تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن ۋەتەننى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئاۋانگارت جەڭچىسى بولىمەن

ياڭ جېڭلۇ:

مەن ۋەتەننى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئاۋانگارت جەڭچىسى بولىمەن

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە ②

1955 - يىلى 4 - ئاي، ياڭ جېڭلۇ (ئوڭدىن 2 - كىشى) مەكتەپتىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا مېڭىش ئالدىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. (ماتېرىيال سۈرەت). □ سۈرەتنى قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن

□شەخس ئارخىپى

ياڭ جېڭلۇ، 1936 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تۇغۇلغان، ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال ياڭ خۇچېڭ جياڭجۈننىڭ قىزى، 1954 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، غەربىي شىمال داشۆسىنىڭ نېفىت گېئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، يېڭى جۇڭگودىكى بىرىنچى تۈركۈمدە گېئولوگىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇ پىدائىي بولۇپ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، نېفىت چوڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىگە قاتناشقان. 1958 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ياڭ جېڭلۇ ئەترەت باشلاپ شىنجاڭ سەنتاڭخۇ ئويمانلىقىدا نېفىت گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈۋاتقاندا، سوغۇق ئېقىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بەختكە قارشى قۇربان بولغان.

«مەن پارتىيە ئەزاسى، ئەڭ جاپالىق دالىلارغا بېرىپ چېنىقىشىم ۋە ئۆگىنىشىم كېرەك»

− ياڭ جېڭلۇ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن تيەن خۇايىڭ

شىنجاڭ سەنتاڭخۇ ئويمانلىقىدىكى تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى جايلاشقان ئورۇندا، نېفىت تەركىبلىك بىر گېئولوگىيەلىك قۇرۇلما بولۇپ، جۇڭگو گېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جېڭلۇ تەتۈر يانتۇلۇقى» دەپ نام بېرىلگەن. بۇنداق نام بېرىشتىكى سەۋەب شۇكى، بۇ جاي ئىلگىرى ياڭ جېڭلۇ خىزمەت قىلغان جاي، شۇنداقلا ئۇ ۋەتەننىڭ نېفىت گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغان جاي.

2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئىنقىلابىي قۇربان ياڭ جېڭلۇ قۇربان بولغان جايدا، تۇرپان - قومۇل نېفىتلىك شىركىتى ياڭ جېڭلۇنىڭ مىس ھەيكىلىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن. مىس ھەيكەلنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 3.78 مېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەم ھەيكىلىنىڭ ئېگىزلىكى 2.2 مېتىر بولۇپ، ياڭ جېڭلۇ قۇربان بولغان چاغدا ئەمدىلا 22 ياش دېگەن مەنىدە؛ تەگلىكنىڭ ئېگىزلىكى 1.58 مېتىر بولۇپ، ياڭ جېڭلۇ 1958 - يىلى قۇربان بولغان دېگەن مەنىدە. ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مىس ھەيكەلنىڭ ئالدى گۈللەر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، شۇ جايدىكى كىشىلەر بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىنقىلابىي قۇرباننى سېغىنىدۇ ۋە ياد ئېتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىدىكىلەر ياڭ جېڭلۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ، سەنتاڭخۇ رايونىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نيۇدۇڭ، شىبەندۈن قاتارلىق تۆت نېفىت تەركىبلىك رايون بۆلىكىنى بايقىدى، بايقالغان نېفىت زاپىسى جەمئىي 260 مىليون توننا ...

جياڭجۈن ئائىلىسىنىڭ جەسۇر قىزى چېگرا رايونغا كەلدى

«ئەترىتىمىزنىڭ ئىش رايونىدا... باداۋۋەن قاتلىمىدىكى كەڭ كۆلەملىك نېفىتكە چىلانغان قۇم تاش قاتلىمىنىڭ ھەممىسى تېگىدىن يېتىلگەن، بۇ نېفىت - گاز ئالامەتلىرىنىڭ ھەممىسى تۈزلەڭلىكتىكى بۇلاقسىمان قاتلامنىڭ خام نېفىت قاتلىمى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ، بۇ قاتلامنىڭ بىر يۈرۈش جىنس خۇسۇسىيىتىنى جەنۇبىي گىرۋەكتىكى مايلىق سىلانېتس قاتلىمى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ دېمەك، بۇ بىر يۈرۈش جىنىس خۇسۇسىيەتلىرى بار رايون خام نېفىت جەھەتتە غايەت زور قىممىتى بار رايون دېگەنلىك...»

