ئاپتونوم رايون رەھبىرى تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى
ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
تيەن ۋېن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش» «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى نۇقتىلىق تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق قالتىس مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىش» قاتارلىق جەھەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى.
تيەن ۋېن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ 100 يىللىق پارتىيە تارىخى تەشۋىقات تەربىيەسىنى پۈتۈن يىلغا سىڭدۈرۈلگەن گەۋدىلىك ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تور بازىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ ئاممىنى يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن ئىشلار، ئامما باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك؛ كۆپ خىل شەكىل، تۈرلۈك تاراتقۇدىن پايدىلىنىپ قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ھەرىكەت ھالىتىنى كەڭ خەۋەر قىلىپ، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمنى چوڭقۇر قېزىپ، پارتىيە تارىخى تەشۋىقات تەربىيەسىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش، داغدۇغىلىق قىلىش كېرەك. كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.