تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زامانىۋى چارۋىچىلىقنى بېيىشنىڭ «يېڭى موتورى» قىلدى

سانجى شەھىرى ئاشلى قازاق يېزىسى نۇرجا كەنتى:

زامانىۋى چارۋىچىلىقنى بېيىشنىڭ «يېڭى موتورى» قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، سانجى شەھىرى ئاشلى قازاق يېزىسى نۇرجا كەنتىگە جايلاشقان سانجى شەھىرى شىنفېڭ سۈت كالىسى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا باقمىچى قاجىبېك شاۋلېت خىزمەت كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ ۋە پەلەي كىيىپ، «تولۇق قوراللانغان» ھالدا قوتاندىكى سۈت كالىلىرىغا يەم - خەشەك بېرىۋاتاتتى.

نۇرجا كەنتى يىراق - يېقىنغا تونۇلغان چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، چارۋىچىلىق شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا چارۋىچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرجا كەنتىگە ئوخشاش زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان كەنتلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلەش

نۇرجا كەنتىگە كەلسىڭىز، يوللىرى پاكىز، ئۆيلىرى رەتلىك بولۇپ، يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى سۆگەتلەرنىڭ يېڭى چىققان بىخلىرىدىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش ئۈمىدى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ، تاغ باغرىغا كۆچۈپ چۈشۈپ ئولتۇراقلاشقان قازاق چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈت كالىسى باقتى، كۆپىنچىلىرى 5 - 3 تۇياققىچە باقتى، ئۇلار كالىلىرىنى كەنت ئېغىزىدىكى يول بويىغا باغلاپ قويۇپ، يانجىمىغان كۆممىقوناق غولىنى بېرەتتى، قىشتا ئىسسىق قوتان يوق ئىدى، دېزىنفېكسىيەلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يېڭى سۈت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى، يەنە يېزا - كەنتنىڭ مۇھىتىنى بۇلغايتتى.

«ئىلگىرى كۆپىنچە تارقاق شەكىلدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىناتتۇق، ئۆزىمىز ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزىمىز ساتاتتۇق، كىرىمىمىزنىڭ ئېشىشى ئاستا ئىدى.» نۇرجا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قادىلجان جۇمان مۇنداق دېدى: مەن ۋە خوتونۇم مايگۈل كوبىگىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندىن كېيىن كىرىمىمىز زور دەرىجىدە ئاشتى.

2009 - يىلى، بۇ كەنتتىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي جاڭ فېڭ 11 چارۋىچىنى نۇرجا كەنتىدە سانجى شەھىرى شىنفېڭ سۈت كالىسى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ ھەم سەپەرۋەر قىلىپ، «ھاۋالىلىك كالا بېقىش ئورنى» قۇردى.

«<يىرىك شەكىل>دىكى باقمىچىلىقنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، جەزمەن زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈجۈپىلىشىش، كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش ھەمكارلىق يولىدا مېڭىش كېرەك» دېدى جاڭ فېڭ.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، قاجىبېك ئۆزىنىڭ بەش تۇياق كالىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلدى، ھازىر ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن سىڭلىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەيدۇ، ھەربىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا كالىسىنى ھاۋالىلىك بېقىشتا تەقسىملەپ بېرىلگەن پايدىنى قوشقاندا كىرىمى خېلىلا ئاشتى.

«كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق كىرىمىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، شۇنداقلا ئېغىر ئەمگەك بىلەنمۇ خوشلاشتۇق.» قاجىبېك مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يەردە ياخشى ئىشلەپ، كۆپرەك تېخنىكا ئۆگىنىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، كېيىن ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىگۈم بار».

«ھاۋالىلىك بېقىش» ئەندىزىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قوش پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، سانجى شەھىرى شىنفېڭ سۈت كالىسى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەندىزىسى ۋە تەجرىبىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا كېڭەيتىلدى.

بىر - بىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بايلىق ئەۋزەللىكىنى بىرىكتۈرۈش

«ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېتىشتۈرگەن ئەلا نەسىل قوينىڭ گۆش نىسبىتى، يۇڭ نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، شۇنچە كۆپ يىل قوي باققان بولساممۇ، قوينى زادى قانداق بېقىش كېرەكلىكىنى ئەمدى بىلدىم» دېدى كەنت ئاھالىسى رېيىزابېك ئاسقار.

