− جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش ئىزنالىرى
قىزىل ئىزنالار ⑥
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ يۆيۆ
3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شەرقىي تىيانشان ئېتىكىدىكى قومۇل شەھىرىدە سۆگەتلەر بىخ چىقىرىپ، گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ، باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. قومۇل شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسىغا كىرسىڭىز، ئۇدۇلدا بېشىغا سەككىز قىرلىق شەپكە كىيگەن، دۈمبىسىگە قىلىچ ئاسقان، قولىدا پولات مىلتىق تۇتقان بىر قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرغا تولغان بولۇپ، تۇرقىدىن قورقماس ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق جاسارىتى نامايان بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا بىر خاتىرە مۇنار بولۇپ، ئۈستىگە يولداش چېن يۈن ئۆز قولى بىلەن يازغان «قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە مۇنارى» دېگەن چوڭ بېغىشلىما خەت بار ئىدى.
پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق پەيتىدە، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيىغا بېرىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ھېس قىلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. 2019 - يىلى ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە قايتىدىن بېزەش ئارقىلىق، خاتىرە ساراي ئىچىدىكى «مەڭگۈلۈك شىڭشىڭشيا» ناملىق باش تېما كۆرگەزمىسىدە نۇرغۇن تارىخىي سۈرەتلەر، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تەقلىدىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ تارىختا يازغان شانلىق سەھىپىلىرى قايتا نامايان قىلىندى.
قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىسى ھازىرغىچە ياڭرىماقتا
شۇ كۈنى سەيشەنبە بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى ساراي قەرەللىك تاقالغاندىن كېيىن، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيى ئېكسكۇرسىيە قىلىشنىڭ كىچىكرەك بېسىق ۋاقتىنى كۈتۈۋالدى، چۈشتىن بۇرۇنلا 100دىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى.
«بۇلتۇر پۈتۈن يىلدا خاتىرە ساراينى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 158 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، بۇ يىل بۇ ساندىن ئېشىپ كېتىدۇ.» غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن زېشۈەن مۇنداق دېدى: خاتىرە ساراي 3Dلىق يېرىم كۆرۈنۈشلۈك رەسىم كۆرگەزمىسى شەكلىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا شەخسلەرنىڭ مودېلى ۋە ئاۋاز، نۇر ئېلېكتىر ياردىمىدە سىزىلغان كۆپ ۋاسىتىلىك ئارقا كۆرۈنۈش رەسىملىرى قوشۇلۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئەينى يىلى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باشتىن كەچۈرگەن جاپا - مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلارنى ھېس قىلدۇردى.
«بۇ مېنىڭ خاتىرە سارايغا 3 - قېتىم كېلىشىم، تەسىراتىم بىر - بىرىدىن چوڭقۇر. بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيەدىن مەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگەنسەك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. رەڭلىك مېتال گېئولوگىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي جەڭچىگە ئوخشاش خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشىمىز كېرەك» دېدى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى رەڭلىك مېتال گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش 704 - ئەترىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خۇڭتاۋ.
20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەردە غەلىبىلىك ئۇچراشقان. 1936 - يىلى 11 - ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنى قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا يولنى تۇتاشتۇرۇش مەقسىتىدە، خېشى كارىدورىغا يۈرۈش قىلدۇرغان. «غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەن ئارمىيەسى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئاخىرىدا ياۋۇز دەپ نام ئالغان ماجياجۈننىڭ 25 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتقان.» غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى شەيىدە مەمەت مۇنداق دېدى: غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۆلۈش - يارىلىنىش ئىنتايىن ئېغىر بولغان.
40 نەچچە كۈندە چىليەندىن چىققان؛ 400دىن ئارتۇق ئادەم ئاخىرغىچە قانلىق جەڭ قىلغان. لى شيەننيەن غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ سول تارماق ئەترىتىدىكى جەڭچىلەرنى باشلاپ گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ قورشاپ توسۇشىنى نەچچە قېتىم بۆسۈپ ئۆتۈپ، جەڭ قىلغانسېرى جەڭگىۋارلىقى ئېشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاخىر شىڭشىڭشياغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى چېن يۈن بىلەن ئۇچراشقان.
ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇلدى
شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولغان شىڭشىڭشيادا ئەينى يىلى چېن يۈن بىلەن لى شيەننيەن ئۇچراشقان جايغا بىر خاتىرە مۇنار تىكلەنگەن بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن كىشىلەرنى مەخسۇس كېلىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىشكە جەلپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شىڭشىڭشيا مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى مۇھىم قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ 407 كوماندىر - جەڭچىسى شىڭشىڭشيادا شىنجاڭغا غەلىبىلىك يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن، دەم ئېلىش - تەرتىپكە سېلىشتىن كېيىن، چېن يۈن ئاپتوموبىل ئەترىتىنى باشلاپ، ئۇلارنى ئاپتوموبىل بىلەن قوغداپ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ قويغان.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياڭزىجياڭ يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ گېزىتخانىسى قورۇسىدا باسما زاۋۇتىنىڭ بىر قاتار زاۋۇت ئۆيى بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ يەر يىپ ئېگىرىش زاۋۇتى ئىدى. 1937 - يىلى ئېگىز زاۋۇت بىناسى ئەمدىلا پۈتۈپ، تېخى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەي تۇرۇپلا، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ماكانلاشقان تۇنجى بېكىتىگە ئايلانغانىدى.
«غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ سول تارماق ئەترىتى ئىلگىرى گېزىتخانىنىڭ ھويلىسىدا دەم ئېلىپ - رەتكە سېلىنغان، نەچچە ئايدىن ئارتۇق مەشىق قىلغان. قەھرىمانلار ياشىغان جايدا خىزمەت قىلىش بىز ئۈچۈن بىر رىغبەت» دېدى شىنجاڭ گېزىتخانىسى گېزىتخانا تارىخى سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى خۇاڭ لى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق مەيدانىغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، قىزىل دەرۋازا، سېرىق تاملىق بىر كىچىك ھويلىمۇ يېقىندا نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى، بۇ يەر جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى كادىرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەسلىي ئورنى بولۇپ، ئىلگىرى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»نىڭ بىر گازارمىسى ئىدى. «غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ سول تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچىگە كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، سىرتقا قارىتا «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» دەپ ئاتالدى. جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خۇڭمېي: بۇ يەر ئارمىيەمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالاھىدە ئەسكەرلەر مەكتىپى بولغانىدى، دېدى.
«مەن بۇ يىل 24 ياشقا كىردىم، چۈشەندۈرگۈچى بولغىنىمغا پەقەت بىر يىل بولدى، كىچىكىمدىن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان بولساممۇ، بۇ يەردە خىزمەت قىلغاندىن كېيىنلا، ئىلگىرى شۇنچە كۆپ ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ مەن پىششىق بىلىدىغان جايدا ياشىغانلىقىنى بىلدىم» دېدى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى نادىرە ئەكبەر مۇخبىرغا.
«قاراڭلار، قىزىل ئارمىيەنىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان يەتتە - سەككىز ياشلار چامىسىدىكى بۇ كىچىك قىزچاقنى دادىسى بىلەن ئاپىسى بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە ئېلىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ بېرىلىپ كۆرۈۋاتقان تۇرقى بەكمۇ ئوماق ئىدى، بىز ئامراقلىقىمىز كېلىپ يان تېلېفونىمىزنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىۋالدۇق» دېدى جاڭ خۇڭمېي يان تېلېفونىدىكى بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ. خاتىرە ساراينى كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئالدىن كېلىشكەنلەرنىڭ ئۆچرىتى بىر ئايدىن كېيىنگىچە تىزىلىپ بولدى، ھەر كۈنى يەنە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر ئۆزلۈكىدىن كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.
ئۇلۇغ تۆھپە ۋە نەتىجىلەر تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالدى
خەلق قەھرىمانلىرىنىڭ قىزىل تومۇرىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قومۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسىدا «قومۇل تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنىنى تاۋلاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 30دىن ئارتۇق خەلق ساقچىسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.
«خاتىرە مۇنارى ئىنتايىن پاكىز بولسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا تەبىئىي ھالدا يېڭىمىز بىلەن سۈرتۈپ، پاكىز مۇھىت، پاك قەلبىمىز بىلەن قەھرىمانلار - قۇربانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى ئويلاشتۇق» دېدى خەلق ساقچىسى لى لېي. شۇ كۈنى ياش خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، قەھرىمانلار - قۇربانلارغا مەدھىيە ئوقۇدى، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھويلا ئىچىنى تازىلىدى.
بىر يىل ئىلگىرى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش مۇراسىمىنى ئەسلەپ، قومۇل خۇيكاڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى يوۋ شياۋلىن مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈش ھازىرمۇ ئېنىق كۆز ئالدىمدا. 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قومۇلنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش - داۋالاش ئەترىتىدىن ۋۇخەن فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغا ياردەمگە بارغان تۆت سېسترا قومۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ، تەنتەنىلىك پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەردى.
«ۋۇخەن فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا، بىز كۈندۈزى ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولدۇق، كەچتە خىزمەتنى تۈگەتكەندىن كېيىن، سىن ئارقىلىق يىراق قومۇلدىكى دوختۇرخانا پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىدىيە دوكلاتى قىلدۇق ھەم ئالدىنقى سەپتە پارتىيەگە كىردۇق» دېدى يوۋ شياۋلىن، «غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەرگىنىم ماڭا نىسبەتەن بىر قىزىل چېنىقىش بولدى. مەن غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش روھىدىن ئۆگىنىپ، لاياقەتلىك پارتىيەلىك سېسترا بولىمەن».
«غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ روھى قارىغاي - ئارچىلارغا ئوخشاش دائىم ياشىرىپ تۇرىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللىتىدىن قەھرىمانلار كۆپلەپ چىققان. ھاياتلىق توختاپ قالمىسا، كۈرەشمۇ توختاپ قالمايدۇ، بىز ھەممىمىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەيسەر ئىرادىسىدىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز» دېدى شەيىدە مەمەت.