تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈچ كۈنلۈك ھەدىيە قىلىش»تىن «شىنجاڭ ناملىق»قىچە

ھېكايىلەر توپلىمى ⑨

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋۋا

«... مەن جىشياڭ گەرچە ئىقتىدارسىز بولساممۇ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشىدا مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپون قاراقچىلىرىنى يوقاتمىساق، بىزگە ئائىلە نەدە تۇرۇپتۇ... شۇڭا يىغقان ئازراق دەسمايەمدىن 1 مىليون سەر ئۆلكە كۈمۈش چېكى ئىئانە قىلدىم ھەم خوتۇنۇممۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىككى دانە ئالتۇن بىلەزۈكىنى ئىئانە قىلدى، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2 مىسقال بىر پۇڭ كېلىدۇ، ھەم بۇلارنى خېتىمگە قوشۇپ ھەدىيە قىلدىم...» 1937 - يىلى 12 - ئايدا، ئامما شا جىشياڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىگە خەت يېزىپ، 1 مىليون سەر ئۆلكە كۈمۈش چېكى ۋە خوتۇنىنىڭ بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈكىنى ئىئانە قىلغان. بۇ خەت بۈگۈنكى كۈندە ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ساقلانماقتا.

1937 - يىلى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى، دۆلەت مۇنقەرز بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئۈچ كۈنلۈك ھەدىيە قىلىش» ھەرىكىتى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

1938 - يىلى 11 - ئايدا، خۇاڭ خوچىڭ قاتارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى پۈتۈن شىنجاڭدا «ئۈچ كۈنلۈك ھەدىيە قىلىش» ھەرىكىتىنى باشلاپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە 100 مىڭ قۇر قىشلىق كىيىم توپلاشنى پىلانلىغان. ئەينى چاغدا دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)دا تەسىس قىلىنغان ھەدىيە قىلىش سۇپىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە: «شەخسلەردىن مالىيە كۈچى توپلاپ، ياپون قاراقچىلىرىنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرايلى!» «پۇلى بارلار پۇل، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ، كۆپچىلىك بىرلىشىپ ياپون قاراقچىلىرىنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرايلى!» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا داغدۇغىلىق ئىئانە قىلىش قىزىق دولقۇنى قوزغىلىپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىش ئىزلار مەيدانغا كەلگەن. دىخۇادىكى 70 نەچچە ياشلىق بىر موماي ھەدىيە قىلىش سۇپىسىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ بىردىنبىر پۇلغا ئەرزىيدىغان ئالتۇن ھالقىسىنى ئېلىپ، قوش قوللاپ ھەدىيە قىلدى؛ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا خەت يېزىپ، كەمپۈت يەيدىغان پۇلىنى تېجەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا 9000 سەر ئۆلكە كۈمۈش چېكىنى ئىئانە قىلدى؛ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى خەلق ئاممىسى ئۈچ كۈن ئوزۇقلۇقنى ئازايتىپ، ئوزۇقلۇق ئاشلىقىنى ئىئانە قىلدى؛ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئاتىكەمخان ئېرى ھايات ۋاقتىدا قالدۇرۇپ كەتكەن 27 يامبۇنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلدى؛ كورلىلىق كەمبەغەل ئەيسانىڭ ئىئانە قىلىدىغانغا پۇلى بولمىغاچقا، ئوغلىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىشكە رازى بولدى... يىل ئاخىرىغىچە، دىخۇا رايونىدا ئىئانە قىلىنغان ئومۇمىي سومما 94 مىڭ يۈەن فابىغا يەتكەن، يەنە 200 مىڭ قۇر جۇۋا ۋە نۇرغۇن باشقا ماددىي ئەشيالار بار. كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەنە 200 مىڭ يۈەن فابىلىق قىشلىق كىيىم پۇلى توپلاپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ بېرىپ، قىشلىق كىيىم پۇلى توپلاشتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1937 - يىلى 9 - ئايدىن 1940 - يىلى 5 - ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جەمئىي ئىئانە قىلغان پۇلنى كۈمۈش تەڭگىگە سۇندۇرغاندا 3 مىليون 220 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان. 1938 - يىلى 8 - ئايدا، شىنجاڭ 1 مىليون 520 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق فابىغا ئون كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا «شىنجاڭ ناملىق» دەپ نام بەرگەن. 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، «شىنجاڭ ناملىق» ئون كۈرەشچى ئايروپىلان دىخۇانىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپىدىكى ئايرودۇرۇمدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە قاراپ ئۇچقان. ئارقىدىن، «شىنجاڭ ناملىق» كۈرەشچى ئايروپىلانلار «ۋۇخەننى قوغداش جېڭى»گە قاتناشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلار ئىچىدە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تارىخىغا ئالاقىدار ئارخىپلاردىن 80 مىڭدىن ئارتۇقى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىئانە توپلىغانلىقىغا دائىر ئارخىپ تارىخىي ماتېرىياللىرىمۇ ئاز ئەمەس. ھەربىر ئارخىپنى ۋاراقلىغاندا، ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمىزدا بىر - بىرلەپ قايتا نامايان بولىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پارلاق بىر بەتنى پۈتۈپ چىققان.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.