پۇل كۆرگەزمىگە قويۇلغان. «كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى بىر يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە بەش يۈەنلىك قەغەز پۇلنىڭ يۈزىدە يولداش ماۋ زېمىننىڭ ئۆز قولى بىلەن قويغان ئىمزاسى بار.» ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى خالىنا نۇسقا مۇنداق دېدى: «ماۋ زېمىننىڭ ئەينى چاغدىكى ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى جوۋ بىن، شۇڭا كۆپچىلىك بۇ ئىمزانىڭ ئىنگلىزچىسى <جوۋ بىن> بولۇپ، ئەمەلىيەتتە <ماۋ زېمىن> دېگەن ئۈچ خەتنىڭ تەتۈر يېزىلىشى دەپ قارىغان».
يېڭى پۇلنىڭ قىممىتى مۇقىم، ئايرىباشلىنىش نىسبىتى مۇۋاپىق، ئىشلىتىش قولايلىق بولغاچقا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى تېزلا ھەر خىل ئۆلكە پۇلى، قەشقەر پۇلى، مىس تەڭگە ۋە كۈمۈش تەڭگىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ پۇل تۈزۈمى بىرلىككە كېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئەينى چاغدا «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېسىلغان «سودا ساھەسىدىكى قېرىنداشلارنىڭ يېڭى پۇلنى ھىمايە قىلىش خىتابنامىسى»دە، يېڭى پۇلنىڭ تارقىتىلىشىنى «بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىرلىككە كەلگەن پۇل تۈزۈمىنىڭ يېڭى دەۋرى» دەپ تەرىپلەنگەن.
كۆركەم يېزىلغان «يېڭى شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش» دېگەن بىرنەچچە چوڭ خەتنىڭ ئالدىدا، سەھنىدىكى ماۋ زېمىن مەردانىلىك بىلەن كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىۋاتاتتى، سەھنە ئاستىدا ھەر مىللەت ئامما ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. يەنە بىر كۆرۈنۈشتە نۇرغۇنلىغان ئامما قولىدىكى قەغەز پۇلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ قۇرۇلۇش زايومى سېتىۋالماقتا ئىدى... ماۋ زېمىن كۆرگەزمە سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنىدە تەكرار قويۇلۇۋاتقان ئىككى مىنۇتقا يېقىن رەڭسىز سىنلىق كۆرۈنۈشتە ئەينى يىلى ماۋ زېمىن قۇرۇلۇش زايومى تارقىتىۋاتقان، ھەر مىللەت ئامما بەس - بەستە سېتىۋېلىۋاتقان مەنزىرە جانلىق نامايان قىلىنغان. بۇ قىممەتلىك تارىخىي سىنلىق ماتېرىيال ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدىكى «سارايدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھەر» بولۇپ، نۇرغۇن تاماشىبىننى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلاتتى.
قۇرۇلۇش مەبلىغى توپلاش ئۈچۈن 1941 - يىلى 1 - ئايدا، ماۋ زېمىن قۇرۇلۇش زايومى تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەم ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ ئۆزى «مىنگونىڭ 30 - يىلىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ قۇرۇلۇش زايومى نىزامى»نى تۈزۈپ چىققان، يەنە «شىنجاڭ گېزىتى» قۇرۇلۇش زايومى تارقىتىلغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن چىقارغان ئالاھىدە سان ئۈچۈن «تارقىتىش بېغىشلىمىسى» يېزىپ، قۇرۇلۇش زايومى تارقىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلغان. داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىشقا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تېزدىن زايوم سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن، ناھايىتى تېزلا 6 مىليون 680 مىڭ يۈەنلىك قۇرۇلۇش زايومى تارقىتىلىپ، ئەسلىدىكى پىلاندىكىدىن %34 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىلگەن.
بىر نىيەتتە خەلقنى كۆزلەش تىيانشاندا روھنى تاۋلاش
1941 - يىلى 8 - ئاي، تومۇزدىكى دىخۇا شەھىرى ئوتتەك قىزىپ كەتكەنىدى. شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ۋەيرانە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئورنىغا خۇنەن تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان، قاشلىرى قويۇق، كۆزلىرى يوغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇ يوتقان - كۆرپىلەرنى قايرىپ كۆرۈپ، ئاشخانىلارنى تەكشۈرۈپ، ياشانغان كىشىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى... ئۇ دەل ماۋ زېمىن بولۇپ، خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرلىقىغا يېڭىلا تەيىنلەنگەنىدى، ئۇ شەھەر ئىچى - سىرتىغا چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتاتتى.
پارتىيە تارىخى ئارخىپلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگەن، ماۋ زېمىننىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا قالدۇرغان ئىزلىرى بىلەن ئۇچراشقان مەي يۈخۇا ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مالىيە نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرىدىن خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرىلىقىغا تەيىنلەنگىچە، ماۋ زېمىن مەيلى قانداق ۋەزىپە ئۆتىسۇن، ھەر مىللەت خەلققە مۇلازىمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى».
ماۋ زېمىن خەلقنىڭ دەرد - ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن دەرھال قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئورنى، دوختۇرخانا، دورىخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەم خەلق ئىشلىرى نازارىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ «ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئورۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىش پىروگراممىسى»نى تۈزۈپ چىققان، پۈتۈن شىنجاڭدا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئورنىدىن 26نى تەرتىپكە سېلىپ ۋە يېڭىدىن قۇرۇپ، 3000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت يېتىم - يېسىرنى تىلەمچىلىك ۋە سەرگەردانلىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، خاتىرجەم، كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق تۇرمۇشقا ئىگە قىلغان، كىشىلەر بىردەك ماۋ زېمىننى «جوۋ نازىر ياخشى!» دەپ ماختاشقان، بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى رايونلار، كەنتلەردە دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، يېزا ئەمەلدارى، شاڭيۇ تۈزۈمى قاتارلىقلارنى بىكار قىلىپ، ھوقۇقنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىشكە تۈرتكە بولغان.
«ماۋ زېمىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ كېسەل داۋالاتقان مەزگىلدە، بۇ رېنتىگېن ئاپپاراتىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى سۈرەتكە ئالالايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋېلىپ، ئەينى چاغدىكى ئۆلكىلىك دوختۇرخانىغا ئىئانە قىلغان.» ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، چۈشەندۈرگۈچى خالىنا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى بىر رېنتىگېن ئاپپاراتى زاپچاسلىرى يېنىغا باشلاپ بېرىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماۋ زېمىننىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، داۋالاش، سەھىيە شارائىتىنى ياخشىلىغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى.
1942 - يىلى كۈزدە، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شېڭ شىسەي جياڭ جيېشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ماۋ زېمىن قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. دۈشمەننىڭ قاتتىق - يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى تەڭ ئىشلىتىشى، تەھدىت سېلىشى ۋە ئازدۇرۇشى ئالدىدا، ماۋ زېمىن مەردانىلىك بىلەن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، كوممۇنىستلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىمۇ تىز پۈكمەيدىغان مەردانە خىسلىتىنى نامايان قىلغان. 1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ماۋ زېمىن دۈشمەنلەر تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ يىلى ئۇ 47 ياشتا ئىدى.
ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، 65 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى لى ۋېنشەن ھەربىر سۈرەت، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئىگىلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ «يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ خەلققە بەخت يارىتىش، ئۇلۇغۋار روھى تىيانشان تېغى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش»تەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىدىن روھلاندى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ۋارىسلىق قىلىش ئەڭ ياخشى ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۆزۈم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمغا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.