ئىلگىرى نامرات ئائىلە ھېسابلىنىدىغان ئۇ ۋە خوتۇنى 2012 - يىلى سانجى شەھىرى تيەنتەي چارۋا باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا 100 قوينى ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىپ، يىل ئاخىرىدا تەقسىملەنگەن پايدىدىن 20 مىڭ يۈەن ئالدى، ئۇنىڭغا ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىگەن ئىش ھەققىنى قوشقاندا، بىر يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى جاڭ فېڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرى بايلىق ئەۋزەللىكىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇپ چىققانىدى.

ئىلگىرىكى يىللاردا، ھەرقايسى كەنتلەر قۇرغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى كۆلىمى كىچىك بولۇش، باشقۇرۇشى قېلىپلاشماسلىق، ئۈنۈمى ناچار بولۇش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەمدە ئوتلاقتا ئۇزاق مۇددەت زىيادە چارۋا بېقىش، چارۋا بىلەن ئوتلاق ئېكولوگىيەسى تەڭپۇڭ بولماسلىق سەۋەبىدىن سىجىللىقنى ساقلىيالماسلىقتەك قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەنىدى. 2016 - يىلىدىن بۇيان، جاڭ فېڭ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، دادىل ئىزدىنىپ، «مۇردا» كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى جانلاندۇرۇپ، سانجى شەھىرى بۇرلس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىنى تەشكىللەپ قۇردى، بىرلەشمە ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەسىپنى ئۇزارتىش، تەكرار پايدىلىنىش قاتارلىق پىرىنسىپقا ئاساسەن، خەلقنى بېيىتىدىغان «كەسىپ تەرەققىيات ئىتتىپاقى»نى بەرپا قىلدى.

بىرلەشمە ھەمكارلىق كوپىراتىپى 1200دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسىنى بىرلەشمە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىشكە جەلپ قىلىپ، چارۋىنى ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىپ پاي قوشۇش، مەبلەغ ئارقىلىق پاي قوشۇش، يەرنى بىرلىشىپ باشقۇرۇش، ئوتلاقنى بىرلىشىپ باشقۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلار كالا فېرمىسى، قوي فېرمىسىغا كىرىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلەشكەن كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىدا ماڭدى. 2020 - يىلى، كوپىراتىپقا ئەزا بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

كەنتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى يەنە بىر تۈركۈم ياشلارنى جەلپ قىلدى. ھەسانقان مۇقېيات شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. 1994 - يىلى تۇغۇلغان ھەسانقان تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلىدى، ئۇ ھازىر شىنفېڭ سۈت كالىسى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرىدىغان مۇئاۋىن فېرما باشلىقى بولۇپ، يىللىق ئىش ھەققى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. «ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەندىزىسى بويىچە زامانىۋى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، مەن كۆپرەك ئۆگىنىپ، مۇشۇ يەردە ياخشى تەرەققىي قىلىمەن» دېدى ھەسانقان.

يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 50 ياشلىق كەنت ئاھالىسى يېركىن كالېن يەم - خەشەك قاچىلانغان كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كەنتكە كىردى، يېركىن زامانىۋىلاشقان چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئەڭ بالدۇر نەپكە ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرى.

ئائىلىسىدىكى بەش تۇياق كالىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىشىغا بېرىپ، ئۆزى خوتۇنى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىدى، ئىككىيلەن ھەر ئايدا 6000 يۈەن كىرىم قىلدى. يېركىن تۆت يىل ئىشلەپ، پۇل يىغىپ، بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كالا ۋە يەم - خەشەك يەتكۈزۈپ بېرىپ، ھەر يىلى 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

«كۈنلىرىمىز ھازىر بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەنتىمىز يەنە ساياھەت ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى تەرەققىي قىلدۇردى، مېنىڭ تىرانسپورت تىجارىتىممۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى يېركىن.

جاڭ فېڭ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يېتەكلەپ، كەسىپلەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك، بىرىكمە تىپتىكى تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئۆستۈردى. «بىز كەسپىي تېخنىكا كوللېكتىپى ئارقىلىق ئومۇمىي پىلان تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك، ئىستىراھەت ھەمدە باشقا مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنى ئۆزئارا زىچ باغلاپ، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاخىرىدا يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى جاڭ فېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.