تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەكتەپتە يېڭى قىياپەت نامايان بولدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش خۇشاللىقىغا چۆمدى

قورغاس ناھىيەسى ساربۇلاق بازارلىق مەركىزىي مەكتىپى:

مەكتەپتە يېڭى قىياپەت نامايان بولدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش خۇشاللىقىغا چۆمدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

4 - ئايدا، ئىلى دەريا ۋادىسى ئەڭ خۇش پۇراققا تولغان پەسىلنى كۈتۈۋالدى. قورغاس ناھىيەسى ساربۇلاق بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقان جاراڭلىق ئاۋازى تاغ جىلغىسىدا ياڭرىدى. سولياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن تەنتەربىيە مەيدانىدا، بالىلار ۋاسكېتبول ئويناپ، پۇتبول تېپىپ، يۈگۈرۈشۈپ ئويناۋاتاتتى.

مائارىپ ئادىللىقى قۇياش نۇرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى تولۇق يورۇتۇشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى ئۇچۇر راۋان بولمىغان، ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل بولغان چارۋىچىلىق رايونىدىكى مەكتەپلەر يېڭى كەيپىياتنى كۈتۈۋالدى.

چارۋىچىلىق رايونىدىكى مەكتەپلەر بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتكە ئايلاندى

ئېكران يېنىك چېكىلدى، ئۇزۇنلۇقى بىر سۇڭدىن ئاشمايدىغان بىر تال ياڭاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. «ساۋاقداشلار، بۇ ھازىرغىچە بايقالغان دۇنيادا بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مېۋە ئۈچكىسى ئويما بۇيۇمى، بۈگۈن، بىز بۇنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق، بىز بىرلىكتە ۋېي شۆيىنىڭ «ياڭاق كېمىسى خاتىرىسى»نى كۆرۈپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتەيلى. 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 8 - يىللىق 7 - سىنىپنىڭ دەرسخانىسىدا، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سۇ شياۋجىڭ بىر گەۋدىلەشكەن كومپيۇتېر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىردى.

يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىدىن مەنپەئەتلىنىپ، 2019 - يىلى ساربۇلاق بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ يەر كۆلىمى 100 مودىن ئارتۇق كېلىدىغان يېڭى ئورۇنغا كۆچتى، 14 زامانىۋى ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق بىناسى، تەجرىبە بىناسى توپى قەد كۆتۈرۈپ، بازاردىكى ئەڭ يارقىن بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتكە ئايلاندى. زامانىۋىلاشقان ئەسلىھەلەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئىلگىرىكى مەش بىلەن ئىسسىنىش، سۈيى يوق ھاجەتخانىغا كىرىش تارىخى بىلەن تەلتۆكۈس خوشلاشتۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق بىناسىنىڭ ھەربىر قەۋىتىگە بىۋاسىتە ئىچكىلى بولىدىغان سۇ ئۈسكۈنىسى ۋە سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا سەپلەنگەنىدى. مۇزىكا ئۆيى، گۈزەل سەنئەت ئۆيى، ئۇسسۇل ئۆيىدە ئوقۇغۇچىلار سەنئەت تالانتىنى تولۇق نامايان قىلماقتا ئىدى. چۈشتە ئازادە، يورۇق ئاشخانىدا تاماقنىڭ خۇش پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.

بىر ھەپتىلىك تاماق تىزىملىكىدە، ساۋزىميەن، تۇخۇم، لەڭمەن، قىزارتىپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى، گۆشسىز چىڭسەي قورۇمىسى... گۆش، تۇخۇم، سۈتتىن پەسىللىك كۆكتاتلارغىچە بار بولۇپ، گۆشلۈك، گۆشسىز تاماقلار ماسلاشتۇرۇلۇپ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغانىدى. «بىز ھەر ۋاقلىق تاماقنى تۈجۈپىلەپ ماسلاشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ تويغۇچە يېيىشىگە، ساغلام تاماقلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى ئاشخانا خىزمەتچىسى.

ھورى چىقىپ تۇرغان ئىسسىق پولۇنى يەۋېتىپ، ئوقۇغۇچى ئاقنار مۇنداق دېدى: «تاماق، قورۇمىلار ناھايىتى يېيىشلىك بولۇپ، ئاپام ئەتكەن تاماقنىڭ تەمىگە ئوخشايدۇ.» ئاقنارنىڭ ئۆيى چارۋىچىلىق كەنتىدە بولۇپ، مەكتەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەكتەپتە تاماقلىنىپ، يېتىپ - قوپىمەن، ئوقۇش ئۈچۈن بىر تىيىنمۇ خەجلىمەيمەن، مېنىڭ قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشىم «خاتىرجەم ئوقۇش».

مەكتەپتە مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلار بار بولدى

4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ياش ئوقۇتقۇچىلار ئوچۇق دەرسى ئەمدىلا ئاخىرلاشتى، 28 ياشلىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بېن سەيجاڭ دەرس باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش لايىھەسىنى يەنە تەڭشىدى.

