تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ⑧

1952 - يىلى

1 - ئاي   يېرىم يىل داۋاملاشقان «ئۈچكە قارشى تۇرۇش»(خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش)، «بەشكە قارشى تۇرۇش» (پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش، باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىققا قارشى تۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى ئوغرىلاشقا قارشى تۇرۇش، ئىش - ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ، ماتېرىيالنى كەم ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاخباراتىنى ئوغرىلاشقا قارشى تۇرۇش) ھەرىكىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى.

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى غەربىي شىمال بىيۇروسى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى ھەم ئىلى رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ، شىنجاڭ رايونىغا «ئۈچكە قارشى تۇرۇش» كۈرىشىدە، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا جەزمەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. غەربىي شىمال بىيۇروسى ئالاھىدە مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ «جەزمەن بىرلىك سەپنى كۈچەيتىش ئاساسىدا <ئۈچكە قارشى تۇرۇش> كۈرىشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك».

1952 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 1 - بېتىدە ليۇ چىڭشەن، جاڭ زىشەننىڭ غايەت زور خىيانەتچىلىك دېلوسىنى پاش قىلىش توغرىسىدىكى خەۋەر ۋە خەلق گېزىتىنىڭ «ئۈچكە قارشى تۇرۇش» توغرىسىدىكى باش ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى   شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلتىيى دىخۇادا ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭ «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قوشۇنى»نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى فاڭجېن، ۋەزىپىلىرى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىش، سۇ ئىنشائاتلىرىنى پائال قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، چارۋىچىلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ياخشىلاش، ھەمكارلىق ئىشلىرىنى كېڭەيتىش، دۆلەتنىڭ سانائەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.

2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى   جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ۋەتەنگە قايتقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ غەربىي شىمال شۆبە ئۆمىكى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ غەربىي شىمالنى زىيارەت قىلىش شۆبە ئۆمىكى دىخۇاغا يېتىپ كەلدى.

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ۋەتەنگە قايتقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

3 - ئاينىڭ 30- كۈنى   شىنجاڭ گېزىتى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش قىسىملىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ماناس دەرياسى، قايدۇ دەرياسى، تۇدۇڭخابا دەرياسى ۋە ۋۇجياچۈدە زامانىۋىلاشقان، ماشىنىلاشقان تۆت دېھقانچىلىق مەيدانى بەرپا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

موسوۋەندىكى زامانىۋىلاشقان، ماشىنىلاشقان دېھقانچىلىق مەيدانى.

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى   ۋاڭ جېن شىنجاڭ ھەربىي رايونى 2 - پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپىدە مۇنداق جاكارلىدى: ھەربىي رايون 2 - پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شۇ ئاساستا شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى قۇرۇلىدۇ.

شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىدە رەسمىي ئوقۇش باشلاندى.

شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى دەرۋازىسى.

4 - ئاينىڭ 29- كۈنى   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «شىنجاڭدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونلىرىدا باندىتلار ئاپىتىنى تىنچىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا يوليورۇق»نى تارقاتتى. 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ توپىلاڭنى تىنچىتىپ، باندىتلارنى يوقىتىش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

5 -ئاي   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ يەر ئىسلاھاتى ۋە «ئۈچكە قارشى تۇرۇش» «بەشكە قارشى تۇرۇش» قاتارلىق بىرقانچە خىزمەت فاڭجېنى مەسىلىسى توغرىسىدا يوليورۇق تارقاتتى.

6 - ئاي   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭدا شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ۋاڭ ئېنماۋنى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئىسلاھاتى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يەر ئىسلاھاتىدا جەزمەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، «ئېھتىياتچان بولۇش، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش» فاڭجېنىنى قوللىنىش كۆرسىتىلدى.

شۇ ئايدا   شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنى تېجەپ قۇرغان 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى، 1 - ئىيۇل پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، سېمونت زاۋۇتى، ماشىنا زاۋۇتى، ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئۇن زاۋۇتى ئىلگىرى - كېيىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

1952 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 1 - ئىيۇل پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە   شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقان - چارۋىچىلار قۇرۇلتىيى دىخۇادا ئېچىلدى. يىغىندا ئۆلكىلىك دېھقانلار جەمئىيىتى كومىتېتىنى رەسمىي قۇرۇش قارار قىلىندى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا يەر ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت فاڭجېنى ۋە ۋەزىپىلىرى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. كۆلىمى مىسلىسىز بولغان، فېئوداللىق يەر تۈزۈمىنى يوقىتىدىغان يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا رەسمىي قانات يايدۇرۇلدى.

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك يەر ئىسلاھاتى كومىتېتى رەسمىي قۇرۇلدى. 12 مىڭدىن ئارتۇق يەر خىزمىتى كادىرى ئۆگىنىپ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، يەتتە خىزمەت ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، يەنجى، دىخۇا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ 1 - قارارلىق يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئىشلىدى.

يەر ئىسلاھاتى خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى زو چى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ يەرلىكنىڭ يەر ئىسلاھاتى خىزمىتى ئۆمىكىگە قاتنىشىدىغان كادىرلىرىغا سۆز قىلماقتا.

8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى   رەئىس ماۋ زېدۇڭ يەر ئىسلاھاتىدا يەرگە ئېرىشكەن كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى.

رەئىس ماۋ زېدۇڭ كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى.

پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلار رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقىنى خۇشال تەبرىكلىدى.

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ۋاڭ ئېنماۋ «<مەركەزنىڭ شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتىنى تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى يوليورۇقى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خۇلاسە»نى بەردى.

«خۇلاسە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭنىڭ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئاساسىي ھالقىسى شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئارمىيە باشقۇرۇش شەكلىدىن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا يۆتكەش بولۇپ، بۇ، شىنجاڭنىڭ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور بۇرۇلۇش.

12- ئاينىڭ ئاخىرى   شىنجاڭنىڭ ئۈچ يىللىق ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى ئاخىرلىشىپ، كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن   سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى\ لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.