تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ⑦

1951 - يىلى

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما يېڭى يىللىق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ماۋجۇشىنىڭ جاۋاب تېلېگراممىسى يوللاپ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشتى.

1951 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بىرىنچى بېتىنىڭ باش خەۋەر بېرىلىدىغان ئورنىغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ جاۋاب تېلېگراممىسى بېسىلدى. جاۋاب تېلېگراممىسىدا: خوتەن رايونىدا ئارمىيە - خەلق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەلگەن تېلېگرامما ئارقىلىق خەۋەر تاپتىم. سىلەرنىڭ پائال تۈردە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بەرگىنىڭلارغا؛ ھەم ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەرنىڭ مەڭگۈ ئىتتىپاقلىشىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قۇرۇلدى.

4 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ مىللەت سىياسىتى ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلغان شۆبە بىيۇرو كېڭەيتىلگەن يىغىنى دىخۇادا ئېچىلدى. يىغىن مەزگىلىدە ۋاڭ جېن مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىڭ تۇرىدىغان سىياسەتنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسىدا بەلگىلەنگەن مىللىي رايون ئاپتونومىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان توغرا سىياسەت ئىكەنلىكىنى مەركەزلىك چۈشەندۈردى. شۈ لىچىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى توغرىسىدىكى يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى غەربىي شىمال بىيۇروسى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىغا جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ، شۆبە بىيۇرونىڭ قوللانماقچى بولغان فاڭجېنىنى ئىنتايىن زۆرۈر ۋە توغرا دەپ قارىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جېن سۆز قىلدى.

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە   شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ھەر مىللەت، ھەر ساھە خەلق قۇرۇلتىيى دىخۇادا ئېچىلدى.

4- ئاينىڭ 29 - كۈنى   دىخۇادىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلاردىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خەلق مەيدانىدا ئوچۇق سوت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ قوراللىق جاسۇسى، توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى ئوسمان ھەم ئازادلىقتىن ئىلگىرى دىخۇادا چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قاتىل لى يىڭچى قاتارلىقلارنى سوتلىدى. ئوچۇق سوتتىن كېيىن، جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

ئوسمان، لى يىڭچى قاتارلىقلار خەلق تەرىپىدىن سوتلاندى.

4 - ئاي   خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 22 - بىڭتۇەنى شىخەنزە يېڭى شەھىرىنى قۇرۇشنى باشلىدى.

ۋاڭ جېن، تاۋ جىيۆ قاتارلىقلار شىخەنزىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلماقتا.

6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى.

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە   شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللار قۇرۇلتىيى دىخۇادا ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭ ئاياللار خىزمىتىنىڭ فاڭجېنى ۋە ۋەزىپىلىرى بېكىتىلدى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى.

9 - ئاي   شىنجاڭنىڭ سانائەت قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شاڭخەي يىخۇا پولات - تۆمۈر زاۋۇتى شىنجاڭغا كۆچۈرۈپ كېلىندى.

ئارقىدىن يەنە جىلىن، تيەنجىن، شاڭخەي، بېيجىڭ، گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىن بىناكارلىق، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، توقۇمىچىلىق، مېتاللورگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، سولياۋ، مېتال قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم كارخانىلار ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈن زاۋۇت بويىچە كۆچۈرۈپ كېلىندى.

1951- يىلى، خۇادۇڭ ھەربىي - مەمۇرىي كومىتېتى ئېتىبار باھادا سېتىپ بەرگەن يىخۇا پولات - تۆمۈر زاۋۇتى شىنجاڭغا كۆچۈرۈپ كېلىندى، ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇققا قارىماي جىددىي قۇرۇلۇش قىلدى.

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «شىنجاڭدا ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش - زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق»نى چىقاردى.

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش - زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. 1952 - يىلى 5 - ئايغىچە، شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرى ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش - زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى غەلىبىلىك تاماملىدى.

يەر ئىسلاھاتى كادىرلىرى ۋە كەمبەغەل دېھقانلار بىرلىكتە پومېشچىك - زومىگەرلەردىن ھېساب ئالماقتا.

12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىن 1000 كادىرنى شۆبە بىيۇرو كادىرلار مەكتىپىگە بېرىپ ئۆگىنىش قىلىشقا ئاجرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن يەرلىك پارتىيە كومىتېتىنى تولۇقلاپ، يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىنى قارار قىلدى.

كەمبەغەل دېھقانلارغا بىرىنچى قېتىم ئۆزىگە تەۋە يەر تەقسىملەپ بېرىلدى.

شۇ يىلى   خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 2 - جۈنى ۋە 9 - جۈن 27 - شىسى رېمونت قىلىشنى باشلىغان بەيياڭخې - قەشقەر - كېرىيە، قەشقەر - ئۇلۇغچات قاتارلىق ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2095 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۈچ تاشيول پۈتتى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يەتتە كومبايىن سېتىۋېلىپ، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.