بېن سەيجاڭ سەنشى يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزگەن، ئۈچ يىل بۇرۇن، ئۇ ئالاھىدە ئىش ئورنىلىق ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپ مەكتەپكە كەلگەن. «شەھەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېزىدىكى بالىلار بىزگە تېخىمۇ موھتاج» دېدى بېن سەيجاڭ مەكتەپتە قېلىش مەقسىتىنى تىلغا ئېلىپ.

خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق، بېن سەيجاڭ كۆپ تەرەپلىمە ئوقۇتۇش ماھىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، ئۇ يېتەكلىگەن پەن - تېخنىكا كوللېكتىپى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن رەڭدار دۇنيا ئېچىپ بەردى. بۇ يىل ئۇ ئۆي سېتىۋالدى، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان خوتۇنى بىلەن بىللە ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى.

«ئۇلار ياش، ھاياتىي كۈچكە تولغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئوقۇتۇش جەھەتتە ئىجادىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى» دەپ تونۇشتۇردى ساربۇلاق بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋېي دېۋېن.

ساربۇلاق بازىرى ئىلگىرى قورغاس ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالە ئەڭ كۆپ يېزا - بازار ئىدى، ئىلگىرى بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى خالايدىغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %30كە يەتمەيتتى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئىلگىرىكى نامرات كەنتلەرنى قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئالاھىدە ئىش ئورنىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى تەكلىپ قىلىش پىلانى قاتارلىقلار ئارقىلىق، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلدى، پەقەت ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەردىنلا 20 نەچچىسى تەكلىپ قىلىندى. نۆۋەتتە، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياشتىن تۆۋەن.

ياش ئوقۇتقۇچىلار كۆپەيدى، مەكتەپنىڭ خاس دەرسلىرىمۇ قىزىپ كەتتى. «بىز قەغەز قىيما، قورشاۋ شاھمات، ۋاسكېتبول، ئاۋىياتسىيە مودېلى قاتارلىق خاس كوللېكتىپلارنى تەسىس قىلدۇق، بالىلار ئەركىن تاللىيالايدۇ.» 20 نەچچە يىل مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋېي دېۋېن مۇنداق دېدى: «نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش كېرەك، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلارغا ياخشى ئاساس سالغاندىلا، ئاندىن بالىلارنى تېخىمۇ يىراقلارغا بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ».

مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ئوبوروت ئۆيى سېلىپلا قالماي، يەنە قەرەللىك ھالدا ئوقۇتقۇچىلارغا كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سۇپا ھازىرلاپ بەردى. مەكتەپ بىلەن ناھىيە بازىرىدىكى ئىلغار مەكتەپلەر باغلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، جياڭسۇدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار قەرەللىك ھالدا مەكتەپلەرگە مائارىپ يەتكۈزدى، ئوقۇتۇش سالونى ئۇيۇشتۇردى. نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىلار سانى ئىلگىرىكى 900 نەچچىدىن 1255كە كۆپەيدى.

مەكتەپنىڭ شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار خاتىرجەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللاندى، مائارىپ سۈپىتىمۇ ئۆستى. ۋېي دېۋېن خۇشال ھالدا مۇخبىرغا بۇلتۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا، بۇ مەكتەپتىكى %60 ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىنى، تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى. «ئاتا - ئانىلار مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىدىن بارغانسېرى ئۈمىدلىنىۋاتىدۇ، بىزمۇ تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولدۇق!» دېدى ۋېي دېۋېن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

بالىلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش ئاتا - ئانىلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى

9 - يىللىق 8 - سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى لېي يەننىڭ ئائىلە زىيارىتى خاتىرىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، نەتىجە تەھلىلى ۋە قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپى قاتارلىقلار بىلەن تولغانىدى.

بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە، لېي يەن بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىنىپتىكى 45 ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، 300 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈردى. «بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مەن ئائىلە زىيارىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەپ، قاراتمىلىق ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش لايىھەسى تۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن.» بۇ قېتىمقى ئائىلە زىيارىتى لېي يەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، «ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدىكەن».

لېي يەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقاندا، بالىلىرىنى ئوقۇشتىن توختىتىپ ئىشلەمچىلىك قىلدۇرىدىغان ئاتا - ئانىلار تېخى بار ئىدى، ھازىر بۇ خىل ئەھۋال قەتئىي يوق ئىكەن. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتەلىشىدىن شەرەپ ھېس قىلىدىكەن. مەكتەپ ئاتا - ئانىلار يىغىنى ئاچقاندا، ئاتا - ئانىلار ھەمىشە مەكتەپكە بالدۇر كېلىدىكەن، بىرىمۇ كەم قالمايدىكەن.

ساربۇلاق بازىرى چىبالاگا غەربىي كەنتى ئىلگىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت ئىدى، 2017 - يىلى بۇ كەنت نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولدى، كەنت ئاھالىسى ساغدات بايجۇما بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ تاغ ئېتىكىگە كۆچۈپ چۈشتى. ساغدات سەمىمىيلىك بىلەن، كۆچۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ بالىسىنىڭ تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. «پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، بالىلار بەك بەختلىك، بالىلارنىڭ بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ يىراقلارغا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.