كۆكيار خاتىرە سارىيى:
يېشىللىققا تەدرىجىي ئۆزگىرىش
قىزىل بازىلارغا زىيارەت ⑧
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن
باش ئەتىيازنىڭ شامىلى يەنە ئازراق سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كۆكيار ئېكولوگىيە چوڭ يولىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ماڭغاندا، تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەرەخ شاخلىرىنىڭ بىخ چىقىرىپ بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، يەنە ھال رەڭ چېچەكلىگەن ئۆرۈك دەرەخلىرى پات - پات كۆزگە چېلىقىپ، خۇددى ھال رەڭ بۇلۇتلاردەك كىشى كۆڭلىگە ئازادىلىك بېغىشلايتتى. ئاپتوموبىللىق نەنخۇ يولى 27 - نومۇرغا كەلگەندە، ھەيۋەتلىك بىر قۇرۇلۇش كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى، بۇ دەل كۆكيار خاتىرە سارىيى ئىدى.
1986 - يىلى، ناچار تەبىئىي شارائىتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. 30 يىلدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلدى، ئىلگىرى قۇم - بوران مەنبەسى بولغان كۆكيار يېشىللىققا پۈركەندى؛ شۇنداقلا ئۇ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چۆل - جەزىرىدە مىليون مولۇق «يېشىل دېڭىز» بارلىققا كەلتۈرۈلدى.
كۆكيار خاتىرە سارىيى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەسلىدىكى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى خاتىرە سارىيى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ ياسالغان. خاتىرە سارىيىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسىدە تىيانشان تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولغان تۆمۈر چوققا ئۆگزىنىڭ ئوبرازى قىلىنغان بولۇپ، «قوش لەمپىلىك يان ساراي ئۆگزىسى»لىك قۇرۇلۇش شەكلى قوللىنىلغان، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك. مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى كۆپەيتىپ سېلىنغان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئاقسۇنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېگىزدىن كۆرەلەيدۇ.
خاتىرە ساراي جەمئىي «چۆل - باياۋان، ئىلگىرىكى ناچار تەبىئىي مۇھىت» «ئېگىلمەس - سۇنماس روھ، چۆللۈكتىكى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش تارىخى» «ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، چۆللۈكنى كۆكەرتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش» «ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، ئېكولوگىيەنى تۈزەشنىڭ يېڭى ئابىدىسىنى يارىتىش»تىن ئىبارەت تۆت باش تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، سۈرەت، يېزىق، سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەم ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ «كۆكيار روھى»غا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ھەم كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باغچە شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈملىرى نامايان قىلىنغان.
«كۆكيار رايونى ئىلگىرىكى <قارا بوران چىقىپ باھار تۈسىنى يوقاتقان، سېرىق قۇم كۆك ئاسماننى قاپلىغان> چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە <ياپيېشىل تېرەك - سۆگەتلەر شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان، شاپتۇل، ئۆرۈك چېچەكلىرى باغلاردا تولغان> كۆز يەتكۈسىز ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندى، بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن كىشىلەر ئاقسۇ خەلقىنىڭ يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك ئىرادىسىدىن، تامچە سۇ تاشنى تېشىشتەك تۆھپىسىدىن ھەمدە ئۇنىڭدا يېتىلدۈرۈلگەن <ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش>تەك كۆكيار روھىدىن ھەيرەتتە قالماي تۇرالمايدۇ» دېدى كۆكيار خاتىرە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى سۇڭ شىڭنيەن.
«ئاقسۇ خەلقى چۆللۈكنى كۆكەرتىشتە مەملىكەت بويىچە ئۈلگە تىكلەپ، يېشىل تەرەققىياتتا جاھان مۆجىزىسىنى ياراتتى.» 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى كۆكيار باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ كادىرى ئەسقەر ئىمام كۆكيار خاتىرە سارىيىغا كېلىپ باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «30 نەچچە يىل كۈچ ئۇلاش ئارقىلىق، چۆللۈك <ئورمان دېڭىزى>غا ئايلاندۇرۇلدى، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم».
30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ «مەسئۇل كىشى ئالماشسىمۇ سىياسەت ئۆزگەرمەسلىك»نىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇردى، كۆكيار روھىمۇ ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قان - قېنىغا سىڭدى. «ئورمان ئارقىلىق ئورماننى بېقىش» «بىر تەرەپتىن كۆكەرتىپ، بىر تەرەپتىن بېيىش» قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ باشقا چۆللۈك رايونلارغا «كۆكيار ئەقىل - پاراسىتى»نى بېغىشلىدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاقسۇ دەرياسى ئېقىنى رايونى، ئۆگەن دەرياسى ئېقىنى رايونى، كوڭتەيلىك رايونىدىن ئىبارەت مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىدىن ئۈچنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويدى. سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىر سېلىشتۇرمىسى ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، رايوننىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن.
«كۆكياردا يىل بويى قۇرغاقچىلىق بولغانلىقتىن، ئىپتىدائىي تۆپىلىك تۇپرىقى مۇكەممەل يېتىلمىگەن، تۇپراقتا شېغىل بىرقەدەر كۆپ ئىدى، دەسلەپتە ئورمان بىنا قىلىش باشلانغاندا، گۈرجەك سالسا تاشقىلا ئۇرۇلاتتى، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئىتتىرگەندىمۇ تاشتا بىر رەت ئاق ئىز قالاتتى، قىلچە رولى بولمايتتى، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئاۋۋال پارتلىتىش دورىسىنى ئىشلىتىپ تۇپراق قاتلىمىنى پارتلىتىپ بوشاتقاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئاز - ئازدىن ئىلگىرىلىگىلى بولاتتى...» ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى ئاينىگار ئەمەر خاتىرە سارىيىدا بۇ چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قۇرۇلۇشچىلار قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇرتىمىز ئۈچۈن يېشىل دېڭىز بەرپا قىلدى، بۇ نېمىدېگەن مۇستەھكەم ئېتىقاد ھە!»
بۈگۈنكى كۈندە، ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيە بازىرى قاتارلىق جايلاردا ماڭغاندا، مەيلى مەركىزىي يول ياكى ئولتۇراق رايوننىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا بولسۇن، ھەممىلا يەردە يېشىللىقنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى كۇرسانتلار بۆلۈمىنىڭ لېكتورى رەن يىدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ جايدىكى ھەربىر كىشى ئاقسۇنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش ماددىي نەتىجىلىرىدىن نەپكە ئېرىشتى، شۇنداقلا بۇ جەرياندىن ئۈزۈلدۈرمەي قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلماقتا.
□ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى
كۆكيار خاتىرە سارىيى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ نەنخۇ يولى 27 - نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېچىۋېتىلگەن. ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خاتىرە سارىيى بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 4396 كىۋادرات مېتىر. كۆكيار خاتىرە سارىيى نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مۇھىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، قىزىل ساياھەت بازىسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتقىقات - ئۆگىنىش بازىسى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە يېڭى 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى. ساراينىڭ ئېچىلىش ۋاقتى سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە سائەت 10:30دىن 14:00كىچە، 16:00دىن 19:30غىچە (ياز پەسلىدە)؛ 11:00دىن 14:00كىچە، 15:30دىن 19:00غىچە (قىش پەسلىدە)، دۈشەنبە كۈنى ساراي تاقىلىدۇ.