تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلاردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى

ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشتات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

لى يىفېي باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى سىستېمىلىق ئەسلەپ ئۆتتى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.

لى يىفېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى، بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىغا ئائىت ئاساسىي ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى ئەستە چوڭقۇر، چىڭ ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.