تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سادىق روھ چېگرا رايوندا ئەمىن تاپتى قەھرىمانلارنىڭ غەيرىتى جاھاننى يورۇتتى

يېڭى شەھەر ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى

سادىق روھ چېگرا رايوندا ئەمىن تاپتى قەھرىمانلارنىڭ غەيرىتى جاھاننى يورۇتتى

قىزىل بازىلارغا زىيارەت ⑥

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ  ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ ۋېنخۇي

يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بارىن يېزىسىنىڭ ئارا قېچېچى كەنتىدە بىر قەبرىستانلىق بار، چېگرا رايوننى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇربان بولغان 189 ئىنقىلابىي قۇربان ياپيېشىل قارىغاي - ئارچىلار ئارىسىدا جىمجىت ياتماقتا، بۇ دەل يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى.

قەبرىستانلىق 1967 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغان، دەرۋازىغا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى پەيلوۋ ئۇسلۇبى قوللىنىلغان. قەبرىستانلىققا كىرگەندە، رەت - رەت ياپيېشىل قارىغايلار قەبرىستانلىقنى سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. ئوتتۇرىدىكى مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە 15 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، ئاستى قىسمىغا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى يېزىلغان. يەنە ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا، ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان بىر ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. خاتىرە مۇنارىنىڭ تۆت تەرىپىگە «ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغدىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈ ھايات!» «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن!» «خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىش تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك!»… دېگەن قىزىل رەڭلىك ئابىدە خەتلىرى ئويۇلغانىدى.

قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قارىغاي - ئارچا، مەجنۇنتال، تېرەك قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلگەنىدى. ھەر يىلى ئەتىياز، يازدا پۈتكۈل قەبرىستانلىق گۈللەر ۋە يېشىل دەرەخلەرگە پۈركىنىپ، تىپتىنچ، سۈرلۈك تۈسكە كىرىدۇ. ھەر قېتىملىق چىڭمىڭ بايرىمىدا، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ھەم ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار، ئامما، ياش ئوقۇغۇچىلار قەبرىستانلىققا بېرىپ قەبرە سۈپۈرۈپ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئىنقىلاب ئەنئەنىسى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.

«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم...» 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس، قەشقەر شىنتوۋ كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور جاڭ ۋېن ۋە شىركەتتىكى قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، خاتىرە مۇنارىغا گۈل تەقدىم قىلدى. «شىركەت+دېھقان ئائىلىسى» شەكلى ئارقىلىق، ئۇلار بۇلتۇر قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئالتە كەنتىدىكى 1200 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. «بۈگۈن بىزنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ روھىي جەھەتتە تاۋلىنىشىمىز دەل قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈندۇر» دېدى جاڭ ۋېن.

«قەبرىستانلىققا ئىنقىلابىي قۇربانلار دەپنە قىلىنغان، بەزىلىرى قۇربان بولغاندا ئاران 20 نەچچە ياشتا ئىدى، مەن قەبرىستانلىقنى پاكىز تازىلاپ، كۆپچىلىكنىڭ قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ ياش بالىلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، ئۇلارنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن» دېدى قەبرىستانلىقنىڭ قارىغۇچىسى ياسىن ئىمىن.

1986 - يىلى، ياسىن دادىسىنىڭ قولىدىن قەبرىستانلىققا قارايدىغان كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان، «مەن كىچىكىمدىن مۇشۇ جايدا چوڭ بولغان، كىچىك ۋاقتىمدا دادام ماڭا بۇ جايغا ئىنقىلابىي ئىشلار ئۈچۈن قۇربان بولغان كىشىلەرنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن، ھازىر مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بالىلىرىم ۋە نەۋرىلىرىمگە ئېيتىپ بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى ياسىن.

يېشىل تاغنىڭ ھەممە يېرىگە ساداقەتمەنلەر دەپنە قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىزدەپ زىيارەت قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتتى، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ما جەنشۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، 2020 - يىلى ئىككى ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ زىيارەت قىلدۇق، بۇ يىل ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۇغقانلىرى شەندۇڭ، گەنسۇدىن قەبرىستانلىققا كېلىپ تەزىيە بىلدۈرىدۇ.

«مەيلى جەڭدە قۇربان بولغان قەھرىمانلار بولسۇن، مەيلى ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان قەھرىمانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى ھەممىدە خەلقنى مەركەز قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى مۇھىم بىلىپ، باشتىن - ئاخىر جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى ساقلاش. يېڭى دەۋرگە كىرىپ، بىز كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ياخشى مېڭىپ، قىزىل روھنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمىز!» دېدى ما جەنشۆ.

□ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى

يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بارىن يېزىسى ئارا قېچېچى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىغا بەش كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرىگە 14 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50 مو، 1967 - يىلى 7 - ئايدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى چېگرا رايوننى قوغداش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان، قەبرىستانلىققا 189 ئىنقىلابىي قۇربان ئورۇنلاشتۇرۇلغان، خاتىرە مەيدانىغا 15 مەشھۇر ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ھەيكىلى قويۇلغان. قەبرىستانلىق ھەر سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، ئېچىۋېتىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:30دىن 18:00گىچە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.