تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ئەمدىلا باشلىنىشى بىلەن، قەشقەر شەھىرى سەمەن يېزىسى دۆڭئۆيلە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتئىمىن مامۇت مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى. مەمەتئىمىن شۇ جاينىڭ ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، پارنىك تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئىشلەپچىقارغان لازىنى مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ بازارغا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مو يەرنىڭ كىرىمىنى ئوتتۇرىچە 1200 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە ئاشۇرۇپ، ياخشى باھادا سېتىپ، ھەميېنىنى تومپايتتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، پۇختا، ئەستايىدىل ھالدا غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېپيېڭى قىياپەت بىلەن بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قاراپ تەكشى، سىلىق ئۆتۈشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

سىياسەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش

«مۇشۇ يىللاردا، بۇلۇڭكۆل يېزىسىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بىز ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلىدۇق.» ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى سۇبېشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ساۋۇت سېتىۋالدى مۇنداق دېدى: بۇلۇڭكۆل يېزىسى ھەربىر كەنت، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، دېھقان - چارۋىچىلار ئاممىسىنى چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىش، مىللىي قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ياساش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىش ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى.

«بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.» ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى ۋېنجۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بۇلۇڭكۆل يېزىسى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، پامىر ئېگىزلىكى پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ خاس سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىزنى ئۆزگەرتمەسلىك»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايدۇ. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ھەمدە يۇقۇم ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىرىمى تۇيۇقسىز ئازىيىپ كەتكەن ياكى چىقىمى تۇيۇقسىز ئېشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا بايقاش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدۇ. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملاشما ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇقىم تۇرالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش

«يېڭىدىن ئۆگەنگەن تېخنىكام بولغاچقا، مەن قۇرۇلۇش ئەترىتىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن، بۇنىڭ بىلەن كىرىمىمنى سىجىل ئاشۇرۇش ئاساسىم تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ!» قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى شوباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇكېرىم توختى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل، مەن قىشتىكى ئارىسالدى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يېزىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىناكارلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتىم، دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، تام قوپۇرۇش، ياغاچچىلىق قاتارلىق تېخنىكىلارنى قولمۇ قول ئۆگەتتى.

ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشۋىق قىلىش - تەربىيەلەش، مۈلۈك باشقۇرۇش، مۇستەھكەملەش - كېڭەيتىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان جايلار تەدرىجىي ھالدا خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا بۇرىدى.

خوتەن ۋىلايىتى ئومۇميۈزلۈك كەنتكە قايتىپ قايتا ئەھۋال ئىگىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، 1036 كەنت كەنتتە تۇرۇشلۇق سابىق 1 - شۇجىدىن 1400نى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ سابىق ئەترەت باشلىقىدىن 433نى كەنتكە قايتىپ قايتا ئەھۋال ئىگىلەشكە تەشكىللەپ تەكلىپ قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەكشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، يوچۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، كېڭەيتتى.

قەشقەر ۋىلايىتى قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىق كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان 65 مىڭ 600 نوپۇس ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان 178 مىڭ 500 نوپۇسقا قارىتا ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، كىرىم ئۆزگىرىشى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى سىجىل ئىز قوغلاپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپىنى تۈگىتىشكە ۋاقتىدا ياردەم بەردى.

كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنى كەسىپ تەرەققىياتى، ئىگىلىك تىكلەش - ئىشقا ئورۇنلىشىش، قانۇن بىلىملىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ماھارىتىنى ئۆستۈرىدۇ. مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىق كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىش، ھەممىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش

«كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول.» لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى توققۇزكالا كەنتى ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى قەلبىگۈلخان قادىر مۇنداق دېدى: بۇ يىل، توققۇزكالا كەنتى ھازىر بار بولغان سىياسەت ۋە مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ياردەم بېرىش - يۆلەشنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يەر، ئىختىساسلىقلار، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەركەزلىك قوللاپ، رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ھەرقايسى جايلار يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، تۈرلۈك كونكرېت خىزمەت تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنى بىرلىك قىلىپ يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى پىلانلاپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ. ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق زامانىۋى ئەسلىھە - جابدۇقلار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ كەسىپلەرنى يۆتكەش، خاس كەسىپلەرنى زورايتىش، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، مەنپەئەت باغلانما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى تەدرىجىي بېيىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.