تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت ئاھالىلىرى چىلان ئارقىلىق بېيىپ، كىچىك داچىلارغا كۆچۈپ كىردى

چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسى يۇلغۇنئېرىق كەنتىدە:

كەنت ئاھالىلىرى چىلان ئارقىلىق بېيىپ، كىچىك داچىلارغا كۆچۈپ كىردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يۇڭچياڭ

4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسى يۇلغۇنئېرىق كەنتىدىكى چىلانچى دېھقان سۇڭ لى چىلان دەرىخىنى ئوغۇتلاپ، تۇنجى قېتىملىق سۇغىرىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆيىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى بالكوندا ئولتۇرۇپ چاي ئىچتى. رەتلىك چىلانزارلىق بىلەن ئۆيلەردىن تەركىب تاپقان ئىناق مەنزىرە ئۇنى سەھرا تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلاندۇردى.

كىچىككىنە چىلان يۇلغۇنئېرىق كەنتىدىكى چىلانچى دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى. چىلانچى دېھقانلارنىڭ پۇلى بار بولدى، ئىككى قەۋەتلىك داچا سالدى، شەھەردىنمۇ ئۆي سېتىۋالدى. قىشتا ھاۋا سوغۇق بولۇپ كەتكەندە، پىكاپلىرىنى ھەيدەپ شەھەرگە كىرىپ تۇردى؛ يازدا ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، سالقىن كەنتكە قايتىپ كېلىپ تۇردى.

بېيىش كۆچىتى تىكىش

«بۇنچە چوڭ چىلان دەرىخىنى قومۇرۇۋەتسىڭىز بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ!» شۇ كۈنى، يۇلغۇنئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جۈنچېڭنىڭ چىلانلىقتا چىلان دەرىخىنى قۇمۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مۇخبىر نەسىھەت قىلماقچى بولدى.

«بۇنى سىز بىلمەيسىز، بۇ ئارىلاپ شالاڭلىتىش مەشغۇلاتى دەپ ئاتىلىدۇ. چىلان دەرەخلىرىنىڭ ئارىلىقى بەك زىچ بولۇپ كەتسە، شامال ئۆتۈشمەيدۇ، كۈن نۇرىمۇ ياخشى چۈشمەيدۇ، ئوتتۇرىدىكى بىر تۈپ دەرەخنى قومۇرۇپ، ئاندىن باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ تىكسەك، كېلەر يىلى چىلاننىڭ مەھسۇلات مىقدارى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!» دېدى ۋاڭ جۈنچېڭ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئوغۇتقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ۋاڭ جۈنچېڭ ئائىلىسىنىڭ چىلان دەرەخلىرىگە ئىشلىتىلگەن ئوغۇتنىڭ ھەممىسى 1000 چاقىرىم يىراقلىقتىكى گەنسۇدىن ئېلىپ كېلىنگەن توخۇ مايىقى ئىدى. چاقىلىق ناھىيەسى ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن بىيوئوغۇت توشۇپ كېلىپ، چىلانچى دېھقانلارنى تەمىنلىدى.

ۋاڭ جۈنچېڭنىڭ چىلانغا بولغان تونۇشىدا 20 نەچچە يىل ئىلگىرى ناھىيە كەنت ئاھالىلىرىنى چىلان ئۆستۈرۈشكە يېڭىدىن يېتەكلىگەن ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانىدى. «ئەينى چاغدا، نۇرغۇن كىشى چىلان ئۆستۈرۈشتىن پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغانىدى. كادىرلار تۇنجى كۈنى ئاممىغا ياردەملىشىپ چىلان كۆچىتى تىكتى، ئىككىنچى كۈنى بەزىلەر يەر ئاغدۇرغاندا كۆچەتلەرنى قەستەن قومۇرۇۋەتتى؛ يەر سۇغارغاندا سۇنى چىلان كۆچەتلىرىدىن ئەگىتىپ باشلاپ، كۆچەتلەرنى قەستەن قۇرۇتۇۋەتتى» دېدى ۋاڭ جۈنچېڭ ئەسلەپ.

