تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ئاساسىي پونكىت قۇرۇلۇپ، ئۇچۇر «يېگانە ئارال»ىغا خوش دېيىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

دوۋيىنغا چىقىپ، ھەر خىل تورت ياساش سىنلىرىنى كۆرۈش، بۇ، شىنجاڭلىق قىز تۇمار ياسىننىڭ ھەر كۈنى جەزمەن قىلىدىغان ئىشى. «گەرچە دۇكان ئاچقان بولساممۇ، لېكىن مەن ياسىغان تورتنىڭ شەكلى بەك ئاددىي، ھېلىمۇ ياخشى تورغا چىقىپ ھەر خىل پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش بەك قولايلىق ئىكەن.» تۇمار ياسىننىڭ ئۆيى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شىخىشۇ يېزىسى يار ئاغزى كەنتىدە بولۇپ، ئىلگىرى بۇ كەنت تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچۇر جەھەتتە ئايرىلىپ تۇراتتى، ئالاقە قىلىشتا پەقەت ئىككى سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونىغا تايىناتتى.

2019 - يىلى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شىخىشۇ يېزىسى راسىكام كەنتىدە كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ راۋانلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ئېغىر نامرات كەنتلەرگە كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %99كە ئۆرلىدى.

شىخىشۇ يېزىسى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 2980 مېتىر ئېگىز بولۇپ، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئورنى ئەڭ چەت، يوللىرى خەتەرلىك، تەبىئىي مۇھىتى ئەڭ ناچار چېگرا يېزىسى. ناھىيە بازىرىدىن شىخىشۇ يېزىسىغىچە ئاپتوموبىل بىلەن سەككىز سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، 30 نەچچە «ئەگىم»دىن ئايلىنىپ مېڭىشقا، دېڭىز يۈزىدىن 3150 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاقاز داۋىنىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى... بۇ «پەلەك يولى» شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدىكى ئەڭ خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

«ئىلگىرى، يېزىدا توققۇز كەنتنىڭ ئۈچىدە پەقەتلا يان تېلېفون سىگنالى يوق ئىدى» دېدى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى قاغىلىق ناھىيەلىك شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چاڭ شېڭلى.

تۇمار ياسىن تۇرۇشلۇق كەنتتە سىگنال بولمىغاچقا، يان تېلېفون ئاساسەن زىننەت بۇيۇمى ھېسابلىناتتى. ھەر كۈنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى يېنىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆچرەت ساقلاپ ئولتۇراتتى.

بۇ كۆرۈنۈش جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى تيەن چۈەنچياڭنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى، 2018 - يىلى 1 - ئايدىن 2021 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۇ يار ئاغزى كەنتىدە 1 - شۇجى بولدى.

يار ئاغزى كەنتىدە 102 ئائىلىلىك 403 ئاھالە بار، كەنت ئاھالىلىرى تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى. كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىگە يىغىن ئېچىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلماقچى بولسا، ئەترەت باشلىقلىرى موتوسىكلىتقا مىنىپ ئائىلىمۇئائىلە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا توغرا كېلەتتى، كەنت كادىرلىرى ناھىيە بازىرىغا يىغىنغا بارغاندا يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ باشقا جايدىكى پەرزەنتلىرىگە ھېسابات يۆتكەپ، پۇل ئەۋەتىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالاتتى.

كەنتتىكى بەزى ياشانغانلار پۈتۈن ئۆمرىدە كەنتتىن چىقىپ باقمىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشى بېرىپ باققان ئەڭ يىراق جاي ئاپتوموبىل مۇساپىسىدە كەنتتىن سەككىز سائەت يىراقلىقتىكى يېزا بازىرى ئىدى. دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە شەھەر - يېزىلاردىكى تولدۇرغۇسىز «رەقەمدىكى ھاڭ» بۇ يەرنى ئۇچۇر يېگانە ئارىلىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.

2018 - يىلى، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىخىشۇ يېزىسىدا ئاساسىي پونكىت قۇردى.

«خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشىغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى، ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق قۇرۇلۇش مۇددىتى قىسقا، يول خەتەرلىك، قاتناش تەس بولۇش ئىدى» دېدى چاڭ شېڭلى.

شىخىشۇ يېزىسى راسكام كەنتى ئەينى يىلى شىنجاڭ بويىچە كەڭ بەلباغلىق تور ئەڭ ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلغان نامرات كەنت ئىدى. بۇ كەنتكە تۇتاشقان يولنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500 مېتىردىن ئاشىدۇ، قىسمەن قۇرۇلۇش بۆلەكلىرى 4950 مېتىردىن ئاشىدۇ، كەنتكە بارىدىغان قۇرۇلۇش ماددىي ئەشيالىرى ئاساسلىقى ئات ئارقىلىق سۆرەش، قولدا كۆتۈرۈش، مۈرىدە يۈدۈشكە تايىنىلىدۇ.

ئوپتىكىلىق كابېلنىڭ ھەرقايسى كەنتلەرگە ياتقۇزۇلۇشى، ئاساسىي پونكىت قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشى، 4G سىگنالى بىلەن تولۇق قاپلاشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر، يار ئاغزى كەنتىدە ھەممە ئائىلىدە يان تېلېفون بار، كەنت ئاھالىلىرىگە يىغىن ئېچىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشتا كەنت كادىرلىرى ۋىيشىندا ئۇقتۇرۇش قىلسىلا بولىدۇ.

كەنت ئاھالىسى مۇختار تۇرسۇن باشقا جايدا ئوقۇيدىغان قىزىغا ھېسابات يۆتكەپ، پۇل ئەۋەتىپ بەردى، ئەمدى كەنت كادىرلىرىغا ھاۋالە قىلمىسىمۇ بولىدۇ، يان تېلېفوندا ۋىيشىننى نەچچە قېتىم چەكسىلا، پۇلنى ئەۋەتكىلى بولىدۇ.

باشقا جايدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلارنى سېغىنغاندا، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تېلېفون بەرگىلى ياكى سىنلىق پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.

بالىلار بوشلۇق دەرسخانىسى ئارقىلىق، تاغ سىرتى، ھەتتا شىنجاڭ سىرتىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆتكەن دەرسنى تاللىسا بولىدۇ. تاغ ئىچىدە خەۋەرلىشىش تورىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەنت سىرتتىكى رەڭگارەڭ دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تاغدىن چىقىپ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «پايدىلانغىلى بولۇش، پايدىلىنالايدىغان بولۇش، ياخشى پايدىلانغىلى بولۇش»نى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش كەسپىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تور سىغىمىنى كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش سىجىل قانات يايدۇرۇلدى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان دەريا بويى كەنتىدىن «ئادەم ئاياغ باسمىغان جاي» دەپ ئاتالغان قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىگىچە قاتار - قاتار ئوپتىكىلىق كابېل ئورنىتىلىپ، ئاساسىي پونكىتلار ياسالدى، كەڭ بەلباغلىق تور تاغ ئىچى بىلەن تاشقى دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، «رەقەمدىكى ھاڭ»نى تولدۇرۇپ، بېيىش يولىنى ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.