2021 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، مۇخبىر يۇقىرىقى سۆزلەرنى جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى چارلاش - ئېچىش تەتقىقات يۇرتى چارلاش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بيەن باۋلىغا يوللاپ، ئۇنى كەسپىي نۇقتىدىن بۇ خاتىرىگە باھا بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

بيەن باۋلى ناھايىتى تېزلا جاۋاب قايتۇردى: بۇ يېزىلغىنىغا ئىنتايىن ئۇزاق مەزگىل بولغان، نېفىت - گاز بايلىقىنىڭ خام نېفىت قاتلىمى توغرىسىدىكى بىر پارچە باھا ئىكەن، ئۇنىڭدىن خاتىرىلىگۈچىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك كەسپىي ساپاغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بۇنىڭ سىلانېتس نېفىتىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، بايقاشتا يەنىلا بەلگىلىك يېتەكچىلىك رولى بار.

بيەن باۋلىنىڭ ھۆكۈمى خاتا ئەمەس. بۇ باھانىڭ يېزىلغىنىغا بۈگۈنگىچە 63 يىل بولدى.

بۇ يازما خاتىرە ياڭ جېڭلۇ 1958 - يىلى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يازغان قارامايلى خۇڭشەن رايونىنىڭ گېئولوگىيەلىك خۇلاسە دوكلاتىدىن ئېلىنغان.

1936 - يىلى، يەنى ياڭ جېڭلۇ تۇغۇلغان يىلى، دادىسى ياڭ خۇچېڭ بىلەن جاڭ شۆلياڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، قەتئىيلىك بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى زىلزىلىگە سالغان «شىئەن ۋەقەسى»نى قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا، ياڭ خۇچېڭ ۋە خوتۇنى جياڭ جيېشىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا چەت ئەلگە چىقىپ «تەكشۈرۈش»تە بولغان. ياڭ جېڭلۇ ۋە ئۈچ ھەدىسى مومىسىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، ئۇلار ئىسىم - فامىلىسىنى يوشۇرۇپ، ئۇياق - بۇياققا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، بالىلىق چاغلىرى ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى ۋەھىمە ئىچىدە ئۆتكۈزگەن.

1953 - يىلى، ياڭ جېڭلۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن غەربىي شىمال داشۆسى نېفىت گېئولوگىيە فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يېڭى جۇڭگونىڭ گۈللىنىشىدىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىقنىڭ بايلىق كەمچىلىكى ئىكەنلىكىنى، بايلىق ئىزدەشتە ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى دەل گېئولوگىيە ئىختىساسلىقلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن، بۇ ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ نېفىت ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسىنى چىڭىتقان. ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، مەكتەپكە كىرىپ 2 - يىلى، ياڭ جېڭلۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

غەربىي شىمال داشۆسىدە ياڭ جېڭلۇ بىلەن ئىككى يىل بىللە ئوقۇغان چاغدىكى ئەسلىمىلەر بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەن لى شىبىننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە: « ئۆگىنىشتە ئالاھىدە ياخشى ئىدى، كىشىلەرگە بەك قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى، بىزنىڭ ئىتتىپاق ياچېيكا شۇجىيىمىز ئىدى...»

داشۆنى پۈتكۈزگەندە، نۇرغۇن ساۋاقداشلىرى: ياڭ جېڭلۇ داڭلىق جياڭجۈننىڭ ئەۋلادى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك، شىئەندە قېلىش، ھەتتا بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ قارىغانىدى. لېكىن، ياڭ جېڭلۇ قەتئىي ھالدا ئەڭ جاپالىق شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغان، كېيىن شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان.

1955 - يىلى 7 - ئاينىڭ مەلۇم كۈنى، بىر يۈك ئاپتوموبىلى شىئەندىن يولغا چىقىپ، غەربكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ يۈك ئاپتوموبىلىدا، ياڭ جېڭلۇ بىلەن لى شىبىن قاتارلىق ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئون نەچچە ئوقۇغۇچى يول بويى ناخشا ئېيتىپ، شىنجاڭغا قاراپ ئاتلاندى...

«مەن پارتىيە ئەزاسى، ئەڭ جاپالىق دالىلارغا بېرىپ چېنىقىشىم ۋە ئۆگىنىشىم كېرەك»

لى شىبىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كەلگەندىن كېيىن، ياڭ جېڭلۇ ئورگان گېئولوگىيە بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ياڭ جېڭلۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئىدارە رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ، قەتئىيلىك بىلەن: «مەن پارتىيە ئەزاسى، ئەڭ جاپالىق دالىلارغا بېرىپ چېنىقىشىم ۋە ئۆگىنىشىم كېرەك» دېگەن. ياڭ جېڭلۇنىڭ تاللىشى ساۋاقداشلار ئارىسىدا ئىنتايىن زور زىلزىلە قوزغىغان، شۇنداقلا ساۋاقداشلارنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىسىنى چىڭىتقان.

ئارقىدىن، ياڭ جېڭلۇ ئەنجىخەي دالا گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئەترىتىگە بېرىپ پىراكتىكا قىلىپ، ئۆزىنىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چاغدا «شەنشى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە يازغان «مەن ۋەتەننى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئاۋانگارت جەڭچىسى بولىمەن» دېگەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، ھەر كۈنى دالىدا ئىشلەيتتى ۋە قوناتتى. ياڭ جېڭلۇ تۇرۇشلۇق گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئەترىتى خىزمەت قىلىدىغان رايون جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ چېتىدىكى چۆللۈكتە بولۇپ، ئۇ يەرگە ئادەم ئاياغ باسمىغان، نۇرغۇن جايدا سۇ يوق ئىدى، يازدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا پۈتكۈل چۆللۈك خۇددى بىر چوڭ قاسقانغا ئوخشاپ قالاتتى، تېمپېراتۇرىسى دائىم 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتەتتى. كەچ كىرگەندە ھاۋا سوغۇق بولۇپ، يەنە پاختىلىق چاپان كىيىشكە توغرا كېلەتتى. قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، تېخىمۇ سوغۇق بولۇپ كېتەتتى.

مۇشۇنداق ئىنتايىن جاپالىق مۇھىتتا خىزمەت قىلسىمۇ، ياڭ جېڭلۇ ئەزەلدىن جاپا تارتتىم ۋە ھېرىپ - چارچىدىم دەپ باقمىغان.

1957 - يىلى، ياڭ جېڭلۇ 117 - گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ مۇۋەققەت ئەترەت باشلىقى بولغان. شۇ چاغدا، 117 - ئەترەت قاراماي رايونىنىڭ نېفىت چارلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.

ئۇ دائىم قىيىنچىلىق ۋە خەتەرنى ئۆزىگە قالدۇرغان. بىر قېتىم، ئۇ سەپدىشى بىلەن ئاتقا مىنىپ دالىدا چارلاپ تەكشۈرۈشكە چىققاندا، يول ئىنتايىن يىراق بولغاچقا، شۇ كۈنى گېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ چوڭ لاگېرىغا قايتىشقا ئامالسىز قېلىپ، تاغدىكى بىر غارنى تېپىپ قونۇشقا مەجبۇر بولغان. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، يىراقتىن بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلانغان. بىخەتەرلىك ئۈچۈن، ئۇلار دەرەخ شاخلىرىنى تېرىپ كېلىپ غار ئېغىزىنى توسقان. يېرىم كېچىدە بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلاشقان، ياڭ جېڭلۇ ھەمراھىنى ئويغاتماي، ئۆزى ئوت - چۆپكە ئوت يېقىپ غار سىرتىغا تاشلىغان، شۇنداق قىلىپ بىردەم ئۆتسە بىرنى تاشلاپ تۇرغان. تاڭ ئاتقاندا، ئۇ ھەمراھىنى ئويغىتىپ غاردىن چىقىپ قارىسا، يەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە بۆرلەرنىڭ تىرناق ئىزى بولۇپ، شۇ چاغدىلا، ئۇلار ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ بۆرە ئۇۋىسىدا تۇرغانلىقىنى بايقىغان.

نېفىت ئىزدەش ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىش ۋە جان تىكىش

«گەرچە قىز بالا بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن جىسمىدىن ھەمىشە پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.» گەرچە بىللە ئىشلىگەن ۋاقتى بىر يىلغا يەتمىسىمۇ، لېكىن جوۋ زېمىڭ ئەترەت باشلىقى ياڭ جېڭلۇغا ئىنتايىن قايىل ئىدى.

1958 - يىلى، 106 - گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇرۇلۇپ، ياڭ جېڭلۇ ئەترەت باشلىقى بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي، جوۋ زېمىڭ 106 - ئەترەتكە كېلىپ خىزمەت قىلغان. شۇ يىلى، 106 - گېئولوگىيە ئەترىتى بۇيرۇققا بىنائەن سەنتاڭخۇ رايونىغا بارغان، خىزمەت ۋەزىپىسى 1 : 100 مىڭ ماسىشتابلىق گېئولوگىيەلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تاماملاش ئىدى.

ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئەسلىدە 9 - ئايدا توي قىلماقچى بولغان ياڭ جېڭلۇ توي ۋاقتىنى كەينىگە سۈرگەن.

سەنتاڭخۇ قومۇلنىڭ شىمالىغا، جۇڭگو - موڭغۇلىيە چېگرا لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالتاي تېغى بىلەن تىيانشان تېغى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، مۇھىتى ناچار، كىلىماتى ئۆزگىرىشچان ئىدى.

جوۋ زېمىڭنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، 106 - ئەترەت دەسلەپ كەلگەندە، قاتتىق بوران چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ئالغان چېدىرىنى يىرتىپ تىتما - تىتما قىلىۋەتكەن. مۇشۇنداق ناچار مۇھىتتا، بۇ يۇقىرى كۆرسەتكۈچلۈك ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنداش كېرەك؟ ياڭ جېڭلۇ: ئىنقىلاب قىلىش ۋە جان تىكىش كېرەك، دېگەن.

سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ياڭ جېڭلۇ ئەترەت ئەزالىرىنى بىرنەچچە گۇرۇپپىغا بۆلگەن، گۇرۇپپىلار ئىشنى تەڭ باشلاپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا قونۇپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن ئاندىن لاگېرغا قايتقان. ئۇلارنىڭ يەيدىغان - ئىچىدىغىنى پەقەت موما، تۇزلۇق سەي، سۇدىن ئىبارەت ئۈچلا خىل نەرسە ئىدى.

1958 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگە كەلگەندە، جۇڭچيۇ بايرىمىغا يەنە ئىككى كۈن قالغان بولۇپ، سەنتاڭخۇدىكى گېئولوگىيەلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاخىرلىشاي دەپ قالغانىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، 106 - ئەترەتتىكىلەر ئەترەت ئىشتابىغا يىغىلغان، ياڭ جېڭلۇ كۆپچىلىكنى شەرق - غەرب يۆنىلىشى بويىچە تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈپ ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان، جوۋ زېمىڭ ۋە ياڭ جېڭلۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرقىي شىمال ۋە شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان.

«ئايرىلىدىغان چاغدا، بىز كەچتە بالدۇرراق ئەترەتكە قايتىپ جۇڭچيۇ بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشىپ قويغانىدۇق» دېدى جوۋ زېمىڭ. جوۋ زېمىڭ يولغا چىققاندا ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق شىۋىرغان چىقىپ، تېمپېراتۇرىنىڭ نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، لاگېرغا قايتىپ كەلگەن ئەترەت ئەزالىرى ئەترەت باشلىقىنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى بايقاپ، ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قاتتىق شىۋىرغانغا قارىماي ھەممە يەرنى ئىزدىگەن. كېچىدە، ئەترەت ئەزالىرى يەنە گۈلخان يېقىپ، ياڭ جېڭلۇغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەن. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان.

ئىككىنچى كۈنى، ئەترەت ئىشتابىغا ئىككى كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان جايدا، ئەترەت ئەزالىرى ياڭ جېڭلۇنىڭ جەسىتىنى تاپقان، ئۇ قار - مۇز بىلەن قاپلانغان بىر يانتۇلۇقتا دۈم ياتقان بولۇپ، ئىككى بىلىكى ئالدىغا سوزۇلغان، ئون بارمىقى توپىغا چوڭقۇر پاتقانىدى. ئۇنىڭ قوينىدا، يېڭى سىزىلغان بىر پارچە گېئولوگىيە خەرىتىسى بار ئىدى...

بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ يېشى يامغۇردەك تۆكۈلگەن.

ياڭ جېڭلۇ قۇربان بولغاندىن كېيىن، پارتىيە تەشكىلاتى ئۇنىڭغا «پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، زىيالىيلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان نەمۇنىلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ شەرەپلىك نام بەرگەن ھەم ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئېتىراپ قىلغان.

1982 - يىلى، جۇڭگو گېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ياڭ جېڭلۇ چارلاپ تەكشۈرگەن سەنتاڭخۇ ئويمانلىقىدىكى نېفىت تەركىبلىك گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىغا «جېڭلۇ تەتۈر يانتۇلۇقى» دەپ نام بېرىپ، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ نېفىت گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە قورقماس قۇربان بېرىش روھىنى تەقدىرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.