يۇلغۇنئېرىق كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان، چىلان دەرىخى قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، بىخ چىقىرىشى كېيىن، چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزاق، يىل بويى قۇم - بورانغا ئۇچراپ تۇرسىمۇ، يەنىلا چېچەكلەپ مېۋە بېرەلەيدىغان بولغاچقا، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 2000 - يىلى، يۇلغۇنئېرىق كەنتى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن ناھىيەدە باشلامچىلىق بىلەن چىلان تىكتى.

20 نەچچە يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ، «چاقىلىق چىلىنى» پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «جۇڭگودىكى چىلان يۇرتى» «جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلات» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى. يۇلغۇنئېرىق كەنتىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى يوقلۇقتىن تەرەققىي قىلىپ نۆۋەتتىكى 7500 موغا يەتتى، چىلانچى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2003 - يىلىدىكى 2000 يۈەندىن ئېشىپ، 2019 - يىلى 37 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

يۇلغۇنئېرىق كەنتىدىكى چىلانچى دېھقانلار چىلان بازىرىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلارنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا چىلان بازىرى كاساتلاشقان چاغدىكى گاڭگىراشلارنىمۇ ھېس قىلدى. چىلانچىلىق كەسپىدە قانداق قىلغاندا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ چاقىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جوۋ جېڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، سۈپەتلىك ماركا يارىتىش، يولنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، چاقىلىق چىلىنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئورگانىك ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش چىلانچىلىق كەسپىدىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئاساسى».

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى تەستىقلاپ، يۇلغۇنئېرىق كەنتىنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

توردا چىلان سېتىش

مۇخبىر يۇلغۇنئېرىق كەنتىدىكى «ۋاڭخۇڭ» چېن شاۋمىڭنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ خوتۇنى ۋاڭ خۇي بىلەن ناھايىتى ئالدىراش ھالدا، چىلانلارنى خالتىغا قاچىلاپ، ئوراپ، مال سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

«ئىلگىرى چىلان پىشقاندا ئىچكىرى رايوندىكى سودىگەرلەرنىڭ ئىشىكىمىز ئالدىغا كېلىپ سېتىۋېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتۇق، پايدا ناھايىتى ئاز ئىدى. ھازىر، خوتۇنۇم ئىككىمىز كۈندە بىۋاسىتە كۆرسىتىمىز، ئائىلىمىزنىڭ 20 نەچچە مو يەردىكى چىلىنى سېتىشقا يېتىشمەي قالىدۇ، يەنە باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىلىنىنىمۇ سېتىۋالىمىز.» چېن شياۋمىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئالغان پايدىسىنى خۇشال ھالدا سۆزلەپ بەردى.

چېن شياۋمىڭنىڭ تۈرتكىسىدە، يۇلغۇنئېرىق كەنتىدىكى 37 ئائىلىلىك چىلانچى دېھقان ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز پويىزىغا چىقىپ، توردا سېتىش يولىدا مېڭىپ، كۆپ خىل يوللار بىلەن كىرىمىنى ئاشۇردى.

يۈسۈپ مىجىت ئىلگىرى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، ھازىر چىلان ئۆستۈرۈشنى ئۆگىنىۋالدى، يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىشنى باشلىدى. 2019 - يىلى، چېن شياۋمىڭ ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ چىلان سېتىشنى ئۆگىنىۋالدى. كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەنلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى، شۇ يىلى، ئۇ چىلاننى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يۈسۈپ «كېلولەن» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ كېلولەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن چاقىلىق ناھىيەسى چىلان يۇرتى چىلانچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەلى بابادا دۇكاننى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان تىجارەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپلا قالماي، يەنە يۇرتداشلارنىڭ بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

كىچىك داچىلارغا كۆچۈپ كىرىش

4 - ئايدىكى يۇلغۇنئېرىق كەنتى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان چىلانزارلىقلار ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. پاكىز، رەتلىك كەنت يولىغا يول چىرىغى ئورنىتىلغانىدى، رەتلىك، كىچىك ھويلىلىق قاتار - قاتار داچىلار كىشىنىڭ زوقىنى قوزغاپ، كىشىگە گويا ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت كەنتىگە كەلگەندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

سۇڭ لىنىڭ ھويلىسىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا پىكاپ توختىتىپ قويۇلغانىدى. «ھازىر تۇرمۇشىمىز ناھايىتى بەختلىك، ھەممە ئائىلە پىكاپ سېتىۋالدى، چىلانچى دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ناھىيە بازىرىدىن بىنا ئۆي سېتىۋالدى، يەنە بەزىلىرى كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن ئۆي سېتىۋالدى. ھەر يىلى چىلاندىن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ.» سۇڭ لىنىڭ چىرايىدا تولۇپ تاشقان بەخت جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

ئۆي ئىچىگە يېيىتىلغان ئاق مەرمەر تاشتا ئازراقمۇ چاڭ - توزان كۆرۈنمەيتتى، قارا رەڭلىك خۇرۇمدا قاپلانغان ياغاچ سافانىڭ يېنىدىكى چاي ئۈستىلىگە قويۇلغان كۈتۈنۈش چەينىكىدىن ھور كۆتۈرۈلۈپ، چاينىڭ سۇس مەززىلىك پۇرىقى تارىلىپ تۇراتتى. ئاشخانىدا، سۇڭ لىنىڭ خوتۇنى ياڭ شۇچىن تەبىئىي گاز ئوچىقىنى ئېچىپ، سۇ قاينىتىپ، قوي گۆشى توغراپ چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. «ئىلگىرى بىز كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، تاماق ئەتكەندە ئوتۇن، سامان قالايتتۇق، بىر ۋاق تاماقنى ئېتىپ يەپ بولغۇچە يۈز - كۆزىمىز <ئالا - بۇلا> بولۇپ كېتەتتى، ھازىرقى كۈنلىرىمىزدىن بىز ناھايىتى رازى!» دېدى ياڭ شۇچىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

چۈشتە، سۇڭ لى ئادىتى بويىچە تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر كۆردى. ياڭ شۇچىن مۇنداق دېدى: ئۇ تېلېۋىزور كۆرگەندە چوقۇم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى، ھەمدە يەرلىك خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ. خەۋەر كۆرگەندە ئاساسلىقى قايسى جاي، قايسى ئادەملەرنىڭ ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتە قايسى جايدا ئاپەت كۆرۈلسە، ئۇ ئامال قىلىپ پۇل ئىئانە قىلىدۇ. ئەتراپىدا كىم ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ داۋالاش ھەققىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۇ خەۋەر تاپسىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلاپ، پۇل ياردەم قىلىدۇ.

«كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيدە قېرىنداشلار كۆپ ئىدۇق، نامراتلىقتىن قورساقنىمۇ تويغۇزالماي، كۆپ جاپا تارتقانىدۇق. ھازىر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟» دېدى سۇڭ لى. ئۇ 2001 - يىلى چىلان تىككەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، جەمئىيەتكە جەمئىي 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق جاۋاب قايتۇردى.

«يۇلغۇنئېرىق كەنتىدە 45 ئائىلىلىك دېھقان ئىككى قەۋەتلىكتىن داچا سالدى. ھەيدەش كىنىشكىسى بارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پىكاپى بار، %80 كىشىنىڭ شەھەردە ئۆيى بار، كەنت ئاھالىلىرى قىشتا شەھەردە، يازدا كەنتتە تۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېدى يۇلغۇنئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەي جۇ پەخىرلەنگەن ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.