تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىرىمىمىز كۆپەيدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى شېرىن ئۆتمەكتە

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

4 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، بوغدا تېغى يەنىلا ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى، تاغ ئېتىكىدىكى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىسى باھار تۈسىگە كىرگەنىدى، سېرىق تاملىق، قىزىل ئۆگزىلىك ئەمىن ئۆيلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ھەممە ئائىلىلەر ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى دەرەخلەر يېڭى بىخ چىقىرىپ، چېچەكلەشكە باشلىغانىدى، بەزىلەر قوشنىسىنىڭ كالىلىرىغا يەم - خەشەك يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولسا، بەزىلەر چارۋىچىلار ئارامگاھىنى يىغىشتۇرۇپ ئوڭشاش بىلەن ئالدىراش ئىدى... ھەممىلا جايدىن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.

تاغدىن چۈشۈپ ئولتۇراقلىشىپ، تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى

دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىسى دۇڭگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قايراتبېك بىسۇلتان بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەنىدى. بۇ ئىككى كۈندە، ئۇ يەم - خەشەك يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «ئىككىلا بالام ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ بولدى، خوتۇنۇم ئىككىمىز مۇشۇنداق چوڭ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىمىز، يەم - خەشەك سېتىپ يىلدا 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمىز، كۈنىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى ئۇ.

كۈنلىرىنىڭ «بارغانسېرى شېرىن ئۆتۈۋاتقان»لىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، قايراتبېك مۇخبىرغا ئۆزى ياش ۋاقتىدا بېشىدىن كەچۈرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى.

«بىز ئىلگىرى تاغدا كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرەتتۇق.» قايراتبېكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 19 ياشقا كىرگەن يىلى قىشتا، بىر ياشانغان كىشى تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپتۇ، ئەينى چاغدا قېلىن قاردا تاغ يولى توسۇلۇپ قالغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەر پىيادە ۋە ئاتلىق يەتتە كۈنگە يېقىن يول يۈرۈپ ئاندىن ئۇنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ، لېكىن ياشانغان كىشى ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرۇلمىغاچقا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا قازا قىپتۇ.

1987 - يىلى 7 - ئايدا، دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىسى قۇرۇلدى، ئارقىدىنلا دۆلەت بېكىتكەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرىدىغان تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى يولغا قويۇلدى. «مەن ئويلىشىپمۇ قويمايلا، تاغدىن چۈشۈشنى قارار قىلدىم» دېدى قايراتبېك.

تاغدىن چۈشۈپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، چارۋىچىلار ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بىلەن سېلىنغان ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، يۈرۈشلەشكەن مەكتەپ، دوختۇرخانىلار بار بولدى، چارۋا بېقىشمۇ ئەمدى بىردىنبىر ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بولماستىن، كىشىلەر تەدرىجىي ھالدا كۆلەملەشكەن قوتان باقمىچىلىقى يولىغا ماڭدى، يەنە يەر تېرىيدىغان، ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان، سودا قىلىدىغان بولدى ... كىرىم مەنبەسى كۆپ مەنبەلىشىپ، ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى.

قايراتبېك قوي - كالىلىرىنى باشقىلارغا ۋاكالىتەن بېقىشقا بېرىپ، ئۆزى يەم - خەشەك سودىسى قىلدى. ئۇ يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى. بۇلتۇر يۇقۇم مەزگىلدە، ئۇ خەير - ساخاۋەت تارماقلىرى ئارقىلىق خۇبېيغا 5000 يۈەن ئىئانە قىلدى.

تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋېلىش

بوغدا تېغىدا ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. چارۋىچىلار تاغدىن چۈشۈپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، تاغدىكى ياخشى مەنزىرىلەر بۇنىڭلىق بىلەن تاشلىنىپ قالمىدى، شۇ جاي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تاغدا ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، چارۋىچىلارنى ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«كېيىن مورى - پىچان يولىدا قاتناش باشلىنىپ، يېزىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكىگە ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.» دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى نۇرلان مۇنداق دېدى: پىچان بىلەن مورىنى بىر چوڭ تاغ ئايرىپ تۇرىدۇ، ئىلگىرى ئىككى جاي ئارىسىدا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ مېڭىشقا ئون سائەتكە يېقىن ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر ئاپتوموبىل بىلەن شەرقىي تىيانشان تونېلىدىن ئۆتسە ئۈچ سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ.

يازدا مورى ئىنتايىن سالقىن بولۇپ، نۇرغۇن پىچانلىقلار ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىسىغا بېرىپ سالقىندايدۇ. «ھەر كۈنى 800دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل كېلىدۇ.» نۇرلان مۇنداق دېدى: چارۋىچىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بەزىلىرى تاغدا كىگىز ئۆي قۇرۇپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن شۇغۇللاندى، بەزىلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ مىنىشى ئۈچۈن ئاتلىرىنى ئىجارىگە بەردى، بەزىلىرى مەنزىرە رايونىدا خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى.

دۇڭگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېرمۇرات تاغدا ئۈچ كىگىز ئۆي قۇرغان بولۇپ، ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، ئۇ خوتۇنى بىلەن تاغدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن شۇغۇللاندى، ھەر يىلى يازدا مۇشۇ بىر تۈرگە تايىنىپلا، 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدۇ.

يېقىندا، ئېرمۇرات ۋە خوتۇنى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يوتقان - كۆرپە، سېلىنچا، ياستۇق قاتارلىقلارنى پاكىز يۇيۇپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى ئەڭ ياخشى ھالەت بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلدى.

تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش

دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىسىدا، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا ماھىر بولمىغان، سودا قىلىشنى بىلمەيدىغان چارۋىچىلار كىرىم قىلىشتىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلارغا خىزمەت پۇرسىتى كۆپ.

نۇرلان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىسى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يېزا - كەنتلەرگە ماكانلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى جەلپ قىلىپ، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئالى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما گوجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەلا سۈپەتلىك سۈت بايلىقى، مول ئادەم كۈچى بايلىقى، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىقلار كارخانىمىزنى 2017 - يىلى ناھىيە بازىرىدىن دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىسىغا كۆچۈپ كېلىشكە جەلپ قىلدى.

نۆۋەتتە، ئالى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ 41 ئىشچى - خىزمەتچىسى بار بولۇپ، كۆپ قىسمى دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىسىدىن. شىركەتنىڭ نان، بولكا، ماخۇا، تورت، جۇۋاۋا، پېچىنە - پىرەنىك قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار، مەھسۇلاتلىرى سانجى، ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئالتاي قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە سېتىلىدۇ.

دانەنگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سايرامخان نۇرغازى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئېرىمنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمى ۋە يەر ئوبوروت پۇلىغا تايىناتتۇق، كۈنلىرىمىز بەك غورىگىل ئۆتەتتى. بالام ئىچكىرى رايوندىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئالى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىدىم، ئايلىق مائاشىم 2800 يۈەن، كۈنلىرىم مەنىلىك ھەم خۇشال ئۆتىدۇ.

نۇرلان مۇنداق تونۇشتۇردى: دانەنگوۋ ئۆزبېك يېزىسىنىڭ 2020 - يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 15 مىڭ 700 يۈەن بولدى. بۇ يىل پۈتۈن يېزا بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ قاينام - تاشقىنلىقتا ئۆتكۈزىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.