تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سىڭدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سىڭدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە بېرىپ «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

پائالىيەت داۋامىدا، تيەن ۋېن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى، قوشماقلاشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇلار بىلەن ئۆزئارا سىرداشتى ھەم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى توغرىسىدا تەكلىپ - پىكىر بەردى.

تيەن ۋېن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى ماھىيەتلىك مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىش؛ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول مەنىۋى بايلىق ۋە مائارىپ بايلىقىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرىنى جانلىق، ياخشى سۆزلەش؛ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىپ، سۇپا ۋاسىتىسىنى كېڭەيتىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەكتەپ ئىچىدە لېكسىيە سۆزلەش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى قاتارلىق ئۆزگىچە باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا ئېتىقادىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيەت ۋە قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.