تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياخشى ئىشنى پۇختا قىلىش، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى سىن يىغىنى ئاچتى

ياخشى ئىشنى پۇختا قىلىش، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى سىن يىغىنى ئېچىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى چۆرىدەشكە كۈچەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىدا خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۇقرالارنىڭ يۈرەك ساداسىنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىش ئورنىدا تۆھپە يارىتىش ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ھەقىقىي ئېرىشتۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتلام، تۈر بويىچە يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشنى پۇختا قىلىش، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.