تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە ئۈچۈن ئارخىپ باشقۇرۇش دۆلەت ئۈچۈن تارىخنى ساقلاش خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش

ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا:

پارتىيە ئۈچۈن ئارخىپ باشقۇرۇش دۆلەت ئۈچۈن تارىخنى ساقلاش خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش

قىزىل بازىلارغا زىيارەت ⑦

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ ئاق قۇ كۆلى يولىدا تۆت ئەتراپتىكى يوللار تۈپتۈز، راۋان ئىدى، ئېگىز بىنالار زىچ قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، بىر زامانىۋى مودا بىنا يولنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، بۇ جاي بۇ يىل يېڭىلا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىنىڭ يېڭى بىناسى. 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىغا كىرگەندە، زالنىڭ ئىنتايىن پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى، تەشتەكتىكى گۈللەرنىڭ ياپيېشىل ئاينىپ كەتكەنلىكىنى، ئۈستەللەرنىڭ پاكىز، دېرىزىلەرنىڭ پارقىراپ تۇرغانلىقىنى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

1959 - يىلى قۇرۇلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا ئاپتونوم رايوندىكى ئورگان ۋە ئورۇنلارنىڭ ئارخىپلىرىنى ساقلايدىغان بازا بولۇپ، 600 مىڭ تومدىن ئارتۇق ئارخىپ ساقلانغان، چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق تارىخىي ئۇچۇرلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، تارىخ تەتقىقاتى ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە ئارخىپ تارىخىي ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىدىغان مەركەز، شۇنداقلا غەربىي شىمال رايونىدىكى بىردىنبىر دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئارخىپ رايونىنى قوغداش مەركىزى.

مۇخبىر ئارخىپخانىنىڭ خىزمەتچى خادىمى شۈ ۋېيۋېيگە ئەگىشىپ ئارىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بىر ئارخىپ ئامبىرىغا كىردى، مۇخبىرنىڭ كۆزىگە چېلىققىنى قاتار - قاتار رەتلىك تىزىلغان ئارخىپ زىچ جازىلار بولۇپ، جازىغا ئارخىپلار قۇتا - قۇتىلاردا نومۇرى بىلەن رەتلىك تىزىلغانىدى، ئامبارنىڭ ئىچىگە نەملىك تۇراقلاشتۇرۇش، تېمپېراتۇرا تۇراقلاشتۇرۇش، بارماق ئىزى ئىشىكى سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، زامانىۋى تۈس قويۇق ئىدى.

شۈ ۋېيۋېينىڭ ئارخىپخانىدا ئىشلەۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغانىدى. ھەر كۈنى ئارخىپخانىنى ئايلىناتتى، «پارتىيە ئۈچۈن ئارخىپ باشقۇرۇش، دۆلەت ئۈچۈن تارىخنى ساقلاش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە ئۇنىڭ ئالاھىدە مۇھەببىتى بار ئىدى.

«ئارخىپخانا بارلىق ئارخىپنى رەقەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ بولدى، ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلار رەقەم شەكلىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ.» شۈ ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: ھەربىر ئارخىپتا بىر بۆلەك ھېكايە سۆزلىنىدۇ، مەن دائىم ئارخىپلاردىن ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيمەن، ئارخىپلارنى ساقلاش ۋە قوغداش پەقەت بىر تۈرلۈك خىزمەتلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى بۇرچقا ۋارىسلىق قىلىدىغان مەسئۇلىيەت.

«شىنجاڭ گەرچە چەت چېگرا رايون بولسىمۇ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىزنىڭمۇ ئۆزگەرمەس ئىرادىمىز، ھەر ۋاقىت پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا قەسەمياد قىلىشقا تەييار تۇرىمىز...» مۇخبىر ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۇل ئىئانە قىلىپ «شىنجاڭ ناملىق» كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالغانلىقى خاتىرىلەنگەن بىر قىممەتلىك ئارخىپتىن بۇ مەزمۇنلارنى كۆردى.

«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئارقا سېپىدە تۇرغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما <ھەممە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن> دېگەن شوئارنىڭ چاقىرىقىدا، ئىزچىل كەڭ دائىرىدە ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 1938 - يىلى 9 - ئايغا كەلگەندە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تاپشۇرۇۋېلىنغان ھەر مىللەت ئامما ئىئانە قىلغان نەق پۇل 2 مىليارد 410 مىليون سەر يېڭى پۇلغا يەتكەن، بۇنى كۈمۈش تەڭگىگە سۇندۇرغاندا 600 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ پۇللارغا ئون كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالدى ھەم ھەممىسىگە <شىنجاڭ ناملىق> دەپ نام بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىنىڭ مۇئاۋىن ئارخىپخانا باشلىقى، تەتقىقاتچى ئارخىپخانا خادىمى توڭ لۇ بۇ قىممەتلىك ئارخىپنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىنى شۇنداق تونۇشتۇردى.

پېچەتلەنگىنىگە ئۇزاق بولغان بۇ تارىخىي خاتىرىلەرنى ئاچساق، ئارخىپنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلانغان ھەربىر تەسىرلىك قىزىل ھېكايىنى تەپسىلىي چۈشىنەلەيمىز. «ئارخىپلار تارىخنى داۋاملاشتۇرۇش، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىشتەك مۇھىم رولغا ئىگە، كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بۇ ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى <جانلىق> دەرسلىككە ئايلاندۇرساق، ئارخىپنىڭ تەشۋىق قىلىش - تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە ئارخىپ خىزمىتىنىڭ قەدىمكىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، تارىخنى ئۆرنەك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرغان بولىمىز» دېدى تۇڭ لۇ تونۇشتۇرۇپ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقان بايلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئارقا - ئارقىدىن «پارتىيە شىنجاڭدا» «دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ» «تىيانشان گۇۋاھ» قاتارلىق كۆپلىگەن مەخسۇس تېمىلىق ئارخىپ ھۆججەت - ماتېرىياللىرى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدى، «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت ئارخىپلار تاللانما توپلىمى» «شىنجاڭنىڭ قىممەتلىك ئارخىپ ھۆججەت - ماتېرىياللىرى كاتالوگى» «ئۈرۈمچىنىڭ ئازاد بولۇشى» قاتارلىق كۆپلىگەن تارىخىي ماتېرىياللار توپلىمىنى تەھرىرلەپ نەشر قىلدى.

ئارخىپخانىدا يەنە نۇرغۇن كۆرگەزمە زالى بار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى، تۈرلۈك شەكىلدىكى قىممەتلىك ئارخىپلىرى تىزىلغان، ئۇلار شىنجاڭ تارىخىنىڭ قىممەتلىك خاتىرىسى. بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا «شىنجاڭ يىپەك يولى ئارخىپ ھۆججەت - ماتېرىياللىرى كۆرگەزمىسى» «شىنجاڭ تارىخىي خاتىرىلىرى كۆرگەزمىسى» «پاكلىق مەدەنىيىتى ئارخىپ كۆرگەزمىسى» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تارىخىي ئارخىپ ھۆججەت - ماتېرىياللىرى كۆرگەزمىسى» «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئارخىپ ھۆججەت - ماتېرىياللىرى كۆرگەزمىسى»دىن ئىبارەت بەش ئوخشاش بولمىغان باش تېمىدىكى كۆرگەزمىنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى قاتارلىقلارنى تەسىرلىك، جانلىق دەسلەپكى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

□ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى

ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا 1959 - يىلى قۇرۇلغان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ ئاق قۇ كۆلى يولى 567 - نومۇرغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 26 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 3759 كىۋادرات مېتىر، ئىقتىدارى تولۇق، مۇھىتى گۈزەل، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپ، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، ئارخىپنى بىخەتەر ساقلاش بازىسى، ئارخىپتىن پايدىلىنىش مۇلازىمەت مەركىزى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارا ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش مەركىزى، ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ نۇسخىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى. ھەر دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە سائەت 10:30دىن سائەت 13:30غىچە، سائەت 16دىن سائەت 19غىچە ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.