تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەپسىلىي چۈشىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى −

پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەپسىلىي چۈشىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىندى، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە قاتتىق تەدبىر قوللىنىلدى، ئەمەلىي ئىش قىلىش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، قاتتىق، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىغا، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈشىگە، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇش

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ھەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، خىزمەت ئاپپاراتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئومۇمىي يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تېزدىن ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۆگىنىشتە ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە كۆرسىتىش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈردى، ھەم 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئۆگىنىشكە سىڭدۈرۈش، دائىملىق تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى، ئۆگىنىش شەكلى قاتارلىقلارغا قارىتا كونكرېت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەربىيەنى قوبۇل قىلىشى، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايون ئالتە كۈن داۋاملاشقان ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئۇنىڭغا باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە ئېلىپ باردى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. تەربىيەلەش ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، يېڭى سەھىپە پۈتۈش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەركىزىي گۇرۇپپا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، پارتىيە تارىخى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىدىيە ئۆزلەشتۈرۈلدى؛ ئىنقىلابىي ئەسلىي جاي، خاتىرە ساراي قاتارلىق قىزىل بايلىقلارنىڭ ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىككىنچى دەرسخانا ئېچىلىپ، ئەسلىي جاي ئىزلىرى پارتىيە تارىخى دەرسخانىسىغا، ئاسار ئەتىقە تارىخىي ماتېرىياللار پارتىيە تارىخى دەرسلىكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، قىزىل گېن قان تومۇرلارغا سىڭدۈرۈلدى... بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش نەتىجىسىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش   كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەلىك ئۇلانموچى ئويۇن قويۇش ئەترىتى بۇ ناھىيەنىڭ خاربۇخ بازىرىغا بېرىپ، نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ۋە «پارتىيە تارىخى دەرسخانىسى»نى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزدى. «نومۇرلار ئېسىلكەن، بىز يەنە پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدۇق، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇق.» بۇ بازارنىڭ ئارشاتى كەنتىدىكى چارۋىچى ئا. داشبايىر مۇنداق دېدى: «بىز باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز».

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك لېكسىيە ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، خاسلاشتۇرۇش، ئوبيېكتقا ئايرىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، كۆرۈنمە شەكىللىرىنى قوللىنىپ، لېكسىيەنى كەڭ قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم 44 ئالىي مەكتەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ 82 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچىلار 142 مىڭ ئادەمگە يەتتى، تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 61 مەيدان ئۆتكۈزۈلدى، جانلىق نەزەرىيە يېتەكچىلىكى كۆپچىلىكنى چوڭقۇر ئىلھام ۋە مەدەتكە ئىگە قىلدى.

پۇقرا تەشۋىقاتچىلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس - بەستە ھەرىكەتكە كەلدى. خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىسى شولاق كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ كادىرى شيې چۈنيەن قوشماقلاشقان تۇغقىنىغا ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى؛ شايار ناھىيەسىنىڭ شايار بازىرى شياڭياڭ كەنتىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ چىڭفىڭ بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەگمە پارنىك ياسىشىغا ياردەم بەرسە، بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىسىگە پارتىيە تارىخىغا ئائىت ھېكايە سۆزلەپ بەردى؛ شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار يېڭىدىن قۇرۇلغان يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بازىسى ھەم ماركسىزم نەزەرىيەسى تەربىيەسى بازىسىدا ئېكسكۇرسىيەدە، ئۆگىنىشتە بولۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي چوڭ دەرسنى ياخشى ئاڭلىدى...

«تۇغقانلىشىش + لېكسىيە سۆزلەش» «كەنتتە تۇرۇش + لېكسىيە سۆزلەش»، «ئەدەبىيات - سەنئەت + لېكسىيە سۆزلەش» قاتارلىق پائالىيەتلەر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى. ھەرقايسى جايلار يەنە رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق ئىجادىي ئۆگىنىش شەكىللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىكرو پارتىيە دەرسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر ھەپتە ۋاقىتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، «ۋىيشىن، ۋىيبو، ئابۇنىچىلار تېرمىنالى»دىن پايدىلىنىپ «بارماق ئۇچىدىكى دەرسخانا» بەرپا قىلدى، يوللانغان نۇرغۇن مىكرو پارتىيە دەرسىنىڭ ئوقۇلۇش مىقدارى جەمئىي 10 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەقىقىي تۈردە سادىق ئېتىقاد، دادىل مەسئۇلىيەتچانلىق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يېتىلدۈردى.

تارىخنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش   «ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن بالدۇر قويۇۋېتىدۇ، ئاتا - ئانىلار ئىشتىن كەچ چۈشىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن قارايدىغان ئادەم بولمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى(قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى)دا، نۇرغۇن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىماي، مەكتەپتە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە قاتنىشىپ، تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ، تۈرلۈك قىزىقىش سىنىپلىرىغا قاتنىشىدۇ. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالدىنقى باسقۇچلۇق نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، مەكتەپنى سۇبيېكت قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلار ئىختىيار قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارنى مەكتەپتىن ئېلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەش. ئاپتونوم رايون «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە خىزمەت تىزىملىكىنى تۈزۈپ تارقاتتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تۇغقانلىشىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋاسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن ئىشلار، ئامما باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلدى.

ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشخىلا بازىرى ئىدىق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئەخمەت مەمەت «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تارقاتقان ھەقسىز زەمبۇرۇغ كالتىكىنى ئالدى. ئۇ مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى بىزگە زەمبۇرۇغ كالتىكى تارقىتىپلا قالماي، يەنە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. بۇلتۇر مەن قارا مور تېرىپ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، بۇ يىل داۋاملىق يەنىمۇ تىرىشىمەن!»

ياخشى ئىشنى ئەمەلىي قىلىش، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى بېجىرىش. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار 2 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزىدۇ؛ قەشقەردە، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى ھەر كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى پارتىيە ئەزالىرى نۆۋەتلىشىپ ئۈزۈلدۈرمەي ئىش بېجىرىش ۋاقتىغا ئۆزگەرتىپ، «پۈتۈن كۈن» ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاھالىلەر يېقىن ئەتراپتا خاتىرجەم كۆكتات ، ئەرزان كۆكتات سېتىۋالالايدىغان بولدى